مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

20-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئۈچ جەزمەن»نى تەكىتلىدى

2022.10.19 19:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ئېچىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن يىغىنغا دوكلات بەردى، پۈتۈن دۇنيا كۆڭۈل بۆلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ دوكلاتىدا مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار جەزمەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جەزمەن كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشى، جەزمەن كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈشى كېرەك.

  بۇ «ئۈچ جەزمەن» كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. «ئۈچ جەزمەن»دىن يولداش ماۋ زېدۇڭ ئوتتۇرىغا قويغان «ئىككى جەزمەن»نى ناھايىتى ئاسانلا ئەسكە ئالالايمىز.

  1949-يىلى 3-ئايدا، ماۋ زېدۇڭ پارتىيە 7-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنىدا، يولداشلار جەزمەن كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇش، مەغرۇرلانماسلىق، ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق ئىستىلىنى داۋاملىق ساقلىشى، يولداشلار جەزمەن جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئىستىلىنى داۋاملىق ساقلىشى كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇ «ئىككى جەزمەن» ئارقىلىق پارتىيەمىز ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بولغاندىن كېيىن دۇچ كېلىدىغان يېڭى خىرىسلارنى تولۇق مۆلچەرلىگەن ئىدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلغاندا شىبەيپوغا كېلىپ، «ئىككى جەزمەن»دە چىڭ تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ دوكلاتىدا «ئۈچ جەزمەن»نى تەكىتلەپ، كۈچلۈك بۇرچ تۇيغۇسى، كۈلپەت ئېڭى ۋە كۈرەش روھىنى نامايان قىلدى.

  پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى — پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، غايە-ئېتىقادى، كۈرەش نىشانىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىغاندىلا»، پارتىيە باشتىن-ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولالايدۇ.

  پارتىيە ئىستىلى — پارتىيەنىڭ ئوبرازى، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى، خەلقنىڭ مايىل بولۇش-بولماسلىقىنى كۆزىتىدىغان بارومېتىر. «كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغاندىلا»، پارتىيە ئاندىن باشتىن-ئاخىر خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولالايدۇ.

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئاسانلا، داقا-دۇمباق چېلىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. «كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولغاندىلا»، پارتىيە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ.

  1949-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىبەيپودىن بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققاندا، ماۋ زېدۇڭ: «بۈگۈن بېيجىڭغا بېرىپ ئىمتىھان بېرىدىغان كۈن» دېگەن ئىدى. ھازىر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يەنە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى ئىمتىھان يولىغا ئاتلاندى.

  ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش — ئۇلۇغ ھەم مۈشكۈل ئىش، ئىستىقبالى پارلاق، ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق.

  «ئۈچ جەزمەن»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتكەندە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى چوقۇم يېڭى مۇساپىدە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل سەھىپىسىنى پۈتەلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ