شى جىنپىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

​بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ناملىق غايەت زور پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2022.10.19 09:28 مەنبە: خەلق تورى

  10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، يولداش شى جىنپىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى.□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى يولداش شى جىنپىڭ 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ۋە يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى پۇختا ئىگىلەش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى پۇختا ئىگىلەش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بۇرچ، ۋەزىپىنى پۇختا ئىگىلەش، ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى مۇھىم تەلەپنى پۇختا ئىگىلەش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى دەۋر تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە بايرىقى ئاستىغا «بىر پارچە قاتتىق پولات»تەك ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ناملىق غايەت زور پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ليۇ نىڭ، لەن تيەنلى، جوۋ جيابىن، جۇ شۆلەن، جېڭ جىمىڭ قاتارلىق بەش ۋەكىل ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ دوكلات توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشقان گۇاڭشى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، گۇيلىننىڭ تاغ - دەريالىرىنى ياخشى قوغداش، خاس يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ يۇقىرى نۇقتىسىدا تۇرۇلۇپ، كەلگۈسى بەش يىل، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق مەزگىلدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرى ۋە چوڭ سىياسەت - فاڭجېنلىرى ئىلمىي پىلانلىنىپ، بىر قاتار يېڭى پىكىر يولى، يېڭى ئىستراتېگىيە، يېڭى تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ بىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشىمىزغا، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشىمىزغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، ئۇلار بىردەك بۇ دوكلاتنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرى.

  شى جىنپىڭ ۋەكىللەر بىلەن بىللە چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلدى، نەق مەيدان كەيپىياتى قىزغىن بولدى. ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە مۇزاكىرىگە قاتناشقانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم بۇ يەردە ئولتۇرغان ھەرقايسى ۋەكىللەر ۋە گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدىكى 2 مىليون 500 مىڭدىن كۆپرەك پارتىيە ئەزاسىغا، 57 مىليون ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، 100 يىللىق ئۆزگىرىش بىلەن ئەسىر يۇقۇمى گىرەلىشىپ كەتكەن كەسكىن سىناق ئالدىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقتى، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىجىل ياخشىلاندى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، شەھەر - يېزىلارنىڭ قىياپىتى كۈنسايىن يېڭىلاندى، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيەت مۇقىم، چېگرا رايون تىنچ بولدى، گۇاڭشى تۇپرىقىدا ئالەمشۇمۇل تارىخىي زور ئۆزگىرىشلەر ھاسىل قىلىندى. بۇ نەتىجىلەر پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتى ۋە مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبىي چېگرا رايونىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى نامايان قىلدى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشىنىڭ جانلىق ئىخچام كارتىنىسى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆتكەن بەش يىل ۋە يېڭى دەۋردىن بۇيانقى 10 يىل پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە، ئىنتايىن ئالاھىدە بولدى. باشتىن كەچۈرمىگۈچە ئىشنىڭ قىيىنلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ، ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاساندەك بىلىنسىمۇ، ئەمما ناھايىتى جاپالىق. بۇ 10 يىلدا، ساھىلدىن ئۆتۈش خەتىرىگە دۇچ كەلدۇق، داۋانغا يامىشىش مۇشەققىتىگە دۇچ كەلدۇق، ئۆتكەلدىن ھۇجۇم بىلەن ئۆتۈشتەك قىيىنچىلىققىمۇ دۇچ كەلدۇق، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا بىر قاتار بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەر ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، بىر قاتار بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چوڭ سىياسەت - فاڭجېنلىرى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى تامامەن توغرا بولدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماس كېلىدۇ، بۇ يولدا توغرا مېڭىشىمىز، راۋان مېڭىشىمىز، يەنە مەزمۇت مېڭىشىمىز، ياخشى مېڭىشىمىز كېرەك. بىز تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا تارىخ ۋە خەلققە يېڭى ئەلا جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇرۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى چۈشىنىپ ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇللاردا ياخشى چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشىمىز كېرەك. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇش، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇش، جاھاننى كۆڭۈلگە پۈكۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى. بۇ ئالتە ماددىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش جەريانىدا ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنىڭ داۋلىسى، ئىلمىي قائىدىسى، پەلسەپەۋى قائىدىلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، سۆزنى چۈشىنىش، تېخىمۇ مۇھىمى مەنىسىنى چۈشىنىش، ئىشنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى چۈشىنىش، تېخىمۇ مۇھىمى ماھىيىتىنى چۈشىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتۈن جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن بۇيان، پارتىيە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشقا بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئۈزلۈكسىز پىشىپ يېتىلدۈرۈپ، ئەمەلىيەت جەھەتتە ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالغا سىلجىتتى ۋە كېڭەيتتى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى ۋە ماھىيەتلىك تەلىپى بايان قىلىندى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتى. بىز باشتىن - ئاخىر دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆز كۈچىمىزنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىغا قويۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم ئىگىلەپ، ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «بىر ئىشقا ئۇزاق يىل ئەجىر قىلىش كېرەك» دېگەن ئىرادە بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، «نەچچە مىڭ كىشى رەنجىتىلسە مەيلىكى، 1 مىليارد 400 مىليون كىشىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويۇشقا بولمايدۇ» دېگەن بۇرچ، مەسئۇلىيەت بىلەن تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنىڭ بىر يۈرۈش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ئاتتى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، بىز پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، مەڭگۈ پارتىيەنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خىسلىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيەنى باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇدرەتلىك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىتتىپاقلاشقاندىلا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ، كۈرەش قىلغاندىلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلققە زىچ تايىنىپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇردى، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى، نامراتلىققا قارشى جەڭ قىلىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقتى، يۇقۇمنى تىزگىنلەپ، زور ئاپەتكە تاقابىل تۇردى، ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇپ، كىرىزىسنى تۈگەتتى، قارىماققا ئۆتكىلى بولمايدىغان قىيىن ئۆتكەل، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى بىر - بىرلەپ بۆسۈپ ئۆتتى، كىشىلەر يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان جاھان مۆجىزىلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن ياراتتى. ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭدا نەتىجە ھاسىل قىلىش.

  شى جىنپىڭ گۇاڭشىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، چېگرادىكى مىللەتلەر رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىشتە تېخىمۇ زور بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا تېخىمۇ زور نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋردىكى ھەيۋەتلىك، گۈزەل گۇاڭشى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ