جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا يېپىلدى

2022.10.24 09:29 مەنبە: خەلق تورى

  ​يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى

  ​19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى(تۈزىتىلمىسى)» توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى

  ​شى جىنپىڭ قۇرۇلتايغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، يەنە يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىغا قەدەم قويدى. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى. 100 يىللىق مۇۋەپپەقىيەتلەر چەكسىز پارلاق، 100 يىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەنىڭ غەيرەت - شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرماقتا. بىزنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە كىشىلەر يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتىشقا تولۇق ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار. پۈتۈن پارتىيە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك

  10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا غەلىبىلىك يېپىلدى. يولداش شى جىنپىڭ قۇرۇلتايغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

  10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا غەلىبىلىك يېپىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، خۇ جىنتاۋ رەئىس سەھنىسىدە.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

  قۇرۇلتايدا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، قۇرۇق گەپ دۆلەت ئىشلىرىنى ئاقسىتىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ دېگەن داۋلىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كېلىپ، 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى(تۈزىتىلمىسى)» توغرىسىدىكى قارار ماقۇللانغاندىن كېيىن، 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا غەلىبىلىك يېپىلدى.

  قۇرۇلتايدا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، قۇرۇق گەپ دۆلەت ئىشلىرىنى ئاقسىتىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ دېگەن داۋلىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى.

  يولداش شى جىنپىڭ قۇرۇلتايغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ چېن، ليۇ خې، شۈ چىلياڭ، سۈن چۇنلەن، لى شى، لى چياڭ، لى خۇڭجۇڭ، ياڭ جيېچى، ياڭ شياۋدۇ، جاڭ يوۋشيا، چېن شى، چېن چۈەنگو، چېن مىنئېر، خۇ چۇنخۇا، گو شېڭكۇن، خۇاڭ كۇنمىڭ، سەي چى، خۇ جىنتاۋ، لى رۇيخۇەن، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، سۇڭ پىڭ، لى لەنچىڭ، زېڭ چىڭخۇڭ، ۋۇ گۇەنجېڭ، لى چاڭچۇن، خې گوچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى، يوۋ چۈەن، جاڭ چىڭلى قاتارلىق قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، يېپىلىش يىغىنى باشلاندى.

  بۈگۈن قۇرۇلتايغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىل 2378 كىشى، ئەمەلىي قاتناشقىنى 2338 كىشى. ئەمەلىي قاتناشقان ۋەكىل قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل سانىنىڭ يېرىمىدىن ئاشتى، بۇ، قۇرۇلتاينىڭ سايلام چارىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن.

  قۇرۇلتايدا ئالدى بىلەن ئىككى باش بېلەت نازارەتچىسى ۋە 36 بېلەت نازارەتچىسى ئىسىملىكى ماقۇللاندى.

  باش بېلەت نازارەتچىسى بىلەن بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ نازارەتچىلىكىدە، قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەر ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر نامسىز بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق 205 ئەزا، 171 كاندىدات ئەزادىن تەركىب تاپقان 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنى سايلاپ چىقتى، 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 133 ئەزاسىنى سايلاپ چىقتى.

  سائەت 11دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ پارتىيە مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىدا سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى. پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

  ئارقىدىن، قۇرۇلتايدا 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى. قۇرۇلتايدا يولداش شى جىنپىڭنىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن بەرگەن دوكلاتى تەستىقلاندى. قاراردا مۇنداق كۆرسىتىلدى: قۇرۇلتايدا ماقۇللانغان 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ دوكلاتى پارتىيە ۋە خەلق ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، پارتىيەنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى سىياسىي خىتابنامە ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى، ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.

  قۇرۇلتايدا مۇنداق قارالدى: دوكلاتتا ئىزاھلانغان قۇرۇلتاينىڭ باش تېمىسى قۇرۇلتاينىڭ جېنى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي پىروگراممىسى. پۈتۈن پارتىيە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  قۇرۇلتايدا 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ خىزمەتلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىلدى. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل ئىنتايىن ئالاھىدە، تولىمۇ ئۆزگىچە بەش يىل بولدى. بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، كەسكىن، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە ئارقا - ئارقىدىن كەلگەن غايەت زور خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەش روھى ئارقىلىق يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىنماي كەلگەن نۇرغۇن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن زور ئىش، مۇھىم ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

  قۇرۇلتايدا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغان 10 يىلدىن بۇيان، بىز پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدا مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئۈچ چوڭ ئىشنى باشتىن كەچۈردۇق: بىرىنچى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالدۇق، ئىككىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، ئۈچىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىش پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنقىلابىي تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ قۇدرەت تاپتى، جۇڭگو خەلقى تېخىمۇ كۈچلۈك تارىخىي ئاڭلىقلىق ۋە تەشەببۇسكارلىق روھىنى نامايان قىلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش توسۇۋالغۇسىز تارىخىي مۇساپىگە كىردى، ئىلمىي سوتسىيالىزم 21 - ئەسىردىكى جۇڭگودا يېڭى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولدى.

  قۇرۇلتايدا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى ئارقىسىدا قولغا كەلدى. پارتىيەنىڭ يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى تىكلىگەنلىكى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى تىكلىگەنلىكى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى، ئۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتا، ئەڭ مۇھىمى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش شەرت.

  قۇرۇلتايدا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز دادىللىق بىلەن نەزەرىيە ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى يېپيېڭى نەزەر دائىرە ئارقىلىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتا مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدە مەركەزلىك نامايان بولدى. بۇ ئىدىيەنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى، 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئوننى ئايدىڭلاشتۇرۇش»، «14تە چىڭ تۇرۇش»، «13 جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەت»لەرگە يىغىنچاقلاندى، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشىمىز ھەم ئۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ راۋاجلاندۇرۇشىمىز شەرت.

  قۇرۇلتايدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: ھازىردىن باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى − پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت.

  قۇرۇلتايدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئۇ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىگە، بولۇپمۇ دۆلەت ئەھۋالىمىز ئاساسىدىكى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − غايەت زور نوپۇس كۆلىمىگە ئىگە زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئومۇمىي خەلق ئورتاق بېيىيدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك بىر - بىرىگە ماسلىشىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىپ، ئومۇمىي خەلق ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىدە يېڭى ھالەت يارىتىش.

  قۇرۇلتايدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىشتىن ئىبارەت: 2020 - يىلىدىن 2035 - يىلىغىچە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ 2035 - يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە دۆلىتىمىز باي - قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ. كەلگۈسى بەش يىل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش قەدىمى باشلىنىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل.

  قۇرۇلتايدا مۇنداق تەكىتلەندى: ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، جەزمەن تۆۋەندىكى مۇھىم، زور پىرىنسىپلارنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش.

  قۇرۇلتاي دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىغا قوشۇلدى.

  قۇرۇلتايدا مۇنداق تەكىتلەندى: ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش شەرت.

  قۇرۇلتايدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنى تېزدىن دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش − سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەلىپى. شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىش شەرت.

  قۇرۇلتايدا مۇنداق تەكىتلەندى: «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» − جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتى، ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەن شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلايدىغان ئەڭ ياخشى تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئۇنىڭدا جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشىمىز شەرت. بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92 - يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى تۇرۇپ، بىرلىككە كېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ يېتەكچىلىك ھوقۇقى ۋە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

  قۇرۇلتاي دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خەلقئارا ۋەزىيەت توغرىسىدىكى تەھلىل ۋە دىپلوماتىيە خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرمىسىغا قوشۇلدى.

  قۇرۇلتايدا مۇنداق تەكىتلەندى: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇشى، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئۆزىنى يېڭىلىشى، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاشتا قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىغا دائىر تۈزۈم - قائىدە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي فۇنكسىيەسى ۋە تەشكىلىي فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىش، ئىستىل توغرىلاش - ئىنتىزام چىڭىتىشنى قاتتىق رىتىم ئارقىلىق يەنىمۇ كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى شەرت.

  قۇرۇلتايدا 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى. قۇرۇلتاي 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

  قۇرۇلتايدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى(تۈزىتىلمىسى)» توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى، بۇ تۈزىتىلمە ماقۇللانغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ، دەپ قارار قىلىندى.

  قۇرۇلتايدا مۇنداق قارالدى: پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا دائىر بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21 - ئەسىر ماركسىزمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگو روھىنىڭ دەۋر جەۋھىرى. قۇرۇلتاي يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئالغا سىلجىتقانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈشكە بىردەك قوشۇلدى.

  قۇرۇلتايدا مۇنداق قارالدى: 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە، پارتىيە باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ سەلتەنەتلىك تارىخىي داستاننى پۈتۈپ چىقتى، بىر قاتار ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ياراتتى، قىممەتلىك تارىخىي تەجرىبىلەرنى توپلىدى. قۇرۇلتاي پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى مەزمۇننى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈشكە قوشۇلدى. كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىش پارتىيە ۋە خەلقنىڭ يېڭىلمەس قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچى. پارتىيە ۋە خەلق قولغا كەلتۈرگەن بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسى كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن. قۇرۇلتاي كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، كۈرەش قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى مەزمۇننى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈشكە قوشۇلدى.

  قۇرۇلتايدا مۇنداق قارالدى: يولداش شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا پارتىيە ۋە خەلققە ۋاكالىتەن بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقتۇق، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىۋاتىمىز، دەپ تەنتەنىلىك جاكارلىدى، پارتىيە نىزامنامىسىگە بۇنىڭغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.

  قۇرۇلتايدا مۇنداق قارالدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى مەركىزىي ۋەزىپىسى قىلىپ بېكىتىلدى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى ئورتاق تەرەققىي قىلىش، ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ، كۆپ خىل تەقسىمات شەكلى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى قاتارلىق سوتسىيالىستىك تۈپ ئىقتىسادىي تۈزۈملەر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تىرىكى. قۇرۇلتاي يۇقىرىقى مەزمۇنلارنى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈشكە قوشۇلدى، ئومۇمىي خەلق ئورتاق بېيىشنى پەيدىنپەي ئىشقا ئاشۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە بولغان يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئىختىساسلىقلارنىڭ بىرىنچى بايلىق بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، خەلق ئىگىلىكىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلارنى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈشكە قوشۇلدى.

  قۇرۇلتايدا مۇنداق قارالدى: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش بىر تۈرلۈك ئۇلۇغ ھەم مۈشكۈل ئىش، كەلگۈسى پارلاق، ۋەزىپە ئېغىر، مەنزىل يىراق. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىشتىن ئىبارەت: 2020 - يىلىدىن 2035 - يىلىغىچە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ 2035 - يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە دۆلىتىمىز باي - قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ. پارتىيە نىزامنامىسىگە بۇ ھەقتە مۇناسىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.

  قۇرۇلتاي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىپ، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ تاكامۇللاشقان پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېموكراتىك سايلام، دېموكراتىك كېڭىشىش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك باشقۇرۇش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش تۈزۈمى ۋە تەرتىپىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش قاتارلىق مەزمۇنلارنى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈشكە قوشۇلدى.

  قۇرۇلتاي ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش؛ «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قەتئىي قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى توسۇش؛ تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق قىممەتلەرنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇزاققىچە تىنچ بولغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل بولغان دۇنيا بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈشكە قوشۇلدى.

  قۇرۇلتاي ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ غايىنى ئەستە چىڭ ساقلاش، ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، قۇربان بېرىشتىن قورقماي باتۇرانە كۈرەش قىلىش، پارتىيەگە سادىق بولۇپ خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق تەلەپلەرنى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈشكە؛ سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى كۈچەيتىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەت ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان قىلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈشكە؛ پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى تەشكىلىي لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇشنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ تەلىپىنىڭ بىرى قىلىپ پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈشكە قوشۇلدى.

  قۇرۇلتايدا مۇنداق قارالدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى − ئىشلىرىمىزغا رەھبەرلىك قىلىدىغان يادرولۇق كۈچ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. قۇرۇلتاي پارتىيە ئەڭ ئالىي سىياسىي رەھبىرىي كۈچ بولۇش، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈشكە قوشۇلدى.

  قۇرۇلتايدا مۇنداق قارالدى: پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە خىزمىتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى مۇۋەپپەقىيەت ۋە تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، قوبۇل قىلىپ ھەم ئۇنى ئومۇمىي پىروگرامما قىسمىدىكى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەزمۇنلار بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ قىسمەن ماددىلىرىغا مۇۋاپىق تۈزىتىش كىرگۈزۈش ناھايىتى زۆرۈر.

  قۇرۇلتايدا مۇنداق قارالدى: يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن كېيىن، پارتىيە ۋە دۆلەت دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپلىكى، كۈرەشنىڭ كەسكىنلىكى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسىنىڭ مۈشكۈللۈكى دۇنيادا ئاز ئۇچرايدۇ، تارىختا ئاز ئۇچرايدۇ، دەل يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنى تىكلەنگەچكە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچى ئورنى تىكلەنگەچكە، پارتىيەمىز پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى، تىنچ - ئامانلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى كۈچلۈك ھەل قىلىپ، پارتىيە، دۆلەت ۋە ئارمىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدا ساقلىنىۋاتقان ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى توسۇۋالغۇسىز تارىخىي مۇساپىگە ئېلىپ كىرىشكە تۈپتىن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. «ئىككىنى تىكلەش» پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور سىياسىي نەتىجىسى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل. پۈتۈن پارتىيە «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى جەزمەن چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى تېخىمۇ ئاڭلىق قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى تېخىمۇ ئاڭلىق قوغداپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى شەرت.

  قۇرۇلتاي تۈرلۈك قارالمىلارنى تاماملىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بارلىق ۋەكىللەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، قۇرۇلتاي تولۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىشەنچنى چىڭىتىش، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتۇش نىشانىغا يەتتى. بۇ، بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، كۈچ مۇجەسسەملەنگەن، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي بولدى. قۇرۇلتايدا ماقۇللانغان 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ دوكلاتىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇلدى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى تەھلىل قىلىندى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ باش تېمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ۋە يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەر ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ خۇلاسىلەندى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى ۋە ماھىيەتلىك تەلىپى قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەر بايان قىلىندى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا قارىتا ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈلدى، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بېكىتىلدى. بۇ دوكلات، پارتىيە ۋە خەلق ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى، ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. قۇرۇلتايدا ماقۇللانغان 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەمەلىيەت ئىزدىنىشى ۋە مۇھىم نەتىجىلىرى خۇلاسىلىنىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا بولغان ئىنتايىن مۇھىملىقى ئىزاھلاندى، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى كۆرسىتىپ بېرىلدى، پارتىيەنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان سەگەكلىكى ھەم پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىشتىكى كۈچلۈك ئىرادىسى رەسمىي ۋە تەنتەنىلىك رەۋىشتە ئېلان قىلىندى. قۇرۇلتايدا ماقۇللانغان پارتىيە نىزامنامىسى تۈزىتىلمىسىدە، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى نامايان قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا قارىتا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. قۇرۇلتايدا سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتتا ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى سەپلەر، ھەرقايسى ساھەلەردىكى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان تايانچلىرى ۋە مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى مەركەزلەشكەن، ساپاسى ياخشى، تارقىلىشى تەكشى، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى ۋە كادىرلار، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، ئۇلار چوقۇم پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت تارىخىي مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالالايدۇ. قۇرۇلتايدا يەنە سايلام ئارقىلىق يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بارلىققا كەلدى. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلار، قولغا كەلتۈرۈلگەن تۈرلۈك نەتىجىلەر مۇقەررەر سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچىلىك ۋە كاپالەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇرچىمىز شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىمىز مۇھىم، زور، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى چوقۇم ئەستە چىڭ ساقلاپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە نىزامنامىسىگە رىئايە قىلىپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز كېرەك؛ ھاكىمىيەت خەلق دېمەكتۇر، خەلق ھاكىمىيەت دېمەكتۇر، دېگەننى چوقۇم ئەستە چىڭ ساقلاپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، بىرلىكتە ئويلاپ، بىرلىكتە ئىشلەپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ سادالىرىنى پائال ئەكس ئەتتۈرۈپ، ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىمىزنى توغرا ئادا قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ۋە خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك؛ «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى چوقۇم ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداپ، باشلامچىلىق بىلەن سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە رىئايە قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، ساپا - ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ بارلىق ئەقىل - پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى تەقدىم قىلىپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا ئۈلگە بولۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىشەنچىنى يەردە قويماسلىقىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: قۇرۇلتاي مەزگىلىدە، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلار قۇرۇلتاينى تەبرىكلىدى، كەڭ خەلق ئاممىسى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق قۇرۇلتاينى تەبرىكلىدى، نۇرغۇن دۆلەتنىڭ سىياسىي پارتىيەلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى تېلېگرامما ۋە خەت ئەۋەتىپ قۇرۇلتاينى تەبرىكلىدى، قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى ئۇلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، يەنە يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىغا قەدەم قويدى. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى. 100 يىللىق مۇۋەپپەقىيەتلەر چەكسىز پارلاق، 100 يىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەنىڭ غەيرەت - شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرماقتا. بىزنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە كىشىلەر يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتىشقا تولۇق ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار. پۈتۈن پارتىيە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  قۇرۇلتاي سايلىمىدىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى ۋە ئىلگىرىكى مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار، بېيجىڭدىكى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، دىن ساھەسىدىكى ۋەكىللىك زاتلار، بېيجىڭدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرى ئىچىدىكى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلاردىن بولغان زاتلار، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋە مىللەت، دىن ساھەسىدىكى زاتلار مېھمان سۈپىتىدە قۇرۇلتايغا سىرتتىن قاتناشتى. پارتىيە ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل يولداشلارمۇ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  قۇرۇلتاي ھەيۋەتلىك «ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى» ساداسى ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى.

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ