شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق تەكىتلىدى

​باشتىن - ئاخىر ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2022.10.25 08:33 مەنبە: خەلق تورى

  10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا يېڭىلا سايلانغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىنى زىيارەت قىلغان جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلماقتا. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق، بىز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقتۇق، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. ھازىر، بىز يۈكسەك جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتىمىز.

  يېڭى مۇساپىدە، بىز باشتىن - ئاخىر كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش روھىي ھالىتىمىزنى ساقلىشىمىز كېرەك.

  يېڭى مۇساپىدە، بىز باشتىن - ئاخىر ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

  يېڭى مۇساپىدە، بىز باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

  يېڭى مۇساپىدە، بىز باشتىن - ئاخىر پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك.

  جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىمۇ جۇڭگوغا موھتاج.

  يېڭى مۇساپە شان - شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەر. ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ بولدى، بۇرغا چېلىندى. بىز كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ پارلاق ئەتىنى تىرىشىپ يارىتىشىمىز كېرەك.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا يېڭىلا سايلانغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتە خەلق سارىيىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىنى زىيارەت قىلغان جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.

  خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، كەيپىيات قىزغىن، تەنتەنىلىك ئىدى. 600دىن كۆپرەك جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرى بۇ يەرگە كېلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ تۇنجى كوللېكتىپ كۆرۈنۈشىنى پۈتۈن يەرشارىغا خەۋەر قىلدى.

  سائەت 12دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە زالغا كىرىپ، مەيداندىكى جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىغا قول ئىشارىتى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى سۈن يېلى قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يەردە ھەرقايسى مۇخبىر دوستلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. تۈنۈگۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلدى. بۇ، بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، كۈچ مۇجەسسەملەنگەن، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي بولدى. خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىغا يۈكسەك ئېتىبار بىلەن قارىدى. نۇرغۇن دۆلەتنىڭ سىياسىي پارتىيەلىرى تەبرىك تېلېگراممىسى، تەبرىك خېتى ئەۋەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرىنى دۆلەت رەھبەرلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، سىياسىي پارتىيە ۋە مۇھىم تەشكىلىي ئاپپاراتلارنىڭ رەھبەرلىرى ئەۋەتتى. بۇ يەردە، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن.

  شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشقا ئەزالىرىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپى ئەزالىرىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنىڭ ئىشەنگەنلىكىگە چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنى جەزمەن ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆز بۇرچىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى قەتئىي يەردە قويمايمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق، بىز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقتۇق، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. ھازىر، بىز يۈكسەك جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، بىز باشتىن - ئاخىر كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش روھىي ھالىتىمىزنى ساقلىشىمىز كېرەك. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئۈمىدى يۈكلەنگەن، جۇڭگو خەلقىنىڭ كۈرىشى ۋە تەرى مۇجەسسەملەنگەن. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئەمەلىيەت ئىزدىنىشىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بىر تۈرلۈك ئۇلۇغ ھەم مۈشكۈل ئىش. دەل مۈشكۈل بولغانلىقتىن ئۇلۇغ؛ دەل مۈشكۈل بولغانلىقتىن تېخىمۇ شەرەپلىك. بۇ ئىش ئۈچۈن، سانسىزلىغان ئەجدادلار جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، مىسلىسىز جاپا - مۇشەققەتلىك كۈرەش قىلدى، بىز ئۇلارنىڭ ئۆزىنى بېغىشلىغانلىقى ۋە قۇربان بەرگەنلىكىنى مەڭگۈ قەلبىمىزدە ساقلاپ كەلدۇق. بىز باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى بىلەن ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ، جاسارەت بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى مۇساپىدە، بىز باشتىن - ئاخىر ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ مۇساپىدە بىز خەلققە زىچ تايىنىپ ئارقا - ئارقىدىن تارىخ سەھىپىسىگە پۈتۈلگەن جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇردۇق. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، بىز يەنىلا خەلققە تايىنىپ يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىمىز. يول توسالغۇ بىلەن تولغان ھەم ئۇزۇن بولسىمۇ، لېكىن ئالغا ئىلگىرىلىسەكلا، چوقۇم مەنزىلگە يېتىپ بارالايمىز. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، مەيلى بوران - چاپقۇن بولسۇن، ياكى دەھشەتلىك دولقۇن بولسۇن، خەلق مەڭگۈ بىزنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم تايانچىمىز، ئەڭ كۈچلۈك ئىشەنچىمىز. بىز باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن قىيىن كۈنلەردە بىللە بولۇپ، خەلق بىلەن قەلبداش بولۇپ، خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئورۇنداپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئۈزلۈكسىز رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، بىز باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ ئەسلىي مەقسىتى ئۆزگەرمىگەن پارتىيەنىڭ ئاساسى مەڭگۈ ياشناپ تۇرىدۇ؛ شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان، يەنىلا باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىۋاتقان پارتىيەلا ھەممىدە غالىب كېلىدۇ. 100 يىللىق بوران - چاپقۇن، پولاتتەك تاۋلىنىش، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش ئارقىلىق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تېخىمۇ قۇدرەتلىك بولدى، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولدى. يېڭى مۇساپىدىكى يېڭى خىرىس، يېڭى سىناقلار ئالدىدا، بىز جەزمەن يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، ئىمتىھان بېرىدىغان سەگەكلىك ۋە ئېھتىياتچانلىقنى مەڭگۈ ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى توختىماي ئالغا سىلجىتىپ، 100 يىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەنى ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇنى باشتىن - ئاخىر جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك، ئەڭ كۈچلۈك تايانچىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى مۇساپىدە، بىز پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان قىممەتنى باشتىن - ئاخىر ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك. بۈگۈنكى دۇنيا مىسلى كۆرۈلمىگەن خىرىسقا دۇچ كەلدى. بىز ئەزەلدىن ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ئىگىلىشى ۋە بەلگىلىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدۇق. پەقەت بىرلىكتە جاھاندىكى داغدام يولدا ماڭغاندىلا، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىناق بىللە ئۆتۈپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىپ، قول تۇتۇشۇپ دۇنيانىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتالايدۇ. بىز ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە، تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان قىممەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداپ، دۇنيا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا سىجىل تۈرتكە بولىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىمۇ جۇڭگوغا موھتاج. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، بىز ئىقتىسادنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولۇشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنى ياراتتۇق. ھازىر، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى يېتەرلىك، ئايلىنىش ئىمكانىيىتى كەڭ بولۇپ، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشتەك ئاساسىي ئەھۋالى ئۆزگەرمەيدۇ. جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭ ئېچىۋېتىلىدۇ. بىز قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆز تەرەققىياتىمىز ئارقىلىق دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى مۇساپە شان - شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەر. ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ بولدى، بۇرغا چېلىندى. بىز كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ پارلاق ئەتىنى تىرىشىپ يارىتىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، مۇخبىر دوستلار قۇرۇلتاينى تولۇق خەۋەر قىلىپ، پۈتۈن دۇنياغا جۇڭگو ساداسىنى يەتكۈزۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشەببۇسىنى تارقاتتى، دۇنيانىڭ نەزەرى جۇڭگوغا تىكىلدى. سىلەرنىڭ جاپالىق خىزمەت قىلغانلىقىڭلارغا رەھمەت، كۆپچىلىك جاپا چەكتىڭلار. كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كۆپرەك بېرىپ ئايلىنىپ بېقىشىنى، كۆرۈپ بېقىشىنى، ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي ھالدا دۇنياغا جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، بىز باشتىن كەچۈرۈۋاتقان يېڭى دەۋر ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىشىنى قارشى ئالىمىز.

  سائەت 12دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇچرىشىش يىغىنى ئاخىرلاشتى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار قول ئىشارىتى قىلىپ جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن خوشلاشتى. پۈتۈن مەيداندا يەنە بىر قېتىم قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە شىنخۇا تورى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقاتتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ