مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇردى

لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

2022.10.25 21:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى كېچياڭ 10-ئاينىڭ 24-كۈنى گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى ئېچىپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدا ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ۋە يېڭى دەۋردىكى ئون يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەر ئەسلەپ ئۆتۈلدى ۋە يەكۈنلەندى؛ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى ۋە ماھىيەتلىك تەلىپى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر شەرھلەندى؛ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئىستراتېگىيەسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتى __ پارتىيەنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى. پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتى سايلاپ چىقىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسى ۋە گوۋۇيۈەن تارماقلىرى يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئون يىلدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. «ئىككى بېكىتىش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ بۇرچى، پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشتا، كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ نىشان-ۋەزىپىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى توغرا ئىگىلەپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش __ پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى قىلچە تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا قىلچە تەۋرەنمەي ئىلھام بېرىش، مەدەت بېرىش، يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى تېخىمۇ زور ئۇرغۇتۇش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قائىدە، تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش كېرەك. تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش لازىم. نۆۋەتتە ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى يەنىمۇ گەۋدىلىنىپ، 3-پەسىلدە ئىقتىساد سىجىل ئەسلىگە كېلىپ، 2-پەسىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ياخشى بولدى، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يەنىمۇ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەرنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، قاتناش ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا ۋە ئېنېرگىيە بىلەن مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئورتاق تىرىشىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە ئايلىنىشىنى ساقلاپ، مۇۋاپىق ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسى ۋە گوۋۇيۈەن تارماقلىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگىنىش، پارتىيە نىزامنامىسىگە رىئايە قىلىش، پارتىيە نىزامنامىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە نىزامنامىسىنى قوغداش لازىم. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پاك مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش لازىم. قۇرۇق گەپ قىلىشنىڭ دۆلەتنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغانلىقىنى، ئەمەلىي ئىشلەشنىڭ دۆلەتنى گۈللەندۈرىدىغانلىقىنى، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  خەن جېڭ، سۈن چۈنلەن، خۇ چۈنخۇا، ليۇ خې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، جاۋ كېجى قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ