مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈشى ۋە ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

«ئىككىنى بېكىتىش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش لازىم

2022.10.25 21:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 24-كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئىككىنى بېكىتىش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ باش شۇجىلىقىنى داۋاملىق ئۈستىگە ئېلىشى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسىنى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۇلۇغ ھەم مۈشكۈل ئىش، ئىستىقبالى پارلاق، ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغاندىلا، بىز ھەرقانداق بوران-چاپقۇننىڭ، ھەتتا دەھشەتلىك دولقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيمىز، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش تۈپ سىياسىي كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەت، يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنىڭ نېگىزى يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچى ئورنى بېكىتىلگەنلىكىدە. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئەمەلىيەت شۇنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدىكى، دەل باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغاچقا، پارتىيەمىز ۋە خەلقىمىز تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش مۇساپىسىنى تېزلەتتى. ئەگەر باش شۇجى شى جىنپىڭ بىزگە يېتەكچىلىك قىلمىغان بولسا، بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەت بولمىغان بولاتتى. دەل شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىلمىي سوتسىيالىزم 21-ئەسىردىكى جۇڭگودا يېڭى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئەڭ مۇھىمى «ئىككىنى بېكىتىش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا پارتىيە رەھبەرلىكى، بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، دائىم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، پارتىيە ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا، چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇنى پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر، تاشقى ئىشلار قاتارلىق خىزمەتلىرىدە ئومۇميۈزلۈك توغرا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋاڭ چېن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىدىن ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۇنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، ياڭ جېنۋۇ يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ