شى جىنپىڭ ئارمىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرلار يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

​پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى جاسارەت بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

2022.10.26 09:20 مەنبە: خەلق تورى

  10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ئېچىلغان ئارمىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

  10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ئېچىلغان ئارمىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. سۈرەتتە: يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ بارلىق ۋەكىللىرى، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر، سىرتتىن قاتناشقانلار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

  ■ پۈتۈن ئارمىيە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى جاسارەت بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرى تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

  ■ ئەمدىلا يېپىلغان پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، بۇ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش، ئارمىيەمىزنى تېزدىن دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ باش سىياسىي ۋەزىپىسى. پۈتۈن ئارمىيە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىنچىكە پىلانلاپ تەشكىللەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ زور ئىشنى چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، نەتىجە ھاسىل قىلىشى كېرەك. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ باش تېمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتى ۋە پارتىيە نىزامنامىسى قاتارلىق مۇھىم ھۆججەتلەرنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۇلارغا مۇجەسسەملەنگەن مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم قاراش، مۇھىم، زور ئىستراتېگىيە، مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك.

  ■ ئارمىيەمىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قويۇشى كېرەك، بۇ، كەلگۈسى بەش يىلدىكى ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى، جەزمەن پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، قەرەلىدە تاماملاش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىگە بولغان چۈشىنىش، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە چۈشىنىپ ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئالغا ئىلگىرىلەش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، زىممىگە ئالغان ۋەزىپىلەرنى كەم - كوتسىز دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ■ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر بېكىتىلدى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيە ئىشلىرىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ چىقارغان مۇھىم، زور سىياسىي ئورۇنلاشتۇرۇش. ھەربىي كومىتېت بەنزىسىدىكىلەر پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ئۈمىدىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ھەربىي كومىتېت خىزمىتىنى جان كۆيدۈرۈپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك. پۈتۈن ئارمىيەدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشى، ئۇرۇش قىلالايدىغان بولۇشى، يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر بولۇشى، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئېتىبار بېرىشى، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشى، زىممىسىدىكى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئارمىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئارمىيە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى جاسارەت بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرى تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې ۋېيدۇڭ، يولداش شۈ چىلياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل ئارمىيەمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئىنتايىن ئالاھىدە، تولىمۇ ئۆزگىچە بەش يىل بولدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئارمىيەنى ئارمىيەنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكلەپ، بىر تەرەپتىن كۈرەش قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن قۇرۇلۇش قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا بىر قاتار يېڭى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، بىر قاتار مۇھىم، زور ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئاساسلىق خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بەش يىلدىن بۇيان، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە تەرتىپكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيە يېتەكچىلىكىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ھەربىي كۈرەشنى قەتئىي، جانلىق قانات يايدۇرۇپ، ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يىرىك پىلاننى ئىجرا قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملىدى ھەم كېڭەيتتى، ئارمىيەمىزنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسى ۋە ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارى يەنە ئالغا قاراپ بىر زور قەدەم تاشلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئەمدىلا يېپىلغان پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، بۇ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش، ئارمىيەمىزنى تېزدىن دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ باش سىياسىي ۋەزىپىسى. پۈتۈن ئارمىيە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىنچىكە پىلانلاپ تەشكىللەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ زور ئىشنى چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، نەتىجە ھاسىل قىلىشى كېرەك. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ باش تېمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتى ۋە پارتىيە نىزامنامىسى قاتارلىق مۇھىم ھۆججەتلەرنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۇلارغا مۇجەسسەملەنگەن مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم قاراش، مۇھىم، زور ئىستراتېگىيە، مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئارمىيەمىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قويۇشى كېرەك، بۇ، كەلگۈسى بەش يىلدىكى ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى، جەزمەن پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، قەرەلىدە تاماملاش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىگە بولغان چۈشىنىش، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە چۈشىنىپ ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئالغا ئىلگىرىلەش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، زىممىگە ئالغان ۋەزىپىلەرنى كەم - كوتسىز دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر بېكىتىلدى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيە ئىشلىرىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ چىقارغان مۇھىم، زور سىياسىي ئورۇنلاشتۇرۇش. ھەربىي كومىتېت بەنزىسىدىكىلەر پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ئۈمىدىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ھەربىي كومىتېت خىزمىتىنى جان كۆيدۈرۈپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك. پۈتۈن ئارمىيەدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشى، ئۇرۇش قىلالايدىغان بولۇشى، يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر بولۇشى، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئېتىبار بېرىشى، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشى، زىممىسىدىكى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئارمىيەدىكى ھەر دەرىجىلىكلەر ھەربىي كومىتېت بېكىتكەن ئورۇنلاشتۇرمىلار بويىچە، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، يىللىق ۋەزىپىلەرنى ياخشى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يېڭى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپە - تەلەپنى ئىگىلەپ، يېڭى يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى پىلانلاپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ كېلەر يىللىق خىزمەتلىرىدە ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى بارلىق ۋەكىللەر، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر، سىرتتىن قاتناشقانلار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن لى شاڭفۇ، ليۇ جېنلى، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن ھەمدە يولداش لى زوچېڭ يىغىنغا قاتناشتى. ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى بۆلۈم، كومىتېتلار، ھەربىي كومىتېتقا بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى ئاپپاراتلار، ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە قوماندانلىق مەركىزى، ھەرقايسى ئۇرۇش رايونلىرى، ھەرقايسى ئارمىيەنىڭ قىسىم تۈرلىرى، ھەربىي كومىتېتقا بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى ئورۇنلار، قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ