مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

​پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

2022.10.27 08:52 مەنبە: خەلق تورى

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»نى قاراپ چىقتى

  ​جۇ‌ڭگو كو‌ممۇ‌نىستىك پا‌ر‌تىيە‌سى مە‌ر‌كىز‌ىي كو‌مىتېتىنىڭ با‌ش شۇ‌جىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا ر‌ىيا‌سە‌تچىلىك قىلد‌ى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»نى قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ■ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ باش سىياسىي ۋەزىپىسى. كەڭ كادىرلار، ئاممىنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتى ۋە پارتىيە نىزامنامىسىنى ئەينەن ئۆگىنىپ، تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، چىقىرىلغان يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەلەپلەرنى ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسى، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەرگە زىچ باغلاپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا قارىتا چىقىرىلغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. ئاساسىي رىتىمنى ياخشى ئىگىلەپ، يۆنىلىشنى ياخشى ئىگىلەپ، مەزمۇنى مول، شەكلى كۆپ خىل بولغان تەشۋىقات ـ تەربىيە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، چاقىرىق كۈچى، ئۇيۇشۇش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك. مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار تايانچ كۈچلەرنى ئاجرىتىپ لېكسىيە سۆزلەش قوشۇنىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن لېكسىيە سۆزلەشنى ياخشى تەشكىللەپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيە ئەمەلىيىتى ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنى چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا، ئاممىغا يەتكۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ باش سىياسىي ۋەزىپىسى. كەڭ كادىرلار، ئاممىنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتى ۋە پارتىيە نىزامنامىسىنى ئەينەن ئۆگىنىپ، تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، چىقىرىلغان يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەلەپلەرنى ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسى، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەرگە زىچ باغلاپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا قارىتا چىقىرىلغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. ئاساسىي رىتىمنى ياخشى ئىگىلەپ، يۆنىلىشنى ياخشى ئىگىلەپ، مەزمۇنى مول، شەكلى كۆپ خىل بولغان تەشۋىقات ـ تەربىيە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، چاقىرىق كۈچى، ئۇيۇشۇش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك. مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار تايانچ كۈچلەرنى ئاجرىتىپ لېكسىيە سۆزلەش قوشۇنىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن لېكسىيە سۆزلەشنى ياخشى تەشكىللەپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيە ئەمەلىيىتى ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنى چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا، ئاممىغا يەتكۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلەپلىرىنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت ئىچى - سىرتى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى تەھلىلى ۋە ھۆكۈمىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىسنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىدىيە تەييارلىقى ۋە خىزمەت تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جەزمەن كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، جەزمەن كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق سىياسىي مەسئۇلىيىتى، ئالدى بىلەن مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى باشلامچىلىق بىلەن پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش مىزانىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەلەپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىستىل قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش داۋاملىشىدۇكى، ئاخىرلاشمايدۇ. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا يېڭى ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىلدى، جەزمەن باشتىن - ئاخىر مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئۇزاق مۇددەتلىك، ئۈنۈملۈك پولات قائىدە، قاتتىق بەلگىلىمە قىلىپ، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى نۇقتىلىق تۈزەپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز قىلمىشلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇشى، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئۆزىنى يېڭىلىشى، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۆز تەۋەلىكىنى قاتتىق باشقۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىش، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارغا ئۈلگە تىكلەپ بېرىشى، باشلامچى بولۇشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ