خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مەركىزى ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى يېقىندا مەركەزنىڭ قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىش ۋە تۈزەش توغرىسىدىكى قارار-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى داۋاملىق چۇڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا كۈچەپ، ئۈنۈملۈك زەربە بېرىپ، 2022-يىلى 4-تۈركۈمدىكى يەتتە قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتنىڭ تور بېكىتى ۋە ئالاقىدار يېڭى تاراتقۇ ھېسابات نۇمۇرىنى قانۇن بويىچە تاقاپ، ئالاقىدار تور بەتلەرنى تازىلىغان.
بۇ قېتىمقى تاقاش، توختىتىش مەشغۇلاتى جۇڭگو لاگېر مائارىپ ئىتتىپاقى، جۇڭگو تېببىي دورا-سەھىيە باشقۇرۇش داشۆسى ئىتتىپاقى، مەملىكەتلىك كەسپىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش ئىتتىپاقى، دۆلەت ئېنېرگىيە تېجەپ كاربون ئازايتىش كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقى قاتارلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان يەتتە قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتقا چېتىلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، 2021- يىل 3- ئاينىڭ 20- كۈنى قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا زەربە بېرىش ۋە تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى قانۇنى»، «ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ تور بېكەتلىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن، ھازىرغىچە 13 تۈركۈمگە بۆلۈپ 165 قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلات تور بېكىتى ۋە ئۈندىدار، مىكرو بىلوگ قاتارلىق يېڭى تاراتقۇلارنىڭ ھېسابات نومۇرلىرىنى تاقاپ، تورسىز زەربە بېرىش، تۈزەش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، توردا ۋە تورسىز يېپىق تۈزەش ھالقىسىنى مۇستەھكەملىدى.
خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى زەربە بېرىش ۋە تۈزەش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، تور كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، توردا ۋە تورسىز ماس قەدەمدە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقىنى قەتئىي يوقىتىدۇ. خاراكتېرى قەبىھ، قايتا-قايتا تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرمىگەن قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلات قۇرغۇچىلارنى يەنە سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرىغا قانۇن بويىچە قانۇنغا خىلاپ ئالاقە تورى پونكىتى قۇرغۇچىلار قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.
خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئالاقىدار ئاپپاراتلار ۋە ئاممىغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلاشقاندا ياكى ئۇلارنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشقاندا، ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشكە چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك. مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ تىزىملاش ئۇچۇرىنى جۇڭگو ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسى، جۇڭگو ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرىكەتچان ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۈندىدارى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق توردا تەكشۈرگىلى بولىدۇ. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ جۇڭگو ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسىغا چىقىپ، «ئەرز قىلىش، پاش قىلىش» سەھىپىسى ئارقىلىق قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيىتىگە چېتىشلىق ئۇچۇرلار، ئاساسلىق مەسئۇل كىشىلەر ۋە غوللۇق خادىملارنىڭ يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىشىنى قارشى ئالىمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى