مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى: ياشانغانلار دورا ئىشلەتكەندە ئەكس تەسىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى داۋاملىق ئاشماقتا

2022.10.26 14:11 مەنبە: خەلق تورى

  ياشانغان بىمارلار دورا ئىشلىتىشتىكى ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا تەۋە بولۇپ، ئاساسىي كىسەللىك، جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارى قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن كۆپ خىل دورىنى بىرلا ۋاقىتتا يېگەچكە ئاسانلا ئەكس تەسىر پەيدا بولىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ دۆلەت دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 5- يىغىنىنىڭ 00079 نومۇرلۇق «ياشانغانلارنىڭ دورا ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش، دورا ئىلمى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ»كە يېقىندا دۆلەت دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى بەرگەن جاۋابىدا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئېلىمىزدە ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئېغىرلىشىشى ۋە داۋالاش، ساقلىق ساقلاش تۈزۈمىنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، ياشانغانلارنىڭ دورا ئىشلىتىش مىقدارى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، ناچار تەسىرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى داۋاملىق ئاشتى، ياشانغانلارنىڭ دورا ئىشلىتىشتىكى ناچار تەسىرنى تەكشۈرۈش، باھالاش ۋە تەھلىل قىلىپ قوللىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ياشانغانلارنىڭ دورا ئىشلىتىشتىكى ناچار تەسىرىنى كۆزىتىپ تەكشۈرۈشنى داۋاملىق كۈچەيتتى. 2021-يىللىق دورىنىڭ ناچار تەسىرىنى كۆزىتىپ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 65 ياشتىن ئاشقان ياشانغان بىمارلارغا بولغان ناچار تەسىرى توغرىسىدىكى دوكلاتتا بارلىق كىشىلەر توپىنىڭ 31.2 %ىنى ئىگىلەيدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.

  دۆلەت دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى جاۋابتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۆزىتىپ تەكشۈرۈشتە بايقالغان ياشانغانلارنىڭ دورا ئىشلىتىشتىكى خەۋپنىڭ ئېشىش ئەھۋالىغا قارىتا، دۆلەت دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋاقتىدا تېخنىكا كۈچلىرىنى تەشكىللەپ باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇن بويىچە تەدبىر قوللىنىپ ياشانغانلارنىڭ دورا ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  مەسىلەن، 2015- يىلى «دورىنىڭ ناچار تەسىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇر ئۇقتۇرۇشى» ئېلان قىلىنىپ، ياشانغانلارغا مېتوكسى خلورو پروتامىننى ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلدى؛ 2019- يىلى ئادەم ئىممۇنىتېت شارچە ئاقسىلىنى ۋېناغا ئوكۇل قىلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان خەۋپ-خەتەرگە قارىتا بىر تۇتاش تۈزىتىش كىرگۈزۈش چۈشەندۈرمىسى ئېلان قىلىنىپ، 65 ياشتىن ئاشقان بىمارلارنىڭ دورا ئىشلىتىش مىقدارى تەۋسىيە قىلىنغان مىقداردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى تەلەپ قىلىندى؛ 2021-يىلى، كىچىك پەربۇن، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ مېڭىنى قۇۋۋەتلەش دورىسى، زۇكام قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى ۋە سىرتتىن ئىشلىتىلىدىغان تەڭداشسىز مەلھەم دورا چۈشەندۈرۈشىگە بىر تۇتاش تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، «ياشانغان، تېنى ئاجىزلار دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىشلىتىشى كېرەك» دەپ ئەسكەرتىلدى، ھۆل زەھەر تازىلاش دورىسى ۋە بوغۇم ئاغرىقىنى توختىتىش مەلھىمى (رېتسېپسىز دورا چۈشەندۈرۈلۈشى)گە بىر تۇتاش تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، «ياشانغان بىمارلار دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىشلىتىشى كېرەك» دەپ ئەسكەرتىلدى؛ 2022-يىلى پروتون ناسوسىنى تورمۇزلىغۇچى دورا تۈرىدىكى دورىلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ياشانغان بىمارلار ئىشلەتكەندە سۆڭەك سۇنۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن، دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.

  كېينكى قەدەمدە، دۆلەت دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ياشانغانلارنىڭ دورا ئىشلىتىشتىكى ناچار تەسىرىنى كۆزىتىپ تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشىلايدۇ، ياشانغانلارنىڭ دورا ئىشلىتىشتىكى بىخەتەرلىكىگە بولغان ئېھتىياجىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ياشانغانلار توپىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ