مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىتالىيە يېڭى ھۆكۈمىتى قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى، مېلونى تۇنجى ئايال زۇڭلى بولۇپ قالدى

2022.10.24 14:55 مەنبە: خەلق تورى

  ئىتالىيەنىڭ يېڭى ۋەزىپىگە چۈشكەن ھۆكۈمەت زۇڭلىسى جورجىيا مېلونى ۋە ئۇنىڭ ئىچكى كابېنت ئەزالىرى 22-چېسلا ئىتالىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى كۇيرىنالې سارىيىدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى، شۇنىڭ بىلەن مېلونى ئىتالىيەنىڭ تۇنجى ئايال زۇڭلىسى بولۇپ قالدى.

  10-ئاينىڭ 22-كۈنى، رىمدا ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ماتارېللا (سولدا) ۋە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن زۇڭلى جورجىيا مېلونى قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جىنما مېڭنى فوتوسى.

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتتە ئىتتىپاق پارتىيەسىنىڭ باشلىقى مارتتېئو سالۋىنى مۇئاۋىن زۇڭلى، قوشۇمچە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى؛ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ سابىق باشلىقى ئانتونىئو تاياننى مۇئاۋىن زۇڭلى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى؛ سابىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرى جائىنكارلو جورجىتتى ئىقتىساد مىنىستىرى بولدى.

  ئىتالىيە ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، يېڭى ھۆكۈمەت يەنە پارلامېنتنىڭ ئىشىنىش ئاۋازىغا ئېرىشىشى كېرەك.

  ئىتالىيە 9-ئاينىڭ 25-كۈنى پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزدى. بېلەت نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، مېلونى رەھبەرلىكىدىكى ئىتالىيە ئاكا-ئۇكىلار پارتىيەسى ئېرىشكەن بېلەت نىسبىتى تەخمىنەن %26 بولۇپ، پارلامېنتتىكى بىرىنچى چوڭ پارتىيە بولۇپ قالغان. بۇ پارتىيە ئىتتىپاق پارتىيەسى ۋە سابىق زۇڭلى بېرلۇسكونى رەھبەرلىكىدىكى ئىتالىيە كۈچ پارتىيەسى بىلەن ئوتتۇرا ئوڭ قانات پارتىيە ئىتتىپاقى تەشكىللىگەن، ئېرىشكەن ئاۋاز تەخمىنەن %44 بولۇپ، باشقا پارتىيە ۋە پارتىيە ئىتتىپاقىنىڭ ئالدىدا تۇرغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ