مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭنىڭ بۇ جايلىرىدا تېمپېراتۇرا 8-5 سېلسىيە گرادۇس تۆۋەنلەيدۇ، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 10 بالدىن 11 بالغىچە بولىدۇ

2022.10.25 15:00 مەنبە: خەلق تورى

  قىرو چۈشۈكى مەۋسۇمى يېتىپ كېلىشى بىلەن سوغۇق ھاۋا ئېقىمىمۇ كەلدى. «بىر ياغسا كۈز يامغۇرى، بىر قېتىم بولىدۇ سوغۇق، ئون ياغسا كۈز يامغۇرى، كەيگۈلۈك پاختىلىق ئىشتاننى تولۇق». مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ھەپتىنىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرقى كۈنلىرىدە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كىرىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، قار-يامغۇر ۋە بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، ئامما سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىپ ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.

  مۆلچەرلىنىشىچە، 27- ئۆكتەبىر (پەيشەنبە) كۈندۈزدىن 28- ئۆكتەبىر (جۈمە) كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپىنچە جايلىرى، تەڭرىتاغ رايونى، قۇمۇل شەھىرى قاتارلىق جايلاردا سىم-سىم يامغۇر ياغىدۇ ياكى قارغا ئايلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى ۋە شەرقى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىدىكى تاغلىق رايون، قۇمۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار ياغىدۇ، تاغلىقتا قاتتىق قار ياغىدۇ. يۇقىرىقى قىسمەن رايونلاردا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزىدىكى شامال كۈچى 10-11 بالغا يېتىدۇ، تېمپېراتۇرا 5-8 سېلسىيە گرادۇس تۆۋەنلەيدۇ.

  شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى دېھقان دوستلارغا مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ: 10- ئاينىڭ ئاخىرىدا تېمپېراتۇرا شىمالىي شىنجاڭدا سەل تۆۋەن، جەنۇبىي شىنجاڭدا سەل يۇقىرى بولىدۇ؛ شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى ۋە شىمالىي قىسمىدا ھۆل-يېغىن كۆپرەك، باشقا رايونلاردا ئازراق بولىدۇ. مۆلچەرلىنىشچە، 10- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىكى ھاۋا رايى شارائىتى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا پايدىلىق بولۇپ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنىڭ كۈزلۈك يىغىم، تېرىم ۋە چارۋىلارنى كۆچۈرۈشىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدىكەن. جايلار كۈزلۈك يىغىم زىرائەتلىرىنى تېز يىغىش ۋە ئاپتاپقا سېلىشنى چىڭ تۇتۇشى ھەمدە ئېتىزلارنى كۈزلۈك ئاغدۇرۇش، قىشلىق سۇغىرىشنى ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ