مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىندى! بۇ كىشى ئەنگلىيەنىڭ يېڭى باش ۋەزىرى بولدى

2022.10.25 21:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئەنگلىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى پارتىيە باشلىقى سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىندى. پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىنىڭ داھىيسى پېننى موردانت ئەڭ ئاخىرقى پەيتتە سايلام رىقابىتىدىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىغانلىقى ھەمدە رىشى سۇناكنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن، سابىق مالىيە ۋەزىرى رىشى سۇناك بىردىنبىر نامزات سۈپىتىدە، ئۆزلۈكىدىن ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ يېڭى پارتىيە باشلىقلىقىغا سايلاندى، ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ 45 كۈندىلا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن ئېلزابىت تراسنىڭ ئورنىغا چىقىپ، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بولىدۇ. بۇ ھەم ئەنگىلىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئاسىيا پۇشتىدىن بولغان باش ۋەزىر.

  رىشى سۇناك

  ئەنگلىيە پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرى تەشكىلاتى «1922-يىللىق كومىتېتى»نىڭ رەئىسى برېدى بۇ نەتىجىنى ئېلان قىلدى. تاراتقۇلارنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، سۇناك جەمئىي 188 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، يېرىمدىن ئارتۇق قوللاشقا ئېرىشكەن (كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى تۆۋەن پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي ئورنى 357 بولغان). بۇنىڭدىن ئىلگىرى، شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە، سابىق باش ۋەزىر بورىس جونسون سايلام رىقابىتىدىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىغان.

  رىشى سۇناك 1980-يىلى ئەنگلىيەنىڭ جەنۇبىي ئامپتوندا تۇغۇلغان، 2015-يىلى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەنگلىيەنىڭ مالىيە ۋەزىرى بولغان. 2022-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى، شۇ چاغدىكى باش ۋەزىر بورىس جونسوننىڭ رەھبەرلىكىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقاتقانلىقتىن، سۇناك ھۆكۈمەتتىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ