مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رۇسىيە: ئۇكرائىنادا يادرو قورالى ئىشلىتىشنى ئويلاشمىدۇق

2022.10.26 14:13 مەنبە: خەلق تورى

  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 25-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋاسىلىي نېبېنزيا ب د ت باش كاتىپىغا خەت يېزىپ، رۇسىيەنىڭ بۇرۇن ياكى ھازىر ئۇكرائىنادا يادرو قورالى ئىشلىتىشنى ئويلاشمىغانلىقى، رۇسىيەنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭمۇ بۇنداق قورالنى ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكىنى تىلغا ئالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نېبېنزيا يەنە بۇ خەتنى رەسمىي ھۆججەت سۈپىتىدە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە ب د ت يىغىنىدا تارقىتىشنى تەلەپ قىلغان.

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگېي ۋىكتوروۋىچ لاۋروف 24-چېسلا مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ «رادىئاكتىۋلىق بومبا» ياساش تېخنىكىسىغا ئىگە ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى كونكرېت ئۇچۇرنى ئىگىلىدى ھەمدە ئۇكرائىنانىڭ «رادىئاكتىۋلىق بومبا»نى ئىشلىتىشنى پىلانلىغانلىقىغا ئىشىنىشكە تولۇق ئاساسى بار. «رادىئاكتىۋلىق بومبا» يادرونىڭ پارتلىشىنى پەيدا قىلمايدىغان رادىئاكتىۋلىق بومبا بولۇپ، روسىيە بۇ مەسىلىنى تېزدىن ب د ت غا تاپشۇرىدۇ.

  ئۇكرائىنا بۇنى كۆپ قېتىم ئىنكار قىلدى. ئۇكرائىنانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى كۇلېبا خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئورگىنىنى مۇتەخەسىسلىرىنى ئۇكرائىناغا كېلىپ، رۇسىيەنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئەيىپلىشىنى ئېنىقلاشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

  خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى 24- چېسلادىكى بىر باياناتىدا، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى رافائىل مارىئانو گروسسى ئۇكرائىنانىڭ يازما ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى دەلىللەپ، مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكىنى ئۇكرائىنانىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەۋەتىدىغانلىقىنى دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ