مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ مەھسۇلاتتىن ئىستېمال بېجى ئېلىنىدۇ

2022.10.27 11:05

  دۆلىتىمىز 11- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئېلېكترونلۇق تاماكىدىن ئىستېمال بېجى ئالىدۇمۇخبىرنىڭ 25- چېسلا مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مالىيە مىنىستىرلىقى، تاموژنا باش مەھكىمىسى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى يېقىندا بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئىستېمال بېجى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باج تۈزۈمىنىڭ ئادىللىقى ۋە بىرلىكىنى قوغداپ، ئىستېمال بېجىنىڭ ساغلام ئىستېمالغا يېتەكلەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، 2022-يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنى ئىستېمال بېجى ئېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، تاماكا بېجى تۈرىگە ئېلېكتىرونلۇق تاماكا تۈرىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە ئېلېكتىرونلۇق تاماكا ئىشلەپچىقىرىدىغان (ئىمپورت قىلىدىغان)، توپ ساتىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر ئىستېمال بېجى تاپشۇرغۇچىلار بولىدۇ. ئېلېكترونلۇق تاماكىغا باھاسىغا قاراپ نىسبەت بېكىتىپ باج ھېسابلىنىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش (ئىمپورت قىلىش) ھالقىسىنىڭ باج نىسبىتى %36، توپ سېتىش ھالقىسىنىڭ باج نىسبىتى %11 بولىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: باج تاپشۇرغۇچىلار ئېلېكتىرونلۇق تاماكا ئىشلەپچىقارسا، توپ ساتسا، ئېلېكتىرونلۇق تاماكا ئىشلەپچىقارغان، توپ ساتقان سوممىسى بويىچە باج تاپشۇرىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق تاماكا ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدا باج تاپشۇرغۇچىلار ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنى ۋاكالىتەن ساتقان بولسا، سېتىش سودىگىرى (ۋاكالەتچى سودىگەر) ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنى توپ سېتىش كارخانىسىغا سېتىپ بەرگەن سوممىسى بويىچە ھېسابلاپ باج تاپشۇرىدۇ. باج تاپشۇرغۇچى ئېلېكترونلۇق تاماكىنى ئىمپورت قىلغان بولسا، ئۆز ئىچىگە ئالغان باجنى ھېسابلاش باھاسى بويىچە ھېسابلاپ باج تاپشۇرىدۇ. ئېلېكترونلۇق تاماكا ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدا باج تاپشۇرغۇچىلار ئېلېكترونلۇق تاماكىنى ۋاكالىتەن پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى بىلەن شۇغۇللانسا، نامىدىكى تاۋار ماركىسى بولغان ئېلېكترونلۇق تاماكىنىڭ سېتىلىش سوممىسى بىلەن ۋاكالىتەن پىششىقلاپ ئىشلىگەن ئېلېكترونلۇق تاماكىنىڭ سېتىلىش سوممىسىنى ئايرىم ھېسابلىشى كېرەك؛ ئايرىم ھېسابلىمىغان بولسا، ئىستېمال بېجىنى قوشۇپ تاپشۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ