مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى جۇڭگوغا قارا سۈركىدى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز: ئامېرىكىنى بىھۇدە ھۇجۇمنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز

2022.10.26 14:14 مەنبە: خەلق تورى

  10- ئاينىڭ 25-كۈنى، دىپلوماتسىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بىر مۇخبىر ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى مېررىك گارلاندنىڭ جۇڭگوغا قارا سۈركىگەنلىكى توغرىسىدا سوئال سورىدى. ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو جۇڭگو پۇقرالىرىدىن تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا رېئايە قىلىشنى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كەلدى، ئامېرىكا قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىدىكى بەزى كىشىلەر سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشىدىكى نۆل يىغىندىلىق تەپەككۇر ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى بىر تەرەپلىمە قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك باھانە-سەۋەبلەرنى ۋە يالغان-ياۋىداق گەپلەرنى قايتا-قايتا ئويدۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگوغا بوھتان چاپلاپ، قارا سۈركەپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنى يولسىزلىق بىلەن باستۇرۇپ، جۇڭگولۇق قاچقۇن جىنايەتچىلەرنى ئاشكارا قانات ئاستىغا ئېلىپ، جۇڭگونىڭ قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇش، زاڭ مالنى قايتۇرۇۋېلىش تىرىشچانلىقىغا توسقۇنلۇق قىلىپ ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئامېرىكىنى چىرىك ئۇنسۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ «ھامىيسى» غا ئايلاندۇردى. ئامېرىكىنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرى ھەققانىيەت ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ قارشى تەرىپىدە تۇرۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزدى. بىز ئامېرىكىدىكى بۇ كىشىلەرنى باشقىچە يول تۇتۇپ، جۇڭگوغا ئاساسسىز ھۇجۇم قىلىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز، جۇڭگو ئۆز پۇقرالىرىنىڭ يوللۇق، قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى داۋاملىق قوغدايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ