مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدىكى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋەكىللەر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ قايتىپ كەلدى

2022.10.25 14:55 مەنبە: خەلق تورى

  10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋەكىللىرى يىغىننىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن، ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى.

  قۇرۇلتاي مەزگىلىدە، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەر بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە رايى ۋە ئەلرايىنى تۇتاشتۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تولۇپ تاشقان روھىي ھالىتى بىلەن مۇقەددەس بۇرچىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، دوكلاتنى ئۆگىنىش، مۇزاكىرە قىلىش، قۇرۇلتاي ھۆججەتلىرىنى قاراپ چىقىش، سايلامدا ئاۋاز بېرىش قاتارلىق قۇرۇلتاينىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، قۇرۇلتاينىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە ئۆزىنىڭ تېگىشلىك تۆھپىلىرىنى قوشتى.

  يېڭى مۇساپە شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەردۇر. خىزمەت ئورنىغا قايتىش ئالدىدا تۇرغان ۋەكىللەر ناھايىتى ھاياجانلاندى ۋە غەيرەتكە كەلدى.

  ۋەكىل خاۋ شياڭلى مۇنداق دېدى : پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كەنتتىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىغا يەتكۈزۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى يەنىمۇ ياخشى قۇرۇپ، كۈچلۈك پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىگە تېخىمۇ كۈچەيمەن!

  ۋەكىل زورىگۈل نىياز مۇنداق دېدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تۇنجى بولۇپ كارخانىلارغا، ئاساسىي قاتلامغا ئېلىپ بېرىپ، تەشۋىقاتنى جايىدا، جانلىق سۆزلەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرىمەن.

  ۋەكىل رىزۋانگۈل ساۋۇت مۇنداق دېدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنىڭ ياخشى يېتەكچىلىرى، تەشۋىقاتچىلىرى ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇپ، مەھەللىدىكى خىزمەتداشلىرىمنى يېتەكلەپ، ھەر مىللەت ئاممىسى ئەتراپىدىكى «كىچىك ئىشلار» دىن باشلاپ قول سېلىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ھەل قىلىپ، ئەل رايىغا ياقىدىغان، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمەن.

  ۋەكىللەر بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋەكىللەرنىڭ ئۈلگىلىك، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى چىن قەلبىمىزدىن ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ