مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

روسىيەنىڭ مۇئاۋىن زوڭتۇڭى خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتى روسىيە قىسمىنىڭ ئىشلىتىش مۇددىتىنى 2028- يىلغىچە ئۇزارتىشىمىز مۇمكىن، دېدى

2022.10.24 14:57 مەنبە: خەلق تورى

  روسىيەنىڭ مۇئاۋىن زوڭلىسى، قۇشۇمچە سانائەت ۋە سودا مىنىستىرى مانتۇروف 23- ئۆكتەبىر روسىيەنىڭ شەرقىي رايونى ئامۇر ئوبلاستىدىكى شەرقىي ئالەم قاتنىشىنى قويۇپ بېرىش مەيدانىدا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا مۇنداق دېدى: «خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدىكى روسىيە قىسمىنىڭ ئىشلىتىش مۇددىتىنى 2028-يىلغىچە ئۇزارتىشىمىز مۇمكىن.»

  روسىيە ئاگېنتىلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مانتۇروف مۇنداق دېگەن: «روسىيە <ئېنىرگىيە> راكېتا ئالەم گورۇھى خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدىكى روسىيە قىسمىنىڭ ئۈسكۈنىلىرى ۋە مودېللىرىنىڭ ئۇزارتىپ ئىشلىتىلىش مۇمكىنچىلىكىنى تېخنىكا نۇقتىسىدىن جەزملەشتۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇزارتىپ ئىشلىتىش پىلانى تۈزدى. خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتى روسىيە قىسمىنىڭ ئۇزارتىپ ئىشلىتىلىشىدە تېخنىكا جەھەتتە ھېچقانداق مەسىلە يوق».

  مانتۇروف مۇنداق دېدى: روسىيەنىڭ خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ روسىيە قىسمىنى ئۇزارتىپ ئىشلىتىشنى قارار قىلىشى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشىنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئۆز زېمىنىنىڭ لايىھەسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ساقلاش، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ئىناۋىتى ۋە تېخنىكا ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش پىرىنسىپى قاتارلىقلار ئۈچۈن ئىكەن.

  خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتى 1998- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن روسىيەنى ئاساس قىلغان، ياپونىيە، كانادا، ياۋروپا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىگە ئەزا دۆلەتلەر ۋە برازىلىيە قاتارلىق 16 دۆلەت بىرلىشىپ قاتناشقان خەلقئارا ھەمكارلىق تۈرى. خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ لايىھەدىكى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2015- يىلىغىچە بولغان، لېكىن ئىككى قېتىم ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2020- يىلى ۋە 2024- يىلىغىچە ئۇزارتىلغان، ھازىر ئۈسكۈنىلەرنىڭ كونىرىشى ئېغىر. روسىيە دۆلەت ئالەم قاتنىشى شىركىتىنىڭ باش لېدىرى بورىسوف 26-ئىيۇل مۇنداق دېگەن: «روسىيە 2024-يىلىدىن كېيىن خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتى تۈرىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ، شۇ چاغدا روسىيە ئوربىتا مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇپ چىقىدۇ».

  روسىيە <ئېنىرگىيە> راكېتا ئالەم گورۇھى باش لايىھەلىگۈچىسى سولوۋىيوف ئىلگىرى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «روسىيە ئوربىتا مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ قۇرۇلۇشى 2028-يىلىدىن بۇرۇن پۈتمەيدۇ، روسىيە ئوربىتا مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇلۇشى زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن بۇرۇن خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنى داۋاملىق ئىشلىتىدۇ».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ