مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىشىغا پەقەت بىر ئاي قالدى!

يەنە قانداق ئېنىقسىزلىقلار بار؟

2022.10.21 21:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يەنە بىر ئايدىن كېيىن، تۆت يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى قاتاردا رەسمىي باشلىنىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تۇنجى قېتىم پارس قولتۇقى رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، تۇنجى قېتىم شىمالىي يېرىم شاردا قىش پەسلىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، شۇنداقلا 20 يىلدىن كېيىن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئاسىياغا قايتىپ كېلىشى بولۇپ قالىدۇ.

  دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، نۇرغۇن توپ مەستانىلىرى بارغانسېرى تاقەتسىزلەندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ بىر ئايدا يەنە نۇرغۇن كۈتۈشكە ئەرزىيدىغان ئېنىقسىزلىقلار بار بولۇپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتمەكتىمىز.

  بىرىنچى ئېنىقسىزلىق: ھەر قايسى كوماندىلارنىڭ چوڭ تىزىملىكىدە تاسادىپىيلىق بارمۇ؟

  قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلىنىشقا بىر ھەپتە قالغاندا، 32 كۈچلۈك كوماندا ئارقا-ئارقىدىن ئۆزىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ، كۆپ ھاللاردا بەزى تالاش-تارتىشلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

  مەسىلەن، ئالدىنقى نۆۋەتلىك رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن، موراتا ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ چوڭ تىزىملىكىدىن چۈشۈپ قالغان، بېنزېما فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ تىزىملىكىگە كىرەلمىگەن، سانې گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ تىزىملىكىدىن چۈشۈپ قالغان ئىدى... بۇ تالاش-تارتىشلار كۆپ ھاللاردا شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئەگىشىپ داۋاملىشىدۇ، ھەتتا ئۇزۇن يىللارغىچە داۋاملىشىدۇ.

  ئىككىنچى ئېنىقسىزلىق: ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندىلار پەسكويدىن قۇتۇلالامدۇ؟

  بىر ئايلىق تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىن، ھەرقايسى كوماندىلارنىڭ مۇسابىقىگە تەييارلىق كۆرۈشىگە قالدۇرۇلغان ۋاقىت ئاز قالدى. لېكىن ئېنگىلاند، گىرمانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ ھالىتى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس.

  يېقىندا ئېنگىلاند كوماندىسىنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى دەرىجىسى تۆۋەنلىدى، ئالتە مەيدان مۇسابىقىدە ئاران ئۈچ مەيدان تەڭلىشىپ، ئۈچ مەيدان يېڭىلىپ قالدى، بىر گۇرۇپپىدىكى گېرمانىيە كوماندىسىنىڭمۇ ھالى بوشاپ قالدى، پەقەت بىر مەيدان ئۇتۇپ، تۆت مەيدان تەڭلىشىپ، بىر مەيدان يېڭىلىپ قالدى. فىرانسىيە كوماندىسىغا كەلسەك، يەنە كىشىلەرگە «تونۇشلۇق» ئىچكى نىزا پاتقىقىغا پېتىپ قالدى.

  ئۈچىنچى ئېنىقسىزلىق: يارىلىنىش كىملەرنى توسۇپ قالىدۇ؟

  يارىلىنىش تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ كۈشەندىسى، بولۇپمۇ مۇسابىقىدىن بۇرۇن يارىلىنىش تەنھەرىكەتچىلەرگە تېخىمۇ ئېغىر كېلىدۇ. بۇ بىر نەچچە كۈندە، فىرانسىيە كوماندىسىدىن كانت، پورتۇگالىيە كوماندىسىدىن جوتا يارىلىنىش سەۋەبىدىن دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ياۋروپادىكى بەش چوڭ بىرلەشمە مۇسابىقە مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ، توپچىلارنىڭ يارىلىنىش خەتىرىنى زورايتىدۇ. توپچىلارنىڭ يەنە يارىدار، كېسەل بولۇپ قالماسلىقىنى، ئوڭۇشلۇق ھالدا ئارزۇ قىلغان سەھنىسىگە چىقالىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  تۆتىنچى ئېنىقسىزلىق: دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى قىشتا قانداق ئۆتكۈزۈلىدۇ؟

  ئىلگىرى كىشىلەر كاۋاپ يەپ، پىۋا ئىچكەچ ئولتۇرۇپ، يازدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرەتتى، بۈگۈنكى كۈندە قىشتا ساماۋەر شورپىسى ئىچكەچ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرىدىغان بولدۇق. بۇمۇ بىر قېتىملىق مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى كەچۈرمىش بولىدىغان بولدى.

  بىراق، شۇ چاغدىكى قاتارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يەنىلا «ياز» كۈنلىرى بولۇپ، كۈندۈزدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا °25C ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك «مۇز ۋە ئوت» گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى زادى قانداق تەسىرات ئېلىپ كېلىدۇ، بۇمۇ بىر چوڭ ئېنىقسىزلىق ھېسابلىنىدۇ.

  بەشىنچى ئېنىقسىزلىق: قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ دەسلەپكى تەسىرى قانداق بولىدۇ؟

  دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تۇنجى قېتىم پارس قولتۇقى رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچى بار توپ مەيدانى، تۈرلۈك يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەر، يېڭى شەھەر... دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق كۆرۈش جەريانىدا، قاتارنىڭ «مەردلىكى» تولۇق نامايان قىلىندى.

  دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپ كوماندا، تاراتقۇ، توپ مەستانىلىرى قاتارغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، قانداق مەنزىرە كۆرۈلىدۇ؟ كىشىلەرگە قانداق تەسىرات ئېلىپ كېلىدۇ؟ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى قاتاردا قانداق يېڭىلىقلارنى نامايان قىلىدۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۈتۈشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

  ئالتىنچى ئېنىقسىزلىق: ئېچىلىش مۇراسىمى قانداق نامايان بولىدۇ؟

  گەرچە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا ئوخشاش ئاساسىي مەشئەلگە ئوت يېقىش قاتارلىق ھالقىلار بولمىسىمۇ، لېكىن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مەزمۇنلار نامايان بولىدۇ.

  قايسى خەلقئارالىق چولپانلار قاتنىشىدۇ؟ دۇنيا لوڭقىسى ئاساسىي ناخشىسى ئېچىلىش مۇراسىمىدا قانداق نامايان قىلىنىدۇ؟ كۆڭۈل قويۇپ لايىھىلەنگەن قانداق نومۇرلار بۇ يەرشارىۋى كاتتا زىياپەتنى كۈتۈۋالىدۇ؟ بۇ ئېنىقسىزلىقلار بىر-بىرلەپ يېشىلگەندە، قاتار دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىمۇ باشلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ