مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئەڭ تەس ھەم ئەڭ ئۇلۇغ» (مىكرو كۆرۈنۈش — باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى)

2022.10.18 16:18 مەنبە: خەلق تورى

  ۋاقتى: 2022-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن

  كۈنتەرتىپ: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلدى

  «ئۇنۋانىڭىز قايسى تەرتىپ بويىچە ماڭدى؟» __ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان، سېخ خىزمەت كىيىمى كىيگەن جېڭ جىمىڭدىن سورىدى. جېڭ ئۇستام گۇاڭشى ئاپتوموبىل گۇرۇھىدىن كەلگەن بولۇپ، 1-سەپتە 20 نەچچە يىل ئىشلىگەن، ئۇ ئاپتوموبىلنى تىلغا ئالغاندا يونۇش، سىلىقلاش، كەپشەرلەش، شىلىش قاتارلىق ئىشلاردىن بىلمەيدىغىنى يوق ئىدى.

  ئۇ باش شۇجىغا تەپسىلىي دوكلات قىلىپ مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىز يۇقىرى چەكنى بۇزۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى، مەن يېقىندىلا ئالاھىدە تېخنىك بولۇپ باھالاندىم، يەنە ئالىي ئىنژېنېر بولۇپ باھالاندىم. پارتىيەنىڭ سىياسىتى بىزدەك كەسپىي تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ئىشچىلارغىمۇ ياخشى چىقىش يولى تېپىپ بەردى. بۇنى ئىلگىرى ئويلاپمۇ باقمىغان.»

  «ھازىر كىرىمىڭىز قانداقراق؟»

  بۇ مەسىلىنى ئاڭلىغان جېڭ ئۇستام يۇقىرى ئاۋازدا: «ناھايىتى ياخشى! مەن ھازىر يىللىق مائاش تۈزۈمىدە، شىركەتنىڭ ئوتتۇرا قاتلام كادىرلىرى بىلەن بىر دەرىجىدە» دېدى.

  سلېسارلىق شاگىرتلىرىدىن چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىگە ئايلانغان بۇ يىللار دەل جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ ياسىمىچىلىق چوڭ دۆلىتىگە ئايلىنىپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتىگە قەدەم قويۇشنى تېزلەتكەن دەۋرى ئىدى. جېڭ جىمىڭغا ئوخشاش سان-ساناقسىز سانائەت ئىشچىلىرى ھەيۋەتلىك دەۋر دولقۇنىدا قەلبى ئارزۇ-ئارمانغا، ۋۇجۇدى كۈچ-قۇۋۋەتكە تولدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنىڭدىن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى ئىككى جۈملە سۆزنى ئويلىدى.

  بىر جۈملىسى ئىشچىلار سىنىپى توغرىسىدا بولۇپ: «دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىشچى-دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلغان خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىلىقىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت» دېگەن جۈملە ئىدى.

  بۈگۈنكى تېمىدىن بۇرۇنقى ئىشلارنى ئەسلەپ، باش شۇجى مۇنداق دېدى: «ئىشچىلار سىنىپىنىڭ سىنىپىي ئاساسى كېڭەيدى. ھازىر زىيالىيلارمۇ ئىشچىلار سىنىپىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئەمگەككە تايىنىپ بېيىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن 100 يىل ئىلگىرى ئىشچىلار ئەڭ ئېغىر ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىنغان، شۇنداقلا جۇڭگو ئىنقىلابىدا ئەڭ باتۇر ئىدى.»

  يەنە بىر جۈملىسى ياسىمىچىلىق ۋە ئەمەلىي ئىقتىساد توغرىسىدا بولۇپ: «ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك» دېگەن جۈملە ئىدى.

  بۇ چاغدا باش شۇجى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شەرھلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش — نوپۇس كۆلىمى غايەت زور بولغان زامانىۋىلاشتۇرۇشتۇر، بىز نەچچە يۈز مىڭ، نەچچە مىليون، نەچچە ئون مىليون ئادەمنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشىغا ئوخشىمايمىز، بەلكى 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسنى زامانىۋىلاشتۇرىمىز. «بىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشىمىز ھەم ئەڭ قىيىن، ھەم ئەڭ ئۇلۇغ. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئىشچىلار سىنىپىغا يېقىندىن تايىنىش كەم بولسا بولمايدۇ، ئىشچىلار سىنىپى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.»

  ئۇزۇن سەپەردە چوقۇم ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. يىغىن مەيدانىغا «ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش» ۋە «جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش»تىن ئىبارەت ئىككى پارچە خەت ئېسىلغان بولۇپ، دەل جۇڭگونىڭ جاپالىق يوللارنى بېسىپ، تۈنۈگۈندىن گۈللەپ ياشنىغان بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر، تومۇرداش بولۇپ چىڭ تۇرغانلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئىدى.

  جېڭ ئۇستام ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىدىكى بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى. ئىلگىرى ئۇلار باشقىلاردىن ئۆگىنىپ، زاپچاسلارنى چۇۋۇپ تەتقىق قىلاتتى؛ ھازىر «ئەينى يىللاردىكى ئالدىدا ماڭغانلارنىڭ بەزىلىرى بىزدىن ئۆگىنىپ، زاپچاسلىرىمىزنى چۇۋۇپ تەتقىق قىلىۋاتىدۇ.»

  بۇ بىر ئېغىز سۆز باش شۇجى شى جىنپىڭغا ئۆزىنىڭ فۇجيەندە خىزمەت قىلغان چاغلىرىنى ئەسلەتتى. ئەينى يىلى ئۇ ئۆمەك باشلاپ چەتئەلگە چىقىپ كەسىپ تەرەققىياتىنى كۆزدىن كەچۈرگەن ئىدى؛ نەچچە ئون يىل ئۆتۈپ كەتتى، جۇڭگو ياسىمىچىلىقى چەتئەللەرگە سېتىلدى. «مانا بۇ ئارىدىن ھېچقانچە ۋاقىت ئۆتمەي بارلىققا كەلگەن جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى».

  باش شۇجى چوڭقۇر مەنىلىك ۋە سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «ئىشچىلار سىنىپىمۇ ئۆزىنىڭ ساپاسى ۋە ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئىلگىرى پىرىستاندا يۈكنى ئادەم سۆرەيتتى، ھازىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۈك ساندۇقى مەشغۇلات قىلىدىغان بولدى. كەسپىي تېخنىكا مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. سانائەت ئىشچىلىرىنى كۆزگە ئىلماسلىققا بولمايدۇ، چوقۇم ئەمەلىي تۆھپىسىگە قاراش كېرەك! بىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر بىر قەدەمنى پۇختا باستۇق، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ھەقىقىي كۈچ چىقارغانلار بىزنىڭ ھۆرمەتلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئۇلارنى قانداق تەربىيەلەش، ئۇلارنىڭ رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز ۋە تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك، مانا بۇ ھەممىدىن مۇھىم».
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ