پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇرايلى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرەيلى|ۋەكىل زۇلھايات ئىسمائىل: ئىدىيەۋى– سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئارقىلىق ئېتىقادنىڭ كۈچىنى يەتكۈزىمەن

2022.10.26 14:07 مەنبە: خەلق تورى

  شىنجاڭغا قايتىدىغان كۈننىڭ ئالدىنقى كۈنى، يەنى 10- ئاينىڭ 23– كۈنى ۋەكىل زۇلھايات ئىسمائىل يۈك - تاقلىرىنى يىغىشتۇرۇۋاتقاندا، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىن قالدۇرغان خاتىرىسى، ئۆگىنىلگەن ۋە مۇزاكىرە قىلىنغان مۇھىم نۇقتىلار ۋە يىغىن مەزگىلىدىكى ئۆگىنىش تەسىراتى قاتارلىق ماتېرىياللىرىنى رەتلەپ، بەزىلىرىگە بەت نومۇرى سېلىپ تۈپلەپ چىقتى.

  زۇلھايات ئىسمائىل مۇنداق دېدى: مەن قەشقەر داشۆسىگە قايتقاندىن كېيىن، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە قۇرۇلتايغا قاتناشقاندىكى ھەقىقىي تەسىراتىمنى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئەينەن يەتكۈزۈپ، كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ مەزمۇنىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئوزۇق ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتىكى كۈچنى مۇجەسسەملەيمەن.

  پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرە نەق مەيدانىدا، ۋەكىل زۇلھايات ئىسمائىل سۆز قىلماقتا.

  20- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مائارىپنى ئاۋۋال تەرەققىي قىلدۇرۇش، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق يېتەكلەش ۋە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن-تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، سەرخىل يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ ئىشلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. قەشقەر داشۆسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى زۇلھايات ئىسمائىل مۇنداق دېدى: بۇ بىزنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىزنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

  زۇلھايات ئىسمائىل 22 يىل ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى، ئۇنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسى جانلىق، جەلپ قىلارلىق بولغاچقا، سانسىزلىغان «مەستانە»لەرنى جەلپ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى. ئۇ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسنى ئېتىقاد دەرسى، كىشىلىك تۇرمۇش دەرسى قىلىپ ئۆتۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىدىكى «چىراغ ياندۇرغۇچى» غا ئايلاندى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت يىغىنى قاتارلىق كۆپلىگەن مۇھىم سورۇنلاردا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى ـ سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى.

  ئىدىيىۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتۇشى بىلەن ئۇزۇن يىل شۇغۇللانغان زۇلھايات ئىسمائىل يېڭى دەۋردىكى ئون يىلدىكى ئىدىيىۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە گۇۋاھچى بولدى.

  زۇلھايات ئىسمائىل مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋردىكى ئون يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىش بىزنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى مەردانىلىك بىلەن ياخشى سۆزلىشىمىزنى جانلىق، يېڭى مەنبە بىلەن تەمىنلىدى. بىز ئىدىيەۋى - سىياسىي نەرەرىيە دەرسىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي يول ئارقىلىق پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ئېتىقادنىڭ كۈچىنى ياخشى يەتكۈزىمىز. كىيىنكى قەدەمدە قەشقەر داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنى شاڭخەي قاتناش داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنى بىلەن بىرلىكتە «ئىدىيىۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى كوللېكتىپ دەرس تەييارلاش يىغىنى» ئۆتكۈزۈپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا ماس كېلىدىغان نەزەر دائىرە بويىچە، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئېنىق، ھەر تەرەپلىمە، چۈشىنىشلىك سۆزلەپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، مېڭىگە كىرگۈزۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئۈن-تىنسىز ئوزۇقلاندۇرىدۇ.

  زۇلھايات ئىسمائىل مۇنداق دېدى: مەن شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قويۇپ، شەكىل، ئۇسۇلدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، توردا ۋە تور سىرتىدا ئۆتۈشنى بىرىكتۈرۈش، پىكىر ئالماشتۇرۇپ سوئاللارغا جاۋاپ بېرىش، سۆھبەتلىشىپ مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق شەكىللەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىمەن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالاقىدار مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەلىپىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيىسى بىلەن قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيىنىڭ ئەسلى مەقسىتى ۋە بۇرچى بىلەن چاقىرىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىردىشى، ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنىڭ ھەۋەسكارى بولۇپ، كەڭ ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيەنىڭ سۆزىنى قەتئىي ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، دادىل ئويلايدىغان، كۆڭۈل قۇيۇپ نەتىجە يارىتىدىغان، غايىلىك، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان، جاپاغا چىدايدىغان، كۈرەش قىلالايدىغان يېڭى دەۋردىكى ياخشى ياشلاردىن بولۇشقا ئىرادە باغلاشقا يېتەكلەيمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ