مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۇنيا بويىچە ئالدىنقى %2 داڭلىق ئالىملار تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ 11 پەن تەتقىقات خادىمى تاللاندى

2022.10.25 21:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبە ئاكادېمىيەسىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا ئامېرىكا ستانفورد داشۆسى 2022-يىللىق دۇنيا بويىچە ئالدىنقى %2 ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىملار تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبە ئاكادېمىيەسىدىكى 11 پەن تەتقىقات خادىمى تاللانغان بولۇپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىدىكى تۆت پەن تەتقىقات خادىمى ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا-خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىدىكى يەتتە پەن تەتقىقات خادىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن؛ گىيولوگىيە، تەبىئىي جۇغراپىيە، مۇھىت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە، دورا ھەم بىيو مولېكۇلا خىمىيەسى، ئانئورگانىك خىمىيە قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن.

  دۇنيا بويىچە ئالدىنقى %2 ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىملار تىزىملىكىنى سىتانفورد داشۆسىنىڭ جون ئايئوننىدىس پىروفېسسورلار كوللېكتىپى ئېلان قىلغان، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغىنى تىزىملىكنىڭ 2022-يىللىق نۇسخىسى شۇنداقلا بۇ كوللېكتىپ ئېلان قىلغان 4-نۇسخىسى. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇمات ۋاقتى 1960-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولۇپ، دۇنيادىكى 200 مىڭ 409 نەپەر ئالىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تىزىملىك «ئۆمۈرلۈك ئىلىم-پەن تەسىر كۈچى تىزىملىكى (1960-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە)» ۋە «2022-يىللىق ئىلىم-پەن تەسىر كۈچى تىزىملىكى»گە بۆلۈنگەن، ئالدىنقىسىدا ئالىملارنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئۇنىۋېرسال تەسىر ئىپادىسى ئىستاتىستىكا قىلىنغان؛ كېيىنكىسىدە ئالىملارنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئىلمىي تەسىرى تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈلگەن.

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە-جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىدىكى شياۋ ۋېنجياۋ، چېن يانىڭ، چېن شى، جاڭ يۈەنمىڭدىن ئىبارەت تۆت پەن تەتقىقات خادىمى بىرلا ۋاقىتتا «ئۆمۈرلۈك ئىلىم-پەن تەسىر كۈچى تىزىملىكى»گە ۋە «2022-يىللىق ئىلىم-پەن تەسىر كۈچى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن؛ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا-خىمىيە تەتقىقات ئورنىدىكى پەن شىليې، ئەكبەر ئەيسا، ما پېڭچېڭ، ياڭ جىخۇا، جاڭ مىن، مىرىدىن مۇتەللىپ، ئابدۇكېرىم قادىردىن ئىبارەت يەتتە پەن تەتقىقات خادىمى «ئۆمۈرلۈك ئىلمىي تەسىر كۈچى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە پەن شىليې بىلەن ما پېڭچېڭ بىرلا ۋاقىتتا «2022-يىللىق ئىلمىي تەسىر كۈچى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ تىزىملىكتە Scopus سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ئاساسىدا، ئومۇمىي نەقىل كەلتۈرۈش مىقدارى، مۇستەقىل ئاپتور، مۇستەقىل ياكى بىرىنچى ئاپتور قاتارلىق ئالتە خىل ئاچقۇچلۇق ئامىل كۆرسەتكۈچىگە قاراپ نومۇر قويۇلۇپ، 7 مىليونغا يېقىن ئالىم ئىچىدىن دۇنيا بويىچە ئالدىنقى %2 ئالىم تاللاپ چىقىلغان بولۇپ، ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن، سانائەت پەنلىرىنى قاپلىغان، 22 ساھە ۋە 176 تارماق پەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئالىملارنىڭ بۇ تىزىملىككە تاللىنىشى ئۇلارنىڭ ھەرقايسى پەنلەر ساھەسىدىكى تەتقىقاتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتقانلىقىدىن، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا كەڭ كۆلەمدە قوبۇل قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىپلا قالماستىن، يەنە تۇرۇشلۇق ئاپپاراتنىڭ كۈچلۈك پەن تەتقىقات ئەمەلىي كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ