مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ تىببىي داشۆ قارىمىقىدىكى 2- دوختۇرخانا بىلەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى دوختۇرخانىسى يېڭىدىن «سېرىق كود» دوختۇرخانىسى قىلىپ بېكىتىلدى

2022.10.24 15:16 مەنبە: خەلق تورى

  نۆۋەتتىكى يۇقۇم مۇداپىئە-تىزگىن ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە ئەتراپتىكى يۇقىرى، ئوتتۇراھال خەۋپلىك رايوندىكى بىمارلارنىڭ داۋالىنىش ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم مۇداپىئە-تىزگىن خىزمىتى قوماندانلىق شىتابىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، شىنجاڭ تېببىي داشۆ قارىمىقىدىكى 2-دوختۇرخانا بىلەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى دوختۇرخانىسى يېڭىدىن «سېرىق كود» دوختۇرخانا قىلىپ بېكىتىلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 10-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 20 ۋە 10-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 10 دىن باشلاپ بىمار قوبۇل قىلىپ داۋالاشنى باشلىدى. ھازىر جەمئىيەتكە تۆۋەندىكىلەرنى ئۇقتۇرۇدۇ:


  يۇقىرى، ئوتتۇراھال خەۋپلىك رايونلاردىكى دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشقا ئېھتىياجلىق كىشىلەر ئۆزى تۇرۇشلۇق مەھەللە، ئاھالىلەر (كەنت) كومىتېتى بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ، مەھەللە، ئاھالىلەر (كەنت) كومىتېتىنىڭ خىزمەتچىلىرى «سېرىق كود» دوختۇرخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، مەخسۇس ئاپتوموبىل ئورۇنلاشتۇرۇپ يۆتكەپ ئەكىلىشى كېرەك. كېسەللىك ئەھۋالى خەتەرلىك بىمارلار بىۋاسىتە 120 جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ، قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ئارقىلىق يېقىن ئەتراپتىكى «سېرىق كود» دوختۇرخانىسىغا يۆتكىسە بولىدۇ. يۆتكەش مەزگىلىدە يېرىم يولدا تۇرۇشقا بولمايدۇ، پۈتۈن مۇساپە يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇلىدۇ.


  ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق شىتابى يۇقۇمنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى «سېرىق كود» دوختۇرخانىلىرىنى مۇۋاپىق پەيتتە جانلىق تەڭشەيدۇ.



كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : 热依拉 依沙木丁
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ