گۇما ناھىيەسىدە 5.1 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 17 كىلومېتىرغا يەتتى

2022.10.26 14:10 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىچە،23- چېسلا سائەت 23:06 ئۆتكەندە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسى (شىمالىي كەڭلىك 37.71 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 77.85 گىرادۇس)دە 5.1 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 17 كىلومېتىرغا يەتكەن.

  يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، خوتەن ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش تارماق ئەترىتى گۇما ناھىيەلىك چوڭ ئەترىتى ئىككى ئاپتوموبىل، 10 ئادەم ۋە بىر ئىتنى تەييارلاپ، قۇتقۇزۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىدى.

  گۇما ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەشنى تېزدىن مەلۇم قىلغۇچىلار، ج خ تارماقلىرى، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تارماقلىرىدىن دەلىللەش ئارقىلىق ھازىرغىچە ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ياكى ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكى ئېنىقلاندى.

  يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتى ئاقسۇ چوڭ ئەترىتى تېزلىكتە 65 ئادەم، 10 ئاپتوموبىل، 200 يۈرۈشتىن ئارتۇق تۈرلۈك قۇتقۇزۇش جابدۇقلىرىنى تەييارلاپ، ھەر ۋاقىت ياردەم بېرىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ