مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 100 مىليون يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجرىتىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە كۆپرەك ئۇچرىغان ئاممىغا ياردەم بەردى

2022.10.22 15:47 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ 21 - چېسلا كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭنىڭ يۇقۇم مۇداپىئە - تىزگىن خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 100 مىليون يۈەن ئىللىقلىق يەتكۈزۈش مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجرىتىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىدىكەن. قۇتقۇزۇش مەبلىغى پىرىنسىپ جەھەتتە 2022 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن بۇرۇن تاماملىنىدىكەن.


  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېلدوس مۇرات ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى دىققەتنى يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە كۆپرەك ئۇچرىغان يېمەك-ئىچمەك، پارچە سېتىش، ساياھەت، تاشيول تىرانسپورتى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش سانائىتى، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىدىكى ئالاقىدار كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقۇم سەۋەبىدىن ئىش، ئىشلەپچىقىرىش توختاپ قالغان كارخانىلارغا قارىتا، ئۇلار پەيدا قىلغان خىزمىتى يوق، كىرىمى يوق ياكى ئىشسىز قالغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىرىغا قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇرىدۇ، ئۇيۇشمىغا كىرىشنى ئىلتىماس قىلىۋاتقان خادىملار تەستىق ئارقىلىق ئۇيۇشمىغا قوشۇلغاندىن كېيىن تەرتىپ بويىچە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشتىن بەھرىمان بولىدۇ، ئۆلچىمى ھەر بىر ئائىلىگە 600 يۈەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى يەنە يېڭى كەسىپ ھالىتى قاتارلىق ساھەلەرگە نۇقتىلىق دىققەت قىلىپ، يۇقۇم سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان 8- ئايدىن باشلاپ يەتكۈزۈش يەككە مىقدارى ئۇدا ئىككى ئاي ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى، ھەر ئايدا 50 تىن تۆۋەن بولغان سىرتقا تاماق توشۇغۇچى، تېز يەتكۈزۈش خادىمى قاتارلىقلارغا ئوخشاشلا ھەر بىر ئائىلىگە 600 يۈەندىن ياردەم بىرىدىكەن.


  ئېلدوس مۇرات مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش، تارقىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۈندىدار ئارقىلىق «تىيانشان گۇڭخۇي»”天山工惠“ پىروگرامما بۆلىكىگە كىرىپ ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، يەنە «تىيانشان گۇڭخۇي»”APP 天山工惠 “نى چۈشۈرۈپ ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، توردا شەخسىي ئۇچۇر، ئەمگەك مۇناسىۋەت گۇۋاھنامە قاتارلىق ئالاقىدار ماتېرىياللارنى توردا تولدۇرۇپ يوللاپ، ئارقا سۇپىدا جەملەنگەندىن كىيىن، تەۋەلىك پىرىنسىپى بويىچە ھەر ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) گە يوللايدۇ، ناھىيىلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ.


  تاماق يەتكۈزگۈچى ۋە تېز يەتكۈزگۈچى قاتارلىقلار ئىلتىماس قىلسا، ئۆزى تاماق يەتكۈزگۈچى، تېز يەتكۈزگۈچىنىڭ خىزمەت كىنىشكىسى، يەككە مىقدار ستاتىستىكا جەدۋىلىنى يوللىشى كېرەك.


  ئېلدوس مۇرات مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش دەرىجىسىگە ئاساسەن، شىنجاڭ باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مەخسۇس مەبلەغنى ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) لىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە بىڭتۇەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا تەقسىملەپ بېرىپ، ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ يۈرۈشلەشتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.



كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : 热依拉 依沙木丁
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ