باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(4)

(جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىدا قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، 2017- يىلى 10- ئاينىڭ 24- كۈنى ماقۇللاندى)

2017.11.01 16:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  17- ماددا پارتىيە تەشكىلاتى مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش، قارار چىقىرىشتا، ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنۇش پىرىنسىپىنى ئىجرا قىلىشى شەرت. مۇھىم مەسىلىلەرنى قاراردىن ئۆتكۈزۈشتە ئاۋازغا قويۇش كېرەك. ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ باشقىچە پىكىرلىرى ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىش كېرەك. ئەگەر مۇھىم مەسىلىلەردە تالاش- تارتىش بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئادەم سانى تەڭلىشىپ قالسا، جىددىي ئەھۋالدا كۆپ سانلىقنىڭ پىكرى بويىچە ئىجرا قىلىشتىن باشقا، قارار چىقىرىشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، كېلەر قېتىمدا قايتا ئاۋازغا قويۇش لازىم؛ ئالاھىدە ئەھۋالدا، تالاش- تارتىشنى يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتقا مەلۇم قىلىپ، كېسىم قىلىش تەلەپ قىلىنسىمۇ بولىدۇ.

  پارتىيە ئەزاسى پارتىيە تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن ئېلان قىلماقچى بولغان مۇھىم تەشەببۇس پارتىيە تەشكىلاتى بەلگىلىگەن دائىرىدىن چىقىپ كېتىدىغان بولسا، ئۇنى ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىشىگە سۇنۇشى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىدىن يوليورۇق سورىشى شەرت. ھەرقانداق پارتىيە ئەزاسى ۋەزىپىسىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۆزى قارار چىقارسا بولمايدۇ؛ جىددىي ئەھۋال بولۇپ قېلىپ، ئۆزى قارار چىقىرىشقا توغرا كەلگەندە، ئىشتىن كېيىن پارتىيە تەشكىلاتىغا تېز مەلۇم قىلىشى كېرەك. ھەرقانداق رەھبەرنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشىغا ۋە ئۆزىنى تەشكىلدىن ئۈستۈن قويۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

  18- ماددا پارتىيەنىڭ مەركىزىي تەشكىلاتلىرى، يەرلىك تەشكىلاتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشى، پارتىيەنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى، تەلىم- تەربىيە خىزمىتى، تەشكىلات خىزمىتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتى، ئاممىۋى خىزمىتى، بىرلىك سەپ خىزمىتى قاتارلىقلارنى دائىم مۇھاكىمە قىلىپ ۋە تەكشۈرۈپ تۇرۇشى، پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىدىيەۋى- سىياسىي ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.

  3- باب پارتىيەنىڭ مەركىزىي تەشكىلاتلىرى

  19- ماددا پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئۇنى مەركىزىي كومىتېت چاقىرىدۇ. مەركىزىي كومىتېت زۆرۈر تاپسا ياكى پارتىيەنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن ئارتۇقى تەلەپ قىلسا، مەملىكەتلىك قۇرۇلتاينى مۇددەتتىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئەھۋال بولمىسا، كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ.

  مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ سانىنى ۋە سايلام چارىسىنى مەركىزىي كومىتېت بەلگىلەيدۇ.

  20- ماددا پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى:

  (1) مەركىزىي كومىتېتنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە تەكشۈرۈش؛

  (2) مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىنى تەكشۈرۈش؛

  (3) پارتىيەنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە قاراردىن ئۆتكۈزۈش؛

  (4) پارتىيە نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش؛

  (5) مەركىزىي كومىتېتنى سايلاش؛

  (6) مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى سايلاش.

  21- ماددا پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى: مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە قاراردىن ئۆتكۈزۈش؛ مەركىزىي كومىتېت، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قىسمەن ئەزالىرىنى تەڭشەش ۋە كۆپەيتىپ سايلاش. مەركىزىي كومىتېتنىڭ تەڭشىلىدىغان ۋە كۆپەيتىپ سايلىنىدىغان ئەزالىرىنىڭ ۋە كاندىدات ئەزالىرىنىڭ سانى پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا سايلانغان مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي ئەزا سانىنىڭ ۋە مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي كاندىدات ئەزا سانىنىڭ بەشتىن بىرىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

  22- ماددا پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي مۇددەتتىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلسە ياكى كېچىكتۈرۈلسە، ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى شۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆزگەرتىلىدۇ. مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرى بەش يىلدىن ئارتۇق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە بولۇشى شەرت. مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىنىڭ سانىنى مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي بەلگىلەيدۇ. مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ بوش قالغان ئورنى مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرى ئىچىدىن سايلامدا ئېرىشكەن ئاۋاز سانىغا قاراپ تەرتىپ بويىچە تولدۇرۇلىدۇ.

  مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى تەرىپىدىن چاقىرىلىدۇ، ھەر يىلى كەم دېگەندە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ، ئۇنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.

  مەركىزىي كومىتېت مەملىكەتلىك قۇرۇلتاينىڭ يېپىق مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك قۇرۇلتاينىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، تاشقى مۇناسىۋەتتە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

  23- ماددا پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي كومىتېتىنى ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسىنى مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى سايلايدۇ. مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئارىسىدىن ۋۇجۇدقا كېلىشى شەرت.

  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى يىپىق مەزگىلدە، مەركىزىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.

  مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى − مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى؛ ئۇنىڭ تەركىبىدىكىلەرنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي كومىتېتى كۆرسىتىدۇ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ماقۇللايدۇ.

  مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىنى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى چاقىرىشقا مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

  پارتىيەنىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملارنى مەركىزىي كومىتېت بەلگىلەيدۇ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت رەئىس مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

  ھەر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن مەركىزىي رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرى ۋە مەركەز رەھبەرلىرى كېلەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي ئېچىلىپ، كېلەر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت يېڭى مەركىزىي رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرى ۋە مەركەز رەھبەرلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگىچە پارتىيەنىڭ دائىملىق خىزمىتىگە داۋاملىق رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

  24- ماددا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەركىزىي كومىتېتنىڭ يوليورۇقى بويىچە ئىشلەيدۇ. مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئارمىيەدىكى پارتىيە خىزمىتى ۋە سىياسىي خىزمەتنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەدىكى تەشكىلىي تۈزۈلمىسى ۋە ئاپپاراتىنى بەلگىلەيدۇ.

  4- باب پارتىيەنىڭ يەرلىك تەشكىلاتلىرى

  25- ماددا پارتىيەنىڭ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك قۇرۇلتايلىرى، رايونى بار شەھەرلىك ۋە ئاپتونوم ئوبلاستلىق قۇرۇلتايلىرى، ناھىيە (خوشۇن)لىك، ئاپتونوم ناھىيەلىك، رايونى يوق شەھەرلىك ۋە شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق قۇرۇلتايلىرى بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرىنى پارتىيەنىڭ شۇ دەرىجىلىك كومىتېتلىرى چاقىرىدۇ. ئالاھىدە ئەھۋالدا، بىر دەرىجە يۇقىرى كومىتېتنىڭ تەستىقى بىلەن مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلسە ياكى كېچىكتۈرۈپ ئۆتكۈزۈلسە بولىدۇ.

  پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىنىڭ سانىنى ۋە سايلام چارىسىنى پارتىيەنىڭ شۇ دەرىجىلىك كومىتېتلىرى بەلگىلەيدۇ ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە كومىتېتىغا تەستىقلىتىدۇ.

  26- ماددا پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى:

  (1) ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك كومىتېتنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە تەكشۈرۈش؛

  (2) ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىنى تەكشۈرۈش؛

  (3) ئۆز رايونى دائىرىسىدىكى چوڭ- چوڭ مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش ۋە قارار چىقىرىش؛

  (4) پارتىيەنىڭ ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك كومىتېتىنى سايلاش، پارتىيەنىڭ ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى سايلاش.

  27- ماددا پارتىيەنىڭ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، رايونى بار شەھەرلىك ۋە ئاپتونوم ئوبلاستلىق كومىتېتلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. بۇ كومىتېتلارنىڭ ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرى بەش يىلدىن ئارتۇق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە بولۇشى شەرت.

  پارتىيەنىڭ ناھىيە (خوشۇن)لىك، ئاپتونوم ناھىيەلىك، رايونى يوق شەھەرلىك ۋە شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق كومىتېتلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. بۇ كومىتېتلارنىڭ ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرى ئۈچ يىلدىن ئارتۇق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە بولۇشى شەرت.

  پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلسە ياكى كېچىكتۈرۈلسە، ئۇ سايلاپ چىققان كومىتېتلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى شۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆزگىرىدۇ.

  پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىنىڭ سانىنى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى كومىتېتلار ئايرىم- ئايرىم بەلگىلەيدۇ. پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى ئەزالىرىنىڭ بوش قالغان ئورنى كاندىدات ئەزالار ئىچىدىن سايلامدا ئېرىشكەن ئاۋازنىڭ ئاز- كۆپلۈكىگە قاراپ تەرتىپ بويىچە تولدۇرۇلىدۇ.

  پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ھەر يىلى كەم دېگەندە ئىككى قېتىم ئېچىلىدۇ.

  پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى قۇرۇلتاي يىپىق مەزگىلدە، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ يوليورۇقلىرىنى ۋە ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ، ئۆز جايىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كومىتېتلىرىغا ئۆز خىزمىتىدىن قەرەللىك دوكلات بېرىدۇ.

  28- ماددا پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى دائىمىي كومىتېتنى ۋە شۇجى، مۇئاۋىن شۇجىلارنى سايلايدۇ ھەمدە ئۇنى يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىغا تەستىقلىتىدۇ. پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنلىرى يىپىق مەزگىلدە، كومىتېتنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ؛ كېلەر نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ئېچىلىپ، يېڭى دائىمىي كومىتېت ۋۇجۇدقا كەلگىچە دائىملىق خىزمەتلەرگە داۋاملىق رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

  پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا خىزمىتىدىن قەرەللىك دوكلات بېرىدۇ، ئۇنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.

  29- ماددا پارتىيەنىڭ ۋىلايەتلىك كومىتېتلىرى ۋە ۋىلايەتلىك كومىتېتقا تەڭ تەشكىلاتلىرى − پارتىيەنىڭ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتلىرىنىڭ بىر نەچچە ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، شەھەر دائىرىسىدە تەسىس قىلغان ۋاكالەت ئورگىنى. ئۇ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتلار بەرگەن ھوقۇققا بىنائەن، شۇ رايوننىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

  5- باب پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى

  30- ماددا كارخانا، يېزا، ئورگان، مەكتەپ، پەن تەتقىقات يۇرتى- ئورنى، كوچا، مەھەللە، ئىجتىمائىي تەشكىلات، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ليەندۈيى ۋە باشقا ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىدا، ئۈچتىن ئارتۇق رەسمىي پارتىيە ئەزاسى بولسىلا، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى كېرەك.

  پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى خىزمەت ئېھتىياجىغا ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانىغا قاراپ، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەستىقى بىلەن، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام كومىتېتىنى، باش ياچېيكا كومىتېتىنى، ياچېيكا كومىتېتىنى ئايرىم- ئايرىم تەسىس قىلىدۇ. ئاساسىي قاتلام كومىتېتىنى پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى ياكى قۇرۇلتاي سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ، باش ياچېيكا كومىتېتى ۋە ياچېيكا كومىتېتىنى پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ، ئەزا نامزاتىنى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىدىن كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئېلىش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.

  31- ماددا پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام كومىتېتى، باش ياچېيكا كومىتېتى، ياچېيكا كومىتېتىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولىدۇ. ئاساسىي قاتلام كومىتېتلىرى، باش ياچېيكا كومىتېتلىرى، ياچېيكا كومىتېتلىرىنىڭ شۇجى، مۇئاۋىن شۇجىلىرى سايلاپ چىقىلغاندىن كېيىن، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا تەستىقلىتىلىشى كېرەك.

  32- ماددا پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى − پارتىيەنىڭ جەمئىيەتتىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىدىكى جەڭگىۋار قورغىنى، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمىتى ۋە جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئاساسى. ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى:

  (1) پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئىجرا قىلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ، يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ ۋە ئۆز تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئىجرا قىلىش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق ۋە نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مۇنەۋۋەر، ئىلغارلاردىن بولۇشقا پائال تىرىشىپ، پارتىيە ئىچى- سىرتىدىكى كادىرلار بىلەن ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆز ئورنىغا يۈكلەنگەن ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئورۇنداش.

  (2) پارتىيە ئەزالىرىنى ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە قارارلىرىنى، پارتىيەگە دائىر ئاساسىي بىلىملەرنى، پەن- مەدەنىيەت بىلىملىرىنى، قانۇن ۋە كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇش.

  (3) پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش ۋە پارتىيە ئەزالىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، غايە- ئېتىقادنى مۇستەھكەملەش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىنى چىڭىتىش، تەنقىد ۋە ئۆز- ئۆزىنى تەنقىدنى قانات يايدۇرۇش، پارتىيە ئىنتىزامىنى قوغداش ۋە ئىجرا قىلىش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشىغا نازارەتچىلىك قىلىش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىنىڭ دەخلى- تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش. كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش.

  (4) ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلاش، ئاممىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە پارتىيەنىڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى دائىم ئىگىلەپ تۇرۇش، ئاممىنىڭ ھەققانىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش، ئاممىغا قارىتىلغان ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش.

  (5) پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ۋە ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، ئىجادكارلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىق خادىملارنى بايقاپ، يېتىشتۈرۈپ ۋە كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئۆزىنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى بېغىشلىشىغا ئىلھام بېرىش ۋە مەدەت بېرىش.

  (6) پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئاكتىپلارنى تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈش، پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىش جەھەتتىكى دائىملىق خىزمەتنى ئوبدان ئىشلەش، ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىن ۋە ياشلار ئارىسىدىن پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش.

  (7) پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ۋە باشقا ھەرقانداق خادىمنىڭ دۆلەت قانۇنىغا ۋە مەمۇرىي ئىنتىزامغا، دۆلەتنىڭ مالىيە- ئىقتىساد نىزاملىرىغا ۋە كادىرلار تۈزۈمىگە قاتتىق رىئايە قىلىشىغا، دۆلەتنىڭ، كوللېكتىپنىڭ ۋە ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە چاڭ سالماسلىقىغا نازارەتچىلىك قىلىش.

  (8) ناچار خاھىشلارغا ئاڭلىق قارشى تۇرۇش، قانۇنغا خىلاپ ھەر خىل جىنايى قىلمىشلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش توغرىسىدا پارتىيە ئەزالىرىغا ۋە ئاممىغا تەربىيە بېرىش.

  33- ماددا پارتىيەنىڭ مەھەللە، يېزا، بازارلىق ئاساسىي قاتلام كومىتېتلىرى ۋە كەنت، مەھەللە تەشكىلاتلىرى ئۆز رايونىنىڭ خىزمىتىگە ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەت باشقۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ، مەمۇرىي تەشكىلاتلارنىڭ، ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋە ئامما ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆز خىزمەت ھوقۇقىنى تولۇق يۈرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىدۇ ۋە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  دۆلەت كارخانىلىرى پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لىرى رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، ئومۇمىيەتنى باشقۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، كارخانىلارنىڭ چوڭ- چوڭ ئىشلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە مۇزاكىرە قىلىدۇ ۋە قارار قىلىدۇ. پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ۋە كوللېكتىپ كارخانىلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى خىزمەتنى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، ئىگىلىك باشقۇرۇشىنى دەۋر قىلىپ قانات يايدۇرىدۇ. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ فاڭجېن- سىياسەتلىرىنىڭ شۇ كارخانىلاردا ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ ۋە نازارەتچىلىك قىلىدۇ؛ پايچىكلار يىغىنى، مۇدىرىيەت، نازارەتچىلىك ھەيئىتى ۋە دىرېكتور(زاۋۇت باشلىقى)نىڭ ئۆز خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىدۇ؛ جان- دىل بىلەن ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئاممىسىغا تايىنىپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەتنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىدۇ؛ كارخانىنىڭ چوڭ- چوڭ مەسىلىلەر ئۈستىدە تەدبىر بەلگىلىشىگە قاتنىشىدۇ؛ پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمەتكە، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا رەھبەرلىك قىلىدۇ.

  پارتىيەنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىقتىسادىي تەشكىلاتلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى پارتىيەنىڭ فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرىدۇ، كارخانىلارنىڭ دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە نازارەتچىلىك قىلىدۇ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا رەھبەرلىك قىلىدۇ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداپ، كارخانىلارنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىدۇ ۋە ئىجرا قىلىدۇ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا رەھبەرلىك قىلىدۇ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەيدۇ، باشقۇرىدۇ، ئاممىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە مۇلازىمەت قىلىدۇ، ئىشلارنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

  مەمۇرىي رەھبەر مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. پارتكوم رەھبەرلىكىدە مەمۇرىي رەھبەر مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى چوڭ- چوڭ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ ۋە قارار قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەمۇرىي رەھبەرنىڭ ئۆز خىزمەت ھوقۇقىنى تولۇق يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەمۇرىي مەسئۇللارنىڭ ۋەزىپىنى ئورۇندىشىغا، خىزمەتنى ياخشىلىشىغا ھەمكارلىشىدۇ، مەمۇرىي مەسئۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر بىر پارتىيە ئەزاسىنى تەربىيەلەيدۇ، باشقۇرىدۇ، ئۇلار ئۈستىدىن نازارەتچىلىك قىلىدۇ، ئۆز ئورنىنىڭ كەسپىي خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلمايدۇ.

  34- ماددا پارتىيە ياچېيكىسى پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى، ئۇلار پارتىيە ئەزالىرىنى بىۋاسىتە تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، ئۇلار ئۈستىدىن نازارەتچىلىك قىلىش ۋە ئاممىنى تەشكىللەش، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر