باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(5)

(جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىدا قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، 2017- يىلى 10- ئاينىڭ 24- كۈنى ماقۇللاندى)

2017.11.01 16:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6- باب پارتىيە كادىرلىرى

  35- ماددا پارتىيە كادىرلىرى پارتىيە ئىشلىرىنىڭ تايانچ كۈچى، خەلقنىڭ خىزمەتكارى، ئۇلار سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشى كېرەك. پارتىيە كادىرلارنى ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش پىرىنسىپى بويىچە تاللاپ ئۆستۈرىدۇ، ھەر يەردىن بولۇش، ياخشىلارنى ئىشقا قويۇشتا چىڭ تۇرىدۇ، خىزمەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئادىل- دۇرۇس بولۇشتا چىڭ تۇرىدۇ، ئۆز يېقىنلىرىنى ئىشقا قويۇشقا قارشى تۇرىدۇ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىنقىلابىيلىشىشى، ياشلىشىشى، زىيالىيلىشىشى ۋە كەسىپلىشىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  پارتىيە كادىرلارنى تەربىيەلەشكە، يېتىشتۈرۈشكە، تاللاپ ئۆستۈرۈشكە، باھالاشقا ۋە نازارەت قىلىشقا، بولۇپمۇ مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  پارتىيە ئايال كادىرلارنى ۋە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ.

  36- ماددا پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىرى چوقۇم ئېتىقادى مۇستەھكەم بولۇشى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى، تىرىشچان- ئەمەلىيەتچىل بولۇشى، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىشى، پاك- دىيانەتلىك بولۇشى، مۇشۇ نىزامنامىنىڭ 3- ماددىسىدا بەلگىلەنگەن پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى نەمۇنىلىك بىلەن ئادا قىلىشى ھەمدە تۆۋەندىكى ئاساسىي شەرتلەرنى ھازىرلىشى شەرت:

  (1) ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشتا زۆرۈر بولغان ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى سەۋىيەسىگە ئىگە بولۇش، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇل بىلەن تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىشقا تىرىشىش، ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش، توغرا كەيپىياتقا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇش، ھەر خىل بوران- چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇش.

  (2) كوممۇنىستىك ئۇلۇغۋار غايىگە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مۇستەھكەم ئېتىقادقا ئىگە بولۇش، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى ۋە تۈرلۈك فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە ئىرادە باغلاش، ئۆزىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا بېغىشلاش، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشتا جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، توغرا نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىيەت، خەلق، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجە يارىتىش.

  (3) ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، پارتىيەنىڭ فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى ئۆز رايونىنىڭ، ئۆز تارمىقىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش، خىزمەتنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇش، راست گەپ قىلىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش.

  (4) كۈچلۈك ئىنقىلابىي كەسىپچانلىققا ۋە سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىققا، ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە بولۇش، رەھبەرلىك خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان تەشكىلاتچىلىق ئىقتىدارىغا، مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ۋە كەسپىي بىلىمگە ئىگە بولۇش.

  (5) خەلق بەرگەن ھوقۇقنى توغرا ئىشلىتىش، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىش قىلىش، پاك- دىيانەتلىك بولۇش، خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەش، ئۆز ئەمەلىيىتىدە ئۈلگە كۆرسىتىش، جاپاغا چىداپ ئىشلەش، ئاددىي- ساددا ياشاش، ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلاش، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ تەنقىد ۋە نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش، ئەخلاقىي تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىش، پارتىيەۋىلىككە، ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىش، ئۈلگە بولۇش، ئۆزىنى قەدىرلەش، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش، ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇش، ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈش تەلىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ھەشەمەتچىلىك خاھىشىغا قارشى تۇرۇش، خىزمەت ھوقۇقىنى كەلسە- كەلمەس ئىشلىتىدىغان، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىدىغان ھەرقانداق قىلمىشقا قارشى تۇرۇش.

  (6) پارتىيەنىڭ دېموكراتىيە- مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە قوغداش، دېموكراتىيە ئىستىلى ۋە ئومۇمىيەت كۆز قارىشىغا ئىگە بولۇش، يولداشلار بىلەن، جۈملىدىن ئۆزى بىلەن بىر پىكىردە بولمىغان يولداشلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، بىللە ئىشلەشكە ماھىر بولۇش.

  37- ماددا پارتىيەلىك كادىرلار پارتىيەسىز كادىرلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بىللە ئىشلەشكە ماھىر بولۇشى، ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىشى لازىم.

  پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ھەقىقىي قابىلىيەتلىك ۋە بىلىملىك پارتىيەسىز كادىرلارنى بايقاشقا ۋە رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۆتەشكە كۆرسىتىشكە ماھىر بولۇشى، ئۇلارنىڭ خىزمىتىمۇ، ھوقۇقىمۇ بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  38- ماددا پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىرىدىن دېموكراتىك يول بىلەن سايلانغانلارنىڭ ۋەزىپىسىمۇ، رەھبىرىي ئورگانلار تەيىنلىگەنلەرنىڭ ۋەزىپىسىمۇ باقىمەندە ئەمەس، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى ئۇلارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا بولىدۇ.

  يېشى ۋە سالامەتلىكى داۋاملىق ئىشلەشكە يار بەرمەيدىغان كادىرلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە پېنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىقىشى لازىم.

  7- باب پارتىيە ئىنتىزامى

  39- ماددا پارتىيە ئىنتىزامى − پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق ئەزالىرى رىئايە قىلىشى شەرت بولغان ھەرىكەت قائىدىسى، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى قوغداش، پارتىيەنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشنىڭ كاپالىتى. پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئىنتىزامىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى ۋە قوغدىشى، كومپارتىيە ئەزالىرى ئۆزىنى پارتىيە ئىنتىزامى بىلەن ئاڭلىق تىزگىنلەپ تۇرۇشى شەرت.

  40- ماددا پارتىيە ئىنتىزامى ئاساسلىقى سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام، پاكلىق ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئۆتمۈشتىكىدىن ساۋاق ئېلىپ، كېيىنكىگە ئىبرەت قىلىش، كېسەلنى داۋالاپ، ئادەمنى قۇتقۇزۇش، ئىنتىزام ئىجراسىنى چوقۇم كۈچەيتىش، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈش، بالدۇر تۇتۇش، كىچىك ئىشتىن تۇتۇش، بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقىنىڭ خاراكتېرىگە ۋە قىلمىشىنىڭ ئېغىر- يېنىكلىكىگە قاراپ، تەنقىد- تەربىيە بېرىش، ھەتتا ئىنتىزام جازاسى بېرىش كېرەك. ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت»نى قوللىنىپ، « يۈزىنى قىزارتىش، تەرلىتىش»نى دائىملاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىش، تەشكىلىي جەھەتتىن تەڭشەشنى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان، جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان پارتىيە ئەزالىرىنى جەزمەن پارتىيەدىن قوغلاش كېرەك.

  پارتىيە ئىچىدە پارتىيە ئەزالىرىغا پارتىيە نىزامنامىسىگە ۋە دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ ۋاسىتىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ، زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىش ۋە قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. مۇشۇ بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان تەشكىلاتلار ياكى شەخسلەرنى پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنى بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  41- ماددا پارتىيە ئەزاسىغا بېرىلىدىغان ئىنتىزام جازاسى بەش خىل بولىدۇ: ئاگاھلاندۇرۇش، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش ۋە پارتىيەدىن قوغلاش.

  پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئىككى يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. پارتىيە ئەزاسىنىڭ پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش مەزگىلىدە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى، سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقى بولمايدۇ. پارتىيە ئەزاسى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش مەزگىلىدە خاتالىقىنى ھەقىقەتەن تۈزەتكەن بولسا، ئۇنىڭ پارتىيە ئەزاسىلىق ھوقۇقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى كېرەك؛ تۈزەتمەي خاتالىقىدا چىڭ تۇرۇۋالسا، پارتىيەدىن قوغلاش كېرەك.

  پارتىيەدىن قوغلاش − پارتىيە ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى جازا. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئەزاسىنى پارتىيەدىن قوغلاشنى قارار قىلىش ياكى تەستىقلاشتا، ئالاقىدار ماتېرىيال ۋە پىكىرلەر ئۈستىدە ئەتراپلىق مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشى، ئىنتايىن ئېھتىياتچان پوزىتسىيەدە بولۇشى كېرەك.

  42- ماددا پارتىيە ئەزاسىغا بېرىلىدىغان ئىنتىزام جازاسى ياچېيكا يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسى ئارقىلىق قارار قىلىنىشى ۋە پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى شەرت؛

  ئەگەر چېتىلىدىغان مەسىلىلەر بىرقەدەر مۇھىم ياكى مۇرەككەپ بولسا ۋە ياكى پارتىيە ئەزاسىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىشكە توغرا كەلسە، ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ، پارتىيەنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك ياكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا تەكشۈرۈپ تەستىقلىتىش لازىم. ئالاھىدە ئەھۋالدا، پارتىيەنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى ھەم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى پارتىيە ئەزاسىغا ئىنتىزام جازاسى بېرىشنى بىۋاسىتە قارار قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

  پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرىغا بېرىلىدىغان ئاگاھلاندۇرۇش، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسىنى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دائىمىي كومىتېتى قاراپ چىققاندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا تەستىقلىتىدۇ. پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرىغا بېرىلىدىغان ئاگاھلاندۇرۇش، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسىنى بىر دەرىجە يۇقىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەستىقلىشى ھەمدە ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

  پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرىغا، كاندىدات ئەزالىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش ياكى پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىشنى شۇ كىشى ئەزا بولغان كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق ئاۋاز بىلەن قارار قىلىشى شەرت. ئومۇمىي يىغىن يېپىق مەزگىلدە ئاۋۋال مەركىزىي كومىتېتنىڭ سىياسىي بىيۇروسى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى چىقارسا، ئۇنى كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندا ئېتىراپ قىلسا بولىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلارنىڭ ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىغا بېرىلىدىغان يۇقىرىدىكى جازا ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى شەرت، ئۇنى شۇ دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىغا تەستىقلىتىدۇ.

  مەركىزىي كومىتېتنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىنى پارتىيەدىن قوغلاشنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى قارار قىلىدۇ؛ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلارنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىنى پارتىيەدىن قوغلاشنى شۇ دەرىجىلىك كومىتېتلارنىڭ دائىمىي كومىتېتى قارار قىلىدۇ.

  43- ماددا پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيە ئەزاسىغا جازا بېرىشنى قارار قىلىشتا، پاكىتنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئاساسىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى لازىم. جازا قارارىدا ئاساس قىلىنغان پاكىت ماتېرىياللىرىنى ۋە جازا قارارىنى جازالانغۇچىغا كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ئەھۋال توغرىسىدىكى ئىزاھلىرىنى ۋە ئۆزىنى ئاقلاش پىكرىنى ئاڭلىشى كېرەك. جازالانغۇچى جازا قارارىغا قايىل بولمىسا، ئەرز قىلسا بولىدۇ، مۇناسىۋەتلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئەرزنى مەسئۇللۇق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشى ياكى باستۇرۇپ قويماي يۇقىرىغا تېز يەتكۈزۈپ بېرىشى شەرت. خاتا پىكىردە ۋە يولسىز تەلەپتە چىڭ تۇرۇۋالغان كىشىلەرگە تەنقىد- تەربىيە بېرىش لازىم.

  44- ماددا پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيە ئىنتىزامىنى قوغداش جەھەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلسا، سۈرۈشتە قىلىنىشى شەرت.

  پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ھەم ئۆزى تۈزىتەلمەيدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە كومىتېتى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىگە قاراپ، شۇ تەشكىلاتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش ياكى تارقىتىۋېتىش توغرىسىدا قارار چىقىرىشى ھەمدە ئۆزىدىن يەنە بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، رەسمىي ئېلان قىلىپ ئىجرا قىلىشى كېرەك.

  8- باب پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى

  45- ماددا پارتىيەنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىشلەيدۇ. پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ قوش رەھبەرلىكىدە ئىشلەيدۇ. پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ئۆزىدىن تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىدۇ.

  پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.

  پارتىيەنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى دائىمىي كومىتېتنى ۋە شۇجى، مۇئاۋىن شۇجىلارنى سايلايدۇ ھەمدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا تەستىقلىتىدۇ. پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى دائىمىي كومىتېتنى ۋە شۇجى، مۇئاۋىن شۇجىلارنى سايلايدۇ ھەمدە ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈپ، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىغا تەستىقلىتىدۇ. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام كومىتېتلىرىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەسىس قىلىشى ياكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ھەيئەت ئەزاسى قويۇشىنى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە تەشكىلاتى كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ بەلگىلەيدۇ. پارتىيەنىڭ باش ياچېيكا كومىتېتى ۋە ياچېيكا كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ھەيئەت ئەزاسى قويىدۇ.

  پارتىيەنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە يەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا ئومۇميۈزلۈك پارتىيە ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىدۇ. ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئۆزى تۇرۇشلۇق تارماقنىڭ پارتىيەنىڭ رەھبىرىي تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك يىغىنلىرىغا قاتنىشىدۇ. ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى شۇ ئورگاندىكى پارتىيەنىڭ رەھبىرىي تەشكىلاتى قوللىشى شەرت.

  46- ماددا پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىككە مەخسۇس مەسئۇل بولىدىغان ئورگان، ئۇلارنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى: پارتىيە نىزامنامىسىنى ۋە پارتىيەنىڭ باشقا ئىچكى نىزاملىرىنى قوغداش، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە قارارلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، پارتىيە كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە ياردەملىشىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە تەشكىلاتچىلىق قىلىش ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرۇش.

  پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ ۋەزىپىسى نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتىن ئىبارەت، پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى پارتىيە ئەزالىرىغا ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش توغرىسىدا دائىم تەربىيە بېرىدۇ، پارتىيە ئىنتىزامىنى قوغداشقا دائىر قارار چىقىرىدۇ؛ پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، ھوقۇق يۈرگۈزۈشى ئۈستىدىن نازارەتچىلىك قىلىدۇ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنىڭ پاش قىلىشىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلىدۇ، سۆھبەتلىشىدۇ، ئاگاھلاندۇرىدۇ، سۆھبەتلىشىشكە چاقىرىدۇ، خەت- ئالاقە ئارقىلىق سۈرۈشتۈرىدۇ؛ پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىگە ۋە پارتىيەنىڭ باشقا ئىچكى نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىغا دائىر بىر قەدەر مۇھىم ياكى مۇرەككەپ دېلولارنى تەكشۈرىدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلىدۇ، شۇ دېلولاردىكى پارتىيە ئەزالىرىغا بېرىلىدىغان جازانى قارار قىلىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ؛ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ياكى مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ؛ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شىكايىتى ۋە ئەرزىنى قوبۇل قىلىدۇ؛ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

  ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ئالاھىدە مۇھىم ياكى مۇرەككەپ دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى ۋە بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى بۇنداق مەلۇماتنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغىمۇ بىرلا ۋاقىتتا يوللىشى لازىم.

  ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرىدا پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنىڭ بارلىقىنى سەزسە، ئاۋۋال دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلاپ چىقسا بولىدۇ، دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىغا دوكلات قىلىش بىلەن بىللە، ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا دوكلات قىلىشى كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىغا چېتىلغانلىرىنى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا دوكلات قىلىشى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈشكە توغرا كەلسە، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.

  47- ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى تەكشۈرۈشكە ھەمدە تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دېلو توغرىسىدا چىقارغان قارارىنى تەستىقلاش ۋە ئۆزگەرتىشكە ھوقۇقلۇق. ئەگەر ئۆزگەرتمەكچى بولغان شۇ تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قارارى ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بولسا، بۇنداق ئۆزگەرتىشنى ئۇنىڭدىن بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش شەرت.

  پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ دېلونى بىر تەرەپ قىلىش قارارىغا باشقىچە پىكرى بولسا، ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قايتا تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ياكى ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى سېزىلگەن، ئۇنى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ھەل قىلمىغان ياكى توغرا ھەل قىلمىغان بولسا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا ئەرز سۇنۇپ، بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە ياردەم سوراشقا ھوقۇقلۇق.

  9- باب پارتگۇرۇپپىلار

  48- ماددا مەركەز ۋە جايلاردىكى دۆلەت ئورگانلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، مەدەنىيەت تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا پارتىيەسىز تەشكىلاتلارنىڭ رەھبىرىي ئورگانلىرىدا پارتگۇرۇپپىلىرى قۇرۇلسا بولىدۇ. پارتگۇرۇپپىلار رەھبەرلىك يادروسىغا خاس رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. پارتگۇرۇپپىنىڭ ۋەزىپىسى − ئاساسلىقى پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل بولۇش؛ ئۆز ئورنىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش؛ ئۆز ئورنىنىڭ چوڭ- چوڭ مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە قارار قىلىش؛ كادىرلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى تەڭشەش ۋە پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىش، پارتىيە ئەزالىرىغا جازا بېرىش قاتارلىق مۇھىم ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە قارار قىلىش؛ پارتىيە سىرتىدىكى كادىرلار ۋە ئامما بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش؛ ئورگانلار ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش.

  49- ماددا پارتگۇرۇپپا تەركىبىدىكىلەرنى شۇ پارتگۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەستىقلىغان پارتىيە تەشكىلاتى قارار قىلىدۇ. پارتگۇرۇپپىغا شۇجى قويۇلىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا مۇئاۋىن شۇجىلار قويۇلسىمۇ بولىدۇ.

  پارتگۇرۇپپىلار ئۆزىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەستىقلىغان پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇنۇشى شەرت.

  50- ماددا قارىمىقىدىكى ئورۇنغا مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكنى يۈرگۈزىدىغان دۆلەت خىزمەت تارماقلىرى پارتكوم قۇرسا بولىدۇ، پارتكومنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش چارىسى، خىزمەت ھوقۇقى ۋە خىزمەت ۋەزىپىسىنى مەركىزىي كومىتېت ئايرىم بەلگىلەيدۇ.

  10- باب پارتىيە بىلەن كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى

  51- ماددا جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى − ئىلغار ياشلارنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتى، ياشلارنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزمنى ئۆگىنىش مەكتىپى، پارتىيەنىڭ ياردەمچىسى ۋە زاپاس قوشۇنى. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدۇ. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ، شۇنداقلا يۇقىرى دەرىجىلىك كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدۇ.

  52- ماددا پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاق كادىرلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈش ۋە تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. پارتىيە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز خىزمىتىنى ياشلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ، جۇشقۇن، ئىجادىي ئىشلەپ، ئىتتىپاقنىڭ زەربىدار ئەترەتلىك رولىنى ۋە كەڭ ياشلار بىلەن مۇناسىۋەت باغلاشتىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىنى قەتئىي قوللىشى لازىم.

  ئىتتىپاقنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك ۋە ناھىيەدىن تۆۋەن ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىنىڭ شۇجىلىرى، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىتتىپاق كومىتېتلىرىنىڭ شۇجىلىرى پارتىيە ئەزاسى بولسا، پارتىيەنىڭ شۇ دەرىجىلىك كومىتېتىنىڭ ۋە دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنلىرىغا سىرتتىن قاتناشسا بولىدۇ.

  11- باب پارتىيە بەلگىسى، پارتىيە بايرىقى

  53- ماددا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە بەلگىسى − ئورغاق ۋە بولقىدىن تەركىب تاپقان سىزما نۇسخا.

  54- ماددا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە بايرىقى − يۈزىگە پارتىيە بەلگىسىنىڭ ئالتۇن سېرىق سىزما نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن قىزىل بايراق.

  55- ماددا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە بەلگىسى ۋە پارتىيە بايرىقى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىمۋولى ۋە نامايەندىسى. پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى پارتىيە بەلگىسى ۋە پارتىيە بايرىقىنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى قوغدىشى لازىم. پارتىيە بەلگىسى ۋە پارتىيە بايرىقىنى بەلگىلىمە بويىچە ياساش ۋە ئىشلىتىش كېرەك.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 28- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى)
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر