باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاممىۋى سورۇندا دۆلەت شېئىرىگە ھاقارەت قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ

2017.11.01 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە (10) لايىھەسى 31-كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرۇلدى. لايىھەدە دۆلەت شېئىرىگە ھاقارەت قىلىش قىلمىشىغا قارىتا ئۈستىگە ئالىدىغان جىنايى جاۋابكارلىق ھەققىدە بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

  لايىھەد مۇنۇلار بەلگىلەندى: ئاممىۋى سورۇندا قەستەن كۆيدۈرۈش، بۇزۇۋېتىش، سىزىۋېتىش، بۇلغىۋېتىش، دەپسەندە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربىگە ھاقارەت قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، رېجىمغا ئېلىش جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئاممىۋى سورۇندا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنىڭ تېكىستى، نوتىسىنى قەستەن ئۆزگەرتىپ بۇرمىلاش، كەمسىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق دۆلەت شېئىرى ئوقۇش، ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن دۆلەت شېئىرىنى ھاقارەتلەش قىلمىشى سادىر قىلغانلارغا قارىتا قىلمىشى ئېغىر بولسا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

  2017-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29-سانلىق يىغىنىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى قانۇنى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. دۆلەت شېئىرى قانۇنىنى قاراپ چىقىش جەريانىدا، بىر قىسىم دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى: دۆلەت شېئىرىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ھەقىقىي قوغداش ئۈچۈن، جىنايى ئىشلار قانۇنىدا دۆلەت شېئىرىنى ھاقارەتلەش قىلمىشىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانداق سۈرۈشتۈرۈشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ چاۋيىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە (10) لايىھەسىدىكى بۇ بەلگىلىمە ھەم دۆلەت شېئىرى قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە باغلاشتۇرۇلدى، ھەم جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى دۆلەت بايرىقىنى ۋە دۆلەت گېربىنى ھاقارەت قىلىش جىنايىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بىلەن ماسلاشتۇرۇلۇپ، جىنايەت بىلەن جازانى قانۇندا بەلگىلەش پىرىنسىپى ئەكس ئەتتۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر