باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(3)

(جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىدا قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، 2017- يىلى 10- ئاينىڭ 24- كۈنى ماقۇللاندى)

2017.11.01 16:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1- باب پارتىيە ئەزالىرى

  1- ماددا يېشى 18 گە تولغان جۇڭگو ئىشچىلىرى، دېھقانلىرى، ھەربىيلىرى، زىيالىيلىرىدىن ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەبىقىلەردىكى ئىلغارلاردىن پارتىيەنىڭ پىروگراممىسى ۋە نىزامنامىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغان، پارتىيەنىڭ بىرەر تەشكىلاتىغا قاتنىشىشنى ھەمدە ئۇنىڭدا ئاكتىپ ئىشلەش، پارتىيەنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە ۋاقتى- قەرەلىدە ئەزالىق بەدىلى تاپشۇرۇشنى خالايدىغانلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  2- ماددا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ كوممۇنىستىك ئاڭغا ئىگە ئاۋانگارت جەڭچىسىدۇر.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى جان- دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى قۇربان قىلىشتىن باش تارتماي، كوممۇنىزمنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىشى شەرت.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى مەڭگۈ ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئاددىي بىر ئەزاسىدۇر. كومپارتىيەنىڭ بارلىق ئەزالىرى قانۇن ۋە سىياسەتتە بەلگىلەنگەن دائىرىدىكى شەخسىي مەنپەئەت ۋە خىزمەت ھوقۇقىدىن باشقا ھەرقانداق خۇسۇسىي مەنپەئەت ۋە ئىمتىيازنى كۆزلىمەسلىكى كېرەك.

  3- ماددا پارتىيە ئەزالىرى تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى شەرت:

  (1) ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن- سىياسەت ۋە قارارلىرىنى، پارتىيەگە دائىر ئاساسىي بىلىملەرنى، پەن- مەدەنىيەت بىلىملىرى، قانۇن ۋە كەسپىي بىلىملەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش.

  (2) پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى ۋە تۈرلۈك فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا باشلامچىلىق بىلەن قاتنىشىش، ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشى ئۈچۈن جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رول ئويناش.

  (3) پارتىيە ۋە خەلق مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويۇش، شەخسىي مەنپەئەتنى پارتىيە ۋە خەلق مەنپەئىتىگە بويسۇندۇرۇش، جاپادا ئالدىدا، ھالاۋەتتە ئارقىدا تۇرۇش، ئۆز نەپسىدىن كېچىپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەش، كۆپ تۆھپە قوشۇش.

  (4) پارتىيە ئىنتىزامى، ئالدى بىلەن پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىش، دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرىغا نەمۇنىلىك بىلەن ئەمەل قىلىش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىنى قاتتىق ساقلاش، پارتىيەنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىش، تەشكىلنىڭ تەقسىماتىغا بويسۇنۇش، پارتىيە تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئاكتىپ ئورۇنداش.

  (5) پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى قوغداش، پارتىيەگە سادىق- سەمىمىي بولۇش، سۆز- ھەرىكەتتە بىردەك بولۇش، بارلىق مەزھەپچىلىك تەشكىلاتلىرىغا ۋە گۇرۇھۋازلىق ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش، كۆرۈنۈشتە ئەمەل قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلمىشلىرىغا ۋە بارلىق سۇيىقەست، ھىيلە- مىكىرلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇش.

  (6) تەنقىد ۋە ئۆز- ئۆزىنى تەنقىدنى ھەقىقىي قانات يايدۇرۇش، پارتىيەنىڭ پىرىنسىپىغا خىلاپ سۆز- ھەرىكەتلەر ۋە خىزمەتتىكى كەمچىلىك، خاتالىقلارنى دادىل ئېچىپ تاشلاش ھەم تۈزىتىش، پاسسىپلىق، چىرىكلىككە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش.

  (7) ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلاش، ئاممىغا پارتىيەنىڭ تەشەببۇسلىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئامما بىلەن بامەسلىھەت ئىش قىلىش، ئاممىنىڭ پىكىر ۋە تەلەپلىرىنى پارتىيەگە ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىش، ئاممىنىڭ ھەققانىي مەنپەئىتىنى قوغداش.

  (8) سوتسىيالىستىك يېڭى كەيپىياتنى جارى قىلدۇرۇش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە سوتسىيالىستىك شەرەپ- نومۇس قارىشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، كوممۇنىستىك ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، دۆلەتنىڭ ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، بارلىق قىيىن ۋە خەتەرلىك پەيتلەردە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش، قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىق.

  4- ماددا پارتىيە ئەزالىرى تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ:

  (1) پارتىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك يىغىنلىرىغا قاتنىشىدۇ، پارتىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرىنى كۆرىدۇ، پارتىيەنىڭ تەربىيەسى ۋە تەلىمىنى ئالىدۇ.

  (2) پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىگە دائىر مەسىلىلەر ئۈستىدە پارتىيە يىغىنلىرىدا ۋە پارتىيەنىڭ گېزىت- ژۇرناللىرىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇھاكىمىگە قاتنىشىدۇ.

  (3) پارتىيە خىزمىتى توغرىسىدا تەكلىپ ۋە تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

  (4) پارتىيە يىغىنلىرىدا پارتىيەنىڭ ھەرقانداق تەشكىلاتىنى ۋە ھەرقانداق ئەزاسىنى پاكىت كۆرسىتىپ تەنقىد قىلىدۇ، پارتىيە ئالدىدا پارتىيەنىڭ ھەرقانداق تەشكىلاتى ۋە ھەرقانداق ئەزاسىنىڭ قانۇن- ئىنتىزامغا خىلاپ ئىشلىرىنى جاۋابكارلىق بىلەن پاش قىلىدۇ، ئاشكارىلايدۇ، قانۇن- ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان پارتىيە ئەزالىرىنى جازالاشنى تەلەپ قىلىدۇ، خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان كادىرلارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ياكى ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  (5) ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى، سايلاش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، سايلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  (6) پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيە ئەزالىرىغا پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىشنى مۇزاكىرە قىلىپ قاراردىن ئۆتكۈزۈش ياكى ئۇلارنى باھالاش ۋاقتىدا، پارتىيە ئەزاسى ئۆزى قاتنىشىشقا ۋە ئۆزىنى ئاقلاشقا ھوقۇقلۇق، پارتىيەنىڭ باشقا ئەزالىرى ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرسە ۋە ئۇنى ئاقلىسا بولىدۇ.

  (7) پارتىيەنىڭ قارارى ۋە سىياسىتىگە باشقىچە پىكرى بولسا، قارار ۋە سىياسەتنى قەتئىي ئىجرا قىلىش شەرتى ئاستىدا، ئۆز پىكرىدە قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرسە بولىدۇ ھەمدە ئۆز پىكرىنى پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتىغا، تاكى مەركىزىي كومىتېتقا سۇنسا بولىدۇ.

  (8) پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتىغا، تاكى مەركىزىي كومىتېتقا ئىلتىماس، ئەرز ۋە شىكايەت سۇنالايدۇ ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللۇق بىلەن جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلالايدۇ.

  پارتىيەنىڭ ھەرقانداق تەشكىلاتىنىڭ، تاكى مەركىزىي كومىتېتنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنى يۇقىرىدىكى ھوقۇقلاردىن مەھرۇم قىلىش ھوقۇقى يوق.

  5- ماددا پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىشتا سىياسىي ئۆلچەمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، پارتىيە ياچېيكىسىدىن ئۆتكۈزۈش، ئايرىم- ئايرىم قوبۇل قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش شەرت.

  پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى پارتىيەگە كىرىش تەلەپنامىسىنى تولدۇرىدۇ، ئىككى نەپەر رەسمىي پارتىيە ئەزاسى تونۇشتۇرغۇچى بولىدۇ، ياچېيكا يىغىنىنىڭ ماقۇللۇقى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن، شۇنىڭدەك كاندىداتلىق مۇددىتىدە سىنالغاندىن كېيىن، ئاندىن رەسمىي پارتىيە ئەزاسى بولىدۇ.

  تونۇشتۇرغۇچىلار ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىدىيەسى، پەزىلىتى، تارىخىنى ۋە خىزمەتتىكى ئىپادىسىنى ئەستايىدىل ئىگىلىشى، ئۇنىڭغا پارتىيەنىڭ پىروگراممىسى ۋە نىزامنامىسىنى چۈشەندۈرۈشى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شەرتى، مەجبۇرىيىتى ۋە ھوقۇقىنى ئوچۇق ئېيتىشى ھەمدە بۇنى پارتىيە تەشكىلاتىغا مەسئۇللۇق بىلەن مەلۇم قىلىشى كېرەك.

  پارتىيەنىڭ ياچېيكا كومىتېتى پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئۈستىدە پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئاممىدىن پىكىر ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قاتتىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق لاياقەتلىك دەپ ھېسابلىسا، ئاندىن ياچېيكا يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قويۇشى كېرەك.

  پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ پارتىيەگە كىرىشىنى تەستىقلاشتىن ئاۋۋال، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئادەم تەيىنلەپ، ئۇنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چۈشىنىشى ھەمدە ئۇنىڭ پارتىيەگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى لازىم.

  ئالاھىدە ئەھۋالدا، پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك كومىتېتلىرى پارتىيەگە بىۋاسىتە ئەزا قوبۇل قىلسا بولىدۇ.

  6- ماددا كاندىدات پارتىيە ئەزاسى پارتىيە بايرىقى ئالدىدا تۇرۇپ، پارتىيەگە قەسەم بېرىشى شەرت. قەسەمنامە مۇنداق: مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئۆز ئىختىيارىم بىلەن كىردىم، پارتىيە پىروگراممىسىنى ھىمايە قىلىمەن، پارتىيە نىزامنامىسىگە ئەمەل قىلىمەن، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىمەن، پارتىيەنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىمەن، پارتىيە ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىمەن، پارتىيە مەخپىيىتىنى ساقلايمەن، پارتىيەگە سادىق بولىمەن، ئاكتىپ ئىشلەيمەن، كوممۇنىزم ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىمەن، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن بارلىقىمنى قۇربان قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىمەن، پارتىيەگە مەڭگۈ ئاسىيلىق قىلمايمەن.

  7- ماددا كاندىدات پارتىيە ئەزاسىنىڭ كاندىداتلىق مۇددىتى بىر يىل بولىدۇ. پارتىيە تەشكىلاتى كاندىدات پارتىيە ئەزالىرىنى ئىخلاس بىلەن تەربىيەلىشى ۋە تەكشۈرۈشى لازىم.

  كاندىدات پارتىيە ئەزاسىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى رەسمىي پارتىيە ئەزاسىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. كاندىدات پارتىيە ئەزاسى ئاۋاز بېرىش، سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، رەسمىي پارتىيە ئەزاسى بىلەن ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە.

  كاندىدات پارتىيە ئەزاسىنىڭ كاندىداتلىق مۇددىتى توشقاندا، پارتىيە ياچېيكىسى ئۇنىڭ رەسمىي ئەزالىققا ئۆتۈش- ئۆتەلمەسلىكىنى ۋاقتىدا مۇزاكىرە قىلىشى لازىم. كاندىدات پارتىيە ئەزالىرىدىن پارتىيە ئەزاسىلىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئەستايىدىل ئادا قىلغان، پارتىيە ئەزاسىلىق شەرتلىرىنى ھازىرلىغانلارنى ۋاقتىدا رەسمىي ئەزالىققا ئۆتكۈزۈش كېرەك؛ داۋاملىق تەكشۈرۈش ۋە تەربىيەلەشكە توغرا كېلىدىغانلىرىنىڭ كاندىداتلىق مۇددىتى ئۇزارتىلسا بولىدۇ، لېكىن ئۇزارتىلغان ۋاقىت بىر يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ پارتىيە ئەزاسىلىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلمىغان، پارتىيە ئەزاسىلىق شەرتلىرىنى ھازىرلىمىغانلار كاندىدات پارتىيە ئەزاسىلىق لاياقىتىدىن قالدۇرۇلىدۇ. كاندىدات پارتىيە ئەزاسىنىڭ رەسمىي ئەزالىققا ئۆتكۈزۈلۈشى ياكى كاندىداتلىق مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلىشى ۋە ياكى كاندىدات پارتىيە ئەزاسىلىق لاياقىتىدىن قالدۇرۇلۇشى ياچېيكا يىغىنىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىشىدىن ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك.

  كاندىدات پارتىيە ئەزاسىنىڭ كاندىداتلىق مۇددىتى ياچېيكا يىغىنى ئۇنى كاندىدات ئەزالىققا ماقۇللىغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. پارتىيە ئەزاسىنىڭ پارتىيە ئىستاژى كاندىداتلىق مۇددىتى توشۇپ رەسمىي ئەزالىققا ئۆتكەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

  8- ماددا ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى خىزمەت ۋەزىپىسىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن بولۇشىغا قارىماي، پارتىيەنىڭ بىرەر ياچېيكىسى، بىرەر گۇرۇپپىسىدا ياكى باشقا مۇئەييەن تەشكىلاتىدا پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىغا قاتنىشىشى، پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار يەنە چوقۇم پارتكوم، پارتگۇرۇپپىلارنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغىمۇ قاتنىشىشى لازىم. پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىغا قاتناشمايدىغان، پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلمايدىغان ھەر قانداق ئالاھىدە پارتىيە ئەزاسىنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  9- ماددا پارتىيە ئەزاسى پارتىيەدىن چىقىپ كېتىش ئەركىنلىكىگە ئىگە. پارتىيە ئەزاسى پارتىيەدىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلسا، ياچېيكا يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەنلىكى جاكارلىنىشى ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا ئەنگە ئالدۇرۇلۇشى كېرەك.

  ئىنقىلابىي ئىرادىسى ئاجىزلىشىپ كەتكەن، پارتىيە ئەزاسىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان، پارتىيە ئەزاسىلىق شەرتىگە ئۇيغۇن بولمىغان پارتىيە ئەزاسىغا پارتىيە ياچېيكىسى تەربىيە بېرىپ، ئۇنىڭدىن سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىشى لازىم؛ تەربىيە بېرىلسىمۇ تۈزەلمىگەن پارتىيە ئەزاسىنى پارتىيەدىن نەسىھەت بىلەن چېكىندۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئەزاسىنى پارتىيەدىن نەسىھەت بىلەن چېكىندۈرۈشنى ياچېيكا يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسى بىلەن قارار قىلىش ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا تەستىقلىتىش لازىم. پارتىيەدىن نەسىھەت بىلەن چېكىندۈرۈلىدىغان پارتىيە ئەزاسى چېكىنىشكە ئۇنىماي تۇرۇۋالسا، ياچېيكا يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قويۇپ، ئۇنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى قارار قىلىش ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا يوللاپ تەستىقلىتىش كېرەك.

  پارتىيە ئەزاسى ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن ئۇدا ئالتە ئايغىچە پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىغا قاتناشمىسا ياكى ئەزالىق بەدىلى تاپشۇرمىسا ۋە ياكى پارتىيە تەقسىم قىلغان خىزمەتنى ئىشلىمىسە، پارتىيەدىن ئۆزلۈكىدىن ئايرىلغان، دەپ قارىلىدۇ. ياچېيكا يىغىنى بۇنداق پارتىيە ئەزاسىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى قارار قىلىشى ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا يوللاپ تەستىقلىتىشى كېرەك.

  2- باب پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۈزۈمى

  10- ماددا پارتىيە ئۆزىنىڭ پىروگراممىسى ۋە نىزامنامىسىگە ئاساسەن، دېموكراتىيە- مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى بويىچە تەشكىللەنگەن بىر پۈتۈن گەۋدە. پارتىيەنىڭ دېموكراتىيە- مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرى:

  (1) پارتىيە ئەزاسى پارتىيە تەشكىلاتىغا بويسۇنىدۇ، ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنىدۇ، تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلات يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتقا بويسۇنىدۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ بارلىق تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق ئەزالىرى پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىغا ۋە مەركىزىي كومىتېتىغا بويسۇنىدۇ.

  (2) پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلىرىنىڭ ئۆزلىرى تەسىس قىلغان ۋاكالەت ئورگانلىرى ۋە پارتىيەسىز تەشكىلاتلاردىكى پارتگۇرۇپپىلاردىن باشقىلىرى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.

  (3) پارتىيەنىڭ ئالىي رەھبىرىي ئورگىنى پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ۋە ئۇ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن مەركىزىي كومىتېت. پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلىرى پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇلار ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن كومىتېتلار. پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك قۇرۇلتايلار ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە ئۇلارغا ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ.

  (4) پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ ۋە پارتىيە ئەزالىرى ئاممىسىنىڭ پىكرىنى ھەر دائىم ئاڭلاپ تۇرۇشى، ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشى لازىم. پارتىيەنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ھەم ئۆز خىزمىتى توغرىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلاردىن يوليورۇق سورىشى ۋە ئۇلارغا ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىشى ھەم ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدىكى مەسىلىلەرنى مۇستەقىل مەسئۇل بولۇپ ھەل قىلىشى كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلار بىلەن تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ئۆزئارا خەۋەرلىشىپ تۇرۇشى، بىر- بىرىنى قوللىشى ۋە بىر- بىرىنى نازارەت قىلىشى لازىم. پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئىشلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە ئاشكارىلاش يولىنى تۇتۇشى، پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىدىن تېخىمۇ كۆپلەپ ۋاقىپلاندۇرۇپ تۇرۇشى ۋە ئۇنىڭغا قاتناشتۇرۇشى كېرەك.

  (5) پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىدا كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش بىلەن شەخسلەر ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ مەسئۇل بولۇشنى بىرلەشتۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. چوڭ- چوڭ مەسىلىلەر ئۈستىدە پارتىيە كومىتېتى كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش، دېموكراتىيە- مەركەزلەشتۈرۈش، ئايرىم پىكىرلىشىش، يىغىندا قارار قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ قارار چىقىرىدۇ؛ كومىتېت تەركىبىدىكىلەر كوللېكتىپنىڭ قارارى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە ئۆز بۇرچىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى لازىم.

  (6) پارتىيە شەخسكە چوقۇنۇشنىڭ ھەرقانداق شەكلىنى مەنئى قىلىدۇ. پارتىيە رەھبەرلىرى پائالىيەتلىرىنىڭ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ نازارىتىدە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بارلىق رەھبەرلەرنىڭ ئىناۋىتىنى قوغداش كېرەك.

  11- ماددا پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە كومىتېتلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتە، سايلىغۇچىلارنىڭ ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش لازىم. سايلامدا يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە سايلىغۇچىلارنىڭ تولۇق غۇلغۇلا قىلىشى، مۇزاكىرە قىلىشىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكىنى سانى سايلىنىدىغانلار سانىدىن كۆپ بولىدىغان ئارتۇق نامزاتلىق سايلام چارىسى بىۋاسىتە قوللىنىلىپ، رەسمىي سايلام ئۆتكۈزۈلسە بولىدۇ. ئاۋۋال ئارتۇق نامزاتلىق سايلام چارىسىنى قوللىنىپ، تەييارلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈپ، نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكىنى بارلىققا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن رەسمىي سايلام ئۆتكۈزۈلسىمۇ بولىدۇ. سايلىغۇچىلار نامزاتلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشكە، نامزاتلارنى ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقا، ھەرقانداق بىر نامزاتنى سايلىماسلىققا ۋە باشقىلارنى سايلاشقا ھوقۇقلۇق. ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ سايلىغۇچىلارنى ھەرقانداق يول بىلەن مەلۇم بىر كىشىنى سايلاش ياكى سايلىماسلىققا زورلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام قۇرۇلتايلىرى سايلىمىدا پارتىيە نىزامنامىسىگە خىلاپ ئەھۋاللار كۆرۈلسە، پارتىيەنىڭ بىر دەرىجە يۇقىرى كومىتېتى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، سايلامنى ئىناۋەتسىز قىلىش ۋە مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىش توغرىسىدا قارار چىقىرىشى ھەمدە ئۇنى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنۇپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن، رەسمىي ئېلان قىلىپ ئىجرا قىلىشى لازىم.

  پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىگە قارىتا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

  12- ماددا پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى زۆرۈر تاپقاندا ۋەكىللەر يىغىنى چاقىرىپ، ۋاقتىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك زور مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ ۋە قارار چىقىرىدۇ. ۋەكىللەر يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنىڭ سانىنى ۋە ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش چارىسىنى ۋەكىللەر يىغىنىنى چاقىرغۇچى كومىتېت بەلگىلەيدۇ.

  13- ماددا يېڭى پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇشقا ياكى بۇرۇنقى پارتىيە تەشكىلاتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا توغرا كەلسە، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى قارار قىلىشى شەرت.

  پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرى بىلەن ئاساسىي قاتلام قۇرۇلتايلىرى يېپىق مەزگىلدە، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى زۆرۈر تاپسا، تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى يۆتكىسە ياكى تەيىنلىسە بولىدۇ.

  پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى ۋاكالەت ئاپپاراتى تەسىس قىلسا بولىدۇ.

  14- ماددا پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك كومىتېتلىرىدا كۆزىتىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. بىر نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە، ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان جاي، تارماق، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىدا كۆزىتىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  مەركەزدىكى مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىق، كومىتېتلار ۋە دۆلەت ئورگىنى تارماقلىرىدىكى پارتگۇرۇپپىلار (پارتكوملار) خىزمەت ئېھتىياجى بويىچە كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.

  پارتىيەنىڭ شەھەر (ۋىلايەت، ئوبلاست، ئايماق)لىك ۋە ناھىيە (شەھەر، رايون، خوشۇن)لىك كومىتېتلىرى كۆزىتىش تۈزۈمى ئورنىتىدۇ.

  15- ماددا پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرى توغرىسىدا قارار چىقارغاندا ئادەتتىكى ئەھۋالدا، تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ پىكرىنى ئېلىشى كېرەك. تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى نورمال يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلار بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك بولغانلىكى مەسىلىلەرگە ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلار ئارىلىشىۋالماسلىقى لازىم.

  16- ماددا مەملىكەت خاراكتېرلىك زور سىياسەت مەسىلىلىرىگە پەقەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىلا قارار چىقىرىشقا ھوقۇقلۇق، ھەرقايسى تارماقلار ۋە يەرلىكتىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى بۇ ھەقتە مەركىزىي كومىتېتقا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ، لېكىن ئۆز ئالدىغا قارار چىقارماسلىقى ۋە ئۆز تەشەببۇسىنى سىرتقا ئېلان قىلماسلىقى كېرەك.

  پارتىيەنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ قارارىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشى شەرت. ئەگەر تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلار يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ قارارىنى ئۆز رايونى ۋە ئۆز تارمىقىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، دەپ ھېسابلىسا، ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ ئەگەر يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ئەسلىدىكى قاراردا چىڭ تۇرسا، تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ئۇنى ئىجرا قىلىشى ھەمدە ئۆزىنىڭ باشقىچە پىكرىنى ئاشكارا ئېلان قىلماسلىقى شەرت، لېكىن بۇ پىكرىنى يەنە بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە تەشكىلاتىغا مەلۇم قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

  پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ گېزىت- ژۇرناللىرى ۋە باشقا تەشۋىقات قوراللىرى پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن- سىياسەت ۋە قارارلىرىنى تەشۋىق قىلىشى شەرت.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر