باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(2)

(جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىدا قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، 2017- يىلى 10- ئاينىڭ 24- كۈنى ماقۇللاندى)

2017.11.01 16:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى قىلچە تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەيدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا قىلچە تەۋرەنمەي ئىلھام بېرىدۇ، ئۇنى قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىدۇ. بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مۇكەممەل ماكرولۇق تەڭشەش- تىزگىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ. شەھەر- يېزا تەرەققىياتى، رايونلار تەرەققىياتى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق تەرەققىياتى، ئىچكى تەرەققىيات بىلەن سىرتقا ئېچىۋېتىشنى بىر تۇتاش پىلانلايدۇ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەيدۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىدۇ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر- بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ماس قەدەمدە راۋاجلاندۇرىدۇ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرىدۇ، جۇڭگوچە يېڭىچە سانائەتلىشىش يولىغا ماڭىدۇ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت ۋە دۇنيادا پەن- تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرىدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرىدۇ. پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ سىياسىي تەرەققىيات يولىدا ماڭىدۇ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى كېڭەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرىدۇ، خەلق دېموكراتىيە دىكتاتورىسىنى مۇستەھكەملەيدۇ، سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيلىك بەرپا قىلىدۇ. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتىن كېڭىشىش تۈزۈمىدە، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە ۋە ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرىدۇ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەنى كەڭ دائىرىدە، كۆپ قاتلامدا، تۈزۈملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇش، ئىقتىسادىي ئىشلارنى ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئىنسانىي ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. پىكىرگە كەڭ يول ئېچىپ، دېموكراتىك سايلام، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك باشقۇرۇش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش تۈزۈمى ۋە تەرتىپىنى ئورنىتىدۇ ھەم مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزملىق قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، قانۇننى يولغا قويۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى قانۇنچىللىق يولىغا سالىدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرىدۇ. سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىدۇ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش يولىنى تۇتىدۇ، پۈتۈن مىللەتنىڭ ئىدىيە- ئەخلاق ساپاسى ۋە پەن- مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت، مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە ئەقلىي مەدەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرىدۇ. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ، ماركسىزم يېتەكچى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى تۇرغۇزۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك يادرو قىلىنغان مىللىي روھ ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش- يېڭىلىق يارىتىش يادرو قىلىنغان دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرىدۇ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرىدۇ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدۇ، سوتسىيالىستىك شەرەپ- نومۇس قارىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، مىللىي غۇرۇرنى ساقلاش، ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش روھىنى كۈچەيتىدۇ، كاپىتالىزم ۋە فېئودالىزمنىڭ چىرىك ئىدىيەلىرىنىڭ چىرىتىشىگە تاقابىل تۇرۇپ، خىلمۇ خىل ئىجتىمائىي رەزىل ھادىسىلەرنى تازىلاپ، خەلقىمىزنى غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك ۋە ئىنتىزامچان خەلققە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ. پارتىيە ئەزالىرىغا كوممۇنىستىك ئۇلۇغۋار غايە توغرىسىدا تەربىيە بېرىدۇ. مائارىپ، ئىلىم- پەن، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىدۇ، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرىدۇ، ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىدۇ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرىدۇ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئۆستۈرىدۇ. ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ھوقوقىنى پۇختا ئىگىلەپ، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيدۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەيدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىدۇ. دېموكراتىيە- قانۇنچىلىق، ئادىل- ھەققانىي بولۇش، سەمىمىي- دوستانە بولۇش، ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇش، تىنچ- تەرتىپلىك بولۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە ۋە ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان، ھەركىم ئۆز ئورنىنى تاپىدىغان ھەم ئىناق ئۆتىدىغان ھالەتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرىدۇ. جەمئىيەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىدۇ. دۈشمەن بىلەن ئۆز ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتتىن ئىبارەت خاراكتېرى ئوخشاش بولمىغان بۇ ئىككى خىل زىددىيەتنى قاتتىق پەرقلەندۈرىدۇ ۋە توغرا بىر تەرەپ قىلىدۇ. جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا زىيان يەتكۈزىدىغان جىنايى ھەرىكەتلەرگە ۋە جىنايەتچى ئۇنسۇرلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، جەمئىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقوق مەنپەئىتى، خەۋپسىزلىك مەنپەئىتى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ سوتسىيالىستىك ئېكولوگىيە مەدەنىيىلىكى بەرپا قىلىدۇ. تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان، تەبىئەتكە بويسۇنىدىغان، تەبىئەتنى قوغدايدىغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قارىشى تۇرغۇزۇپ، سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بايلىق، دەيدىغان ئاڭنى كۈچەيتىپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىتنى قوغدايدىغان تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، تېجەشچانلىقنى، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىدىغان فاڭجېندا چىڭ تۇرىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇش باياشات بولغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان مەدەنىيلىك تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرىدۇ. بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر جەمئىيەتنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىكى ئەڭ قاتتىق تۈزۈمنى يولغا قويۇپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىتنى قوغدايدىغان بوشلۇق قۇرۇلمىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن ياخشى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتى بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە ۋە باشقا خەلق قوراللىق كۈچلىرىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكتە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتىن ئارمىيە قۇرۇش، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، پەن- تېخنىكا ئارقىلىق ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش، قانۇن ئارقىلىق ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان، ئىستىلى ياخشى خەلق ئارمىيەسى قۇرىدۇ، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، ۋەتەننى قوغداش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى قوغدايدۇ ھەم راۋاجلاندۇرىدۇ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى پائال يېتىشتۈرىدۇ ۋە تاللاپ ئۆستۈرىدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ۋە مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلىرى، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيدۇ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق كۈرەش قىلىشى ۋە ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۆھپە قوشىدىغان قىلىدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت ئىشچىلىرى، دېھقانلىرى ۋە زىيالىيلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار، ھەر مىللەت ۋەتەنپەرۋەر كۈچلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، بارلىق سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەر، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، سوتسىيالىزمنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەر، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ھىمايە قىلىدىغان ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە كۈچ چىقىرىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەردىن تەركىب تاپقان ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ راۋاجلاندۇرىدۇ ۋە زورايتىدۇ. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىدۇ. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنى بويىچە، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەت گۈللىنىپ ھەم مۇقىم بولۇپ تۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشىنى ئورۇندايدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرىدۇ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئورتاق نەپ ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرىدۇ، ئىچكى- تاشقى ئىككى ئومۇمىيلىقنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، تاشقى مۇناسىۋەتنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشىپ پايدىلىق خەلقئارا مۇھىت يارىتىدۇ. خەلقئارا ئىشلاردا توغرا بولغان ئەدەپ- مەنپەئەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدۇ، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قارشى تۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدۇ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ، ئۇزاق تىنچ بولىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان ئىناق دۇنيا بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىر- بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش، بىر- بىرىگە تاجاۋۇز قىلماسلىق، بىر- بىرىنىڭ ئىچكى سىياسىي ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تىنچ بىللە تۇرۇشتىن ئىبارەت بەش پىرىنسىپ ئاساسىدا، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىناق قوشنىدارچىلىق- دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرىدۇ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش، پۈتۈنلەي باراۋەر بولۇش، بىر- بىرىگە ھۆرمەت قىلىش، بىر- بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپى بويىچە، پارتىيەمىزنىڭ ھەرقايسى ئەل كومپارتىيەلىرى ۋە باشقا پارتىيەلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرىدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشتا، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆزىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى، ئىلغارلىق ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشى، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى بۇ قۇرۇلۇشلارغا سىڭدۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى شەرت. ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك قىلىش سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى، چىرىكلىككە تاقابىل تۇرۇپ، ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خەۋپ- خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئۆز- ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆز- ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆز- ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆز- ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى، پارتىيەنىڭ سىنىپىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ۋە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادكارلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى، ئۆگىنىشچان، مۇلازىمەتچان، ئىجادچان ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيە قۇرۇشى، پارتىيەمىزنى باشتىن- ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان كۈچلۈك يادروغا ئايلاندۇرۇشى شەرت. پارتىيە قۇرۇلۇشىدا تۆۋەندىكى بەش ئاساسىي تەلەپنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش شەرت:

  بىرىنچى، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پۈتۈن پارتىيە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ۋە پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى ئارقىلىق ئىدىيەنى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى ھەم ئۇنىڭدا قىلچە ئېغىشماستىن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تۆت ئاساسىي پىرىنسىپ بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىنى ئەتراپلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق «سول»چىل ۋە ئوڭچىل خاتا خاھىشلارغا قارشى تۇرۇش، ئوڭچىللىقتىن ھوشيار بولۇش، لېكىن ئاساسلىقى، «سول»چىللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق ياخشى كادىرلارنى يېتىشتۈرۈپ ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ مىليونلىغان ئىز باسارلىرىنى تەربىيەلەپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەشكىلىي جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىش شەرت.

  ئىككىنچى، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى لۇشيەنى − ھەممىدە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىش، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەت داۋامىدا سىناش ۋە راۋاجلاندۇرۇش. پۈتۈن پارتىيە مۇشۇ ئىدىيەۋى لۇشيەندە چىڭ تۇرۇپ، پائال ئىزدىنىپ، دادىل سىناق قىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەتنى ئىجادكارلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، يېڭى ئەھۋاللارنى ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىپ، يېڭى تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەپ، يېڭى مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىپ، ماركسىزمنى ئەمەلىيەت داۋامىدا بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى شەرت.

  ئۈچىنچى، جان- دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ مەنپەئىتىدىن باشقا ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەنپەئىتى يوق. پارتىيە ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئامما بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، ئەڭ يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلايدۇ، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش، خەلققە رىشتە باغلاش، خەلق مەنپەئىتىنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرىدۇ، ھەرقانداق پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا، ئۆزىنى ئاممىدىن ئۈستۈن قويۇشىغا يول قويمايدۇ. پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ زور سىياسىي ئۈستۈنلۈكى − ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىش، پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغاندىن كېيىن دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ خەۋپ − ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش. پارتىيە ئىستىلى مەسىلىسى، پارتىيەنىڭ ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش مەسىلىسى − پارتىيەنىڭ ھايات- ماماتىغا تاقىلىدىغان مەسىلە. پارتىيە ئۆز خىزمەتلىرىدە ئاممىۋى لۇشيەننى يولغا قويۇپ، ھەممىدە ئاممىنى كۆزلەپ، ھەممىدە ئاممىغا تايىنىپ، ئاممىدىن ئېلىپ ئاممىغا قايتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ توغرا تەشەببۇسىنى ئاممىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشى شەرت.

  تۆتىنچى، دېموكراتىيە- مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. دېموكراتىيە- مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى دېموكراتىيە ئاساسىدىكى مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن مەركەزلەشتۈرۈش يېتەكچىلىكىدىكى دېموكراتىيەنىڭ ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈشىدۇر. ئۇ ھەم پارتىيەنىڭ تۈپ تەشكىلىي پىرىنسىپى، ھەم ئاممىۋى لۇشيەننىڭ پارتىيە تۇرمۇشىدىكى تەتبىقلىنىشى. پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاكتىپلىقى، ئىجادكارلىقىنى جارى قىلدۇرۇش شەرت. توغرا مەركەزلەشتۈرۈش يولىنى تۇتۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرلىككە كەلگەن رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىشى ۋە بىردەك ھەرىكەتلىنىشىگە، پارتىيەنىڭ قارارلىرىنىڭ تېز، ئۈنۈملۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش شەرت. پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشىنى كۈچەيتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشىنىڭ سىياسىيلىقى، دەۋرچانلىقى، پىرىنسىپچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجابىي، ساغلام بولغان ئىچكى سىياسىي مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پاك- دىيانەتلىك، دۇرۇس بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىش شەرت. پارتىيە ئۆزىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدا تەنقىد ۋە ئۆز- ئۆزىنى تەنقىدنى توغرا قانات يايدۇرۇپ، پىرىنسىپال مەسىلىلەردە ئىدىيەۋى كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقنى تۈزىتىشى شەرت. مەركەزلەشتۈرۈشمۇ بولغان، دېموكراتىيەمۇ بولغان، ئىنتىزاممۇ بولغان، ئەركىنلىكمۇ بولغان، ئىرادە بىرلىكىمۇ بولغان، شەخسلەرنىڭ كۆڭۈل ئازادىلىكىمۇ بولغان جانلىق، تېتىك سىياسىي ۋەزىيەتنى تىرىشىپ يارىتىش شەرت.

  بەشىنچى، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەمىز دۇچ كېلىۋاتقان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىنىقى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىنىقى، بازار ئىگىلىكى سىنىقى، تاشقى مۇھىت سىنىقى ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، كەسكىن بولىدۇ، پارتىيەمىز دۇچ كېلىۋاتقان روھىي بوشاڭلىق خەۋپى، ئىقتىدار يېتىشمەسلىك خەۋپى، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپى، پاسسىپلىق، چىرىكلىك خەۋپى تېخىمۇ كەسكىن بولۇۋاتىدۇ. قاتتىق ئۆلچەم، قاتتىق تەدبىرلەرنى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈش كېرەك. پارتىيەنى قائىدە بويىچە ئىدارە قىلىش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇش، ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، تەشكىلچانلىق، ئىنتىزامچانلىقنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئورگانلىرى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، قەتئىي يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن چىرىكلىكنى جازالاپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى خالىمايدىغان ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىش شەرت.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى − جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى. پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق، ئىلىم ساھەسى، پۈتۈن جۇڭگودا پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. پارتىيە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپىگە لايىقلىشىپ، ھاكىمىيەتنى ئىلمىي يۈرگۈزۈش، دېموكراتىك يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشى ۋە ياخشىلىشى كېرەك. پارتىيە ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك ھەر خىل تەشكىلاتلاردا رەھبەرلىك يادرولۇقىغا خاس رولىنى جارى قىلدۇرۇشى شەرت. پارتىيە زېھنىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا رەھبەرلىك قىلىپ، ھەر جەھەتتىكى كۈچلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، بىر نىيەتتە تەڭ كۈچ چىقىرىپ، خىزمەتنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى دەۋر قىلىپ قانات يايدۇرۇشى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى شەرت. پارتىيە دېموكراتىك ۋە ئىلمىي ئاساستا تەدبىر بەلگىلەش يولىنى تۇتۇپ، توغرا لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلەرنى تۈزۈپ ۋە ئىجرا قىلىپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي خىزمىتى ۋە تەشۋىق- تەربىيە خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى شەرت. پارتىيە ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار دائىرىسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى شەرت. پارتىيە دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى، ئەدلىيە ئورگانلىرى، مەمۇرىيەت ئورگانلىرى، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ، ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، مەدەنىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەتنى ئاكتىپلىق ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز ئالدىغا مەسئۇل بولۇپ بىردەك ماسلىشىپ ئىشلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى شەرت. پارتىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ سىياسىيلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقىنى ساقلاپ ۋە كۈچەيتىپ، رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى شەرت. پارتىيە ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشىگە يارىشا رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، رەھبەرلىك ئۇسۇلىنى ياخشىلىشى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى شەرت. كومپارتىيە ئەزالىرى پارتىيە سىرتىدىكى ئامما بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش يولىدا بىرلىكتە كۈرەش قىلىشى شەرت.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر