باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېن شى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

2017.11.01 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى يېقىندا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش ۋە ئۆگىنىش يىغىنى ئاچتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېن شى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەشكىلات سىستېمىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ، توغرا ئىگىلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى فۇنكسىيەسىگە، باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ چىڭ تۇتۇپ، تەشكىلات خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، مەڭگۈ بوشاشماي ئۆستۈرۈپ، 19-قۇرۇلتايدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان-ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇنداش ئۈچۈن كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  چېن شى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا تەشكىلات تارماقلىرى قوش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، ھەم باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىشى، ھەم خىزمەت فۇنكسىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى 19-قۇرۇلتاينىڭ ئۇلۇغۋار نىشان ۋە ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشقا مۇجەسسەملىشى كېرەك.

  چېن شى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات تارماقلىرى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشنىڭ باش تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، «پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە كۈچەيتىش» تۈپ پىرىنسىپى، «پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش» تۈپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇپ، زور كۈچ بىلەن يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، ئېچىۋېتىلگەن، ئۈنۈملۈك ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، تەشكىلىي كۈچنى زورايتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سىياسىي فۇنكسىيەنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تولۇق، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر