- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بېيجىڭغا قونۇدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان بوشلۇقتا كۈچلۈك سىلكىنىپ نەچچە ئادەم يارىلاندى
2015.08.12 15:55 مەنبە: خەلق تورى
سۆرەتتە: ۋەقە يۈز بەرگەن چېڭدۇدىن بېيجىڭغا ئۇچقان خەينەن HU7148 تىپلىك نۆۋەتچى ئايروپىلان. 20 دىن ئارتۇق يولۇچى ۋە ئايرۇپىلان خادىمى دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ12 -ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەينەن ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ چېڭدۇدىن بېيجىڭغا ئۇچىدىغان HU7148 تىپلىك نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئۇچۇش جەريانىدا قاتتىق سىلكىنىپ بىرقانچە يولۇچى ۋە ئايروپىلان خادىملىرى يارىلانغان. خەينەن ئاۋىئاتسىيە شىركىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتچى ئايروپىلان شۇ كۈنى سائەت 14دىن17 مىنۇت ئۆتكەندە پايتەخت خەلقئارا ئايرودرومغا بىخەتەر يېتىپ بېرىپ، يارىدارلار دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. تۈنۈگۈن كەچ سائەت 9 قەدەر، 24 نەپەر يارىلانغان يولۇچى ۋە ئايروپىلان خادىملىرى دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلغان.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر