باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاق قۇچقاچ (1)

ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان

2015.03.31 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئۆزۈممۇ سەزمەيلا يەنە پەسكە چۈشۈۋالغانلىقىمنى ھىس قىلدىم.
تېخى ھېلىلا مۇشۇ يەردە ئىدىم. مۇشۇ يەردە تۇرۇپ، ئالتىنچى قەۋەتتىكى ئۆيۈمدىن بىر ئوغۇل بالىنىڭ ئاۋازىنى، جىگىرىم بالامنىڭ تۇتىيا ئاۋازىغا بەكمۇ ئوخشايدىغان بىر ئاۋازنى ئاڭلىغاندەك قىلغانىدىم.
يۈگۈر!
ئىچ – ئىچىمدىن شۇنداق بىر سادا ياڭرايتتى. سىرتتىنمۇ كىمدۇر بىرلىرى مۇشۇنداق دەۋاتقاندەك قىلاتتى.
بالامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ يۈگۈرمەي تۇرالامدىم. ئۇنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋازنى قوغلىماي يۈرەلەمدىم. شۇنداق بىر ئاۋازنى ھىس قىلىپمۇ ئىزدىمەي ئولتۇرالامدىم؟!
بېشىم قېيىپ، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشقانلىقى، كۆڭلۈم ئىلىشىپ، ئېغىز-بۇرنۇمدىن زەرداپ تاشقانلىقى ئېسىمدە. ئۆپكەم ئېغىزىمغا تىقىلىپ قالسىمۇ، كۈچسىز پاچاقلىرىم غاراسلاپ كەتسىمۇ چاتىقىم يوق ئېگىزدىكى ئۆيۈمگە يۈگۈرگەنلىكىممۇ ئېسىمدە.
ھەر كۈن، ھەر سائەت، ھەر دەقىقەم مۇشۇنداق ئۆتەتتى. بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىمنىڭ قان – قېنىمغا سىڭىپ كەتكەن مۇشۇ ئاۋازغا باغلىنىپ ئۆتىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلىپ باراتتىم– يۇ، تۇرۇپلا بۇ ھىسلىرىمدىن يەنە باشقا ھىسلىرىم تېشىپ چىقىۋاتقانلىقىنىمۇ سېزىپ قالاتتىم. ئازابلىق ھىسلاردىن قۇتۇلۇپ شېرىن ھىسلارغا چۆمۈلۈشنى، ھىجران دەملىرىنى ئۇنتۇپ، ۋىسال چاغلىرىنى ئەسكە ئېلىشنى، بۆگۈن ئىزتىرابلىرىدىن قېچىپ، ئۆتمۈش ئەستىلىكلىرىنى ياد ئېتىشنى ئىستەيتتىم. شۇنداق قىلالىغان بولسام-ھە؟! ئەپسۇس، بۇ ئاسان ئەمەسىدى. ئاسان ئەمەس دېگەنمۇ گەپمۇ، زىنھار مۈمكىن ئەمەسىدى. بۇ ھالىم بىلەن، ئۆزۈمدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان، مەندىن ئۆزگە ھېچكىم چۈشەنمەيدىغان بۇ ئەھۋالىم بىلەن بۇنداق قىلالمايتتىم. چۈنكى، بۇ مېنىڭ باشقا مۈلۈك-تەئەللۇقاتىمنىڭ ئەمەس، دەل جېنىم بالامنىڭ، جىگىرىم بالامنىڭ ئازابى ئىدى. تۇيۇقسىزلا غايىپ بولغان، بىردىنلا يېنىدىن يۈتكەن بالىسى ھەققىدىكى دەرد-ئازابلارنى ئۆز خاھىشى بويىچە بۇراپ ۋە پەسەيتىپ، ۋىسال لەززىتىگە غەرق بولۇش دۇنيادا ھېچبىر ئاتىنىڭ قولىدىن كەلمەس دەپ ئويلايتتىم. راست، ھېچكىمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. كەلمەيدۇ! شۇ تاپتا ۋارقىراپ تاشلىغان بولۇشۇم مۈمكىن ئىدى. ئەمما مەن ۋارقىرىغان ھالەتتىمۇ ھېچكىمنىڭ خىيالىغا كەلمەيتتى. بالامنى ئۇنتۇمىساممۇ، ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىمنى، ئۇنتۇمىغانلىقىمنىمۇ ھەممە ئۇنتۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلىپ باراتتىم. بەلكىم چوڭقۇر ھىس قىلغاندەك ھىس قىلغان بولۇشۇممۇ مۈمكىن. مەندە مېڭە بار، ئۆزۈمنىڭ ئەمەس. تۈگىمەس، پۈتمەس، ئايىقى چىقماس، ئاخىرلاشماس خىياللار بار، ئىلكىمدە ئەمەس. يۈرىكىم گۈپۈلدەپ سوققاندەك بىلىنىدۇ، بالامنىڭ ئاۋازىدەك ئاڭلىنىدۇ. قېنىم شۇۋۇلداپ ئاققاندەك تۇيۇلىدۇ، بالامنىڭ ئاۋازىدەك ئاڭلىنىدۇ. قاراشلىرىمدا بالامنىڭ ئاۋازى، قۇلاقلىرىمدا بالامنىڭ ئاۋازى، ئاياغلىرىمدا بالامنىڭ ئاۋازى، تاۋاقلىرىمدا بالامنىڭ ئاۋازى، يۈرەكلىرىمدە بالامنىڭ ئاۋازى. بالام ئۈچۈن قۇلىقىم قۇلاقلارغا، ئاياغىم ئاياغلارغا، يۈرىكىم يۈرەكلەرگە كۆپەيگەن. دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇداد، ماھىيەت ۋە ھادىسىلەر بالام ئۈچۈنلا مەۋجۇت بولغاندەك تۇيىلاتتى. بالام بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇلار بولغاندەكلا بىلىنەتتى. بالامغا مۇناسىۋەتلىك ھەممىنى ئاڭلايدىغان، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتسىز ھېچنېمىنى ئاڭلىمايدىغان بولۇپ قالغانىدىم. بالامغا مۇناسىۋەتلىكلا بولىدىغان بولسا، ھەرقانداق پىنھان ھەرىكەت، پىچىرلىشىش، كۆز بېقىشىش، ئارزۇ ۋە خىياللارنىمۇ كۆرۈپ، ئاڭلاپ ھەم ھىس قىلىپ تۇرالايتىم.
بالامنىڭ مەندىن بارغانچە يىراقلاپ كېتىۋاتقان، ئەمما يىراقلىغانسېرى ۋۇجۇدۇمدا كۈچىيىپ كېلىۋاتقان تونۇش ۋە تەۋەررۈك ئاۋازى گويا مېنىڭ چوڭ مېڭەمگە ئايلىنىپ قالغانىدى. ئەس – يادىم، خىيالىم، ئارزۇيۇم، چۈشۈم، گەپ – سۆزۈم، ھەرىكىتىم، مېڭىش – تۇرۇشۇم، كىشىلىك ئالاقەم، تاماق يېيىش، يېتىش – قوپۇشلىرىم.... ھەممە – ھەممىسى مېڭەمگە ئايلىنىپ كەتكەن مۇشۇ ئاۋازنىڭ كونتىروللىقىدا بولاتتى. ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتسىز ھېچ ئىش، ئۇنىڭغا باغلانمىغان ھېچقانداق بىر سۆز ياكى ھەرىكەت بولمايتتى.
« قورسىقىم ئېچىۋاتىدۇ. »
شۇنداق دەيتتى ئوغلۇم قاچاندۇر بىر ۋاقىتلاردا كۆزۈمگە تەلمۈرۈپ تۇرۇپ.
شۇئان تاماق يېيىشكە ئولتۇراتتىم. بۇ ۋاقىت ئەتىگەنمۇ، چۈشمۇ ياكى كەچمۇ.... بۇنىڭ بىلەن ھىسابلىشىپ ئولتۇرمايتتىم. پەقەت بالامنىڭ قورسىقى ئاچقانلىقى ئۈچۈنلا تاماق يەيتىم. ئەتىگەنلىك تاماقنى كەچتە، بەلكىم كەچلىك تاماقنى چۈشتە ياكى يېرىم كېچىلەردە يەپ قېلىشىم مۈمكىنىدى. ئۇنىڭ قورسىقى ئاچقانلىقى ئۈچۈنلا تاماق يېيىش ئېسىمگە كېلەتتى. پەقەت ئۇنىڭ قورسىقى ئاچقانلىقى ئۈچۈنلا تاماق يېيىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھىس قىلاتتىم.
« بەك ھېرىپ كەتتىم. »
بالامنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ئاۋاز قۇلىقىمغا كىرگەن ھامان دەرھال ۋە جايىمدىلا ئولتۇراتتىم. شۇندىلا ئارام ئېلىشنىڭ مۇھىملىقى ئېسىمگە كېلەتتى.
« ئۇيقۇم كېلىۋاتىدۇ. »
قاچانكىن بىر ۋاقىتلاردا مۇشۇنداق ئاۋازنىمۇ ئاڭلىغاندەك بولاتتىم. نەچچە كېچە – كۈندۈزدە بىرەر قېتىم ئاڭلىساممۇ، ئىش قىلىپ مۇشۇنداق ئاۋازنىمۇ ئاڭلاپ قالاتتىم. بۇنداق ۋاقىتتا دەرھاللا سۇنايلىنىپ ياتاتتىم. دۇنيادا ئۇيقۇ دېگەن بىر نەرسىنىڭمۇ بارلىقىنى، ھاياتتا ئۆلۈمگە سەل ئوخشاپ كېتىدىغان غەلىتە بىر بىيولوگىيەلىك ھالەتنىڭمۇ بارلىقىنى ناھايىتى تەستە يادىمغا ئالاتتىم. بۇ نەرسىنىڭ ماڭا ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمىسىمۇ، لېكىن كۆز نۇرۇم بالام ئۇيقۇسىز قالسا بولمايتتى. ئۇنىڭ ئۇيقۇسىغا زەرەر يەتكۈزمەسلىكىم كېرەك ئىدى. ئۇ ئۇيقۇسىز قالسا جۈدەپ كېتەتتى. ئۇ ئۇيقۇسىز قالسا ئاجىزلاپ كېتەتتى. ئۇيقۇسىزلىق سەۋەپلىك ئاغرىپ تارتىپ قېلىشىمۇ مۈمكىنىدى. بالام ئۈچۈن بولسىمۇ ئۇيقۇنى ئېتىراپ قىلىشىم، ئۇيقۇغا ئەھمىيەت بېرىشىم، ئۇنىڭ مەۋجۇدلۇقىغا ئىشىنىشىمگە توغرا كېلەتتى. ئۇيقۇنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولساممۇ، دەرھاللا ئۇخلىغاننى دوراپ جىمجىت يېتىۋالاتتىم. بەزى چاغلاردا، ئۇخلىغاننى دوراپ يېتىپ راستىنلا ئۇخلاپمۇ قالاتتىم.
« مېنىڭ قورودا ئويناپ يۈرگەنلىكىمنى تۇرسۇن تۆمۈرنىڭ دادىسى كۆرگەن. »
بالامنىڭ مۇشۇنداق دېگەنلىكىنى يۈرىكىم تۇيغان ھامان، تۇرسۇننىڭ دادىسى تۆمۈراخۇننى ئوي – دۆڭدە بولسىمۇ تېپىپ، ئۇ زېرىككىچە، ھەتتا مەندىن بىزار بولغۇچە بالام ھەققىدە پاراڭلىشاتتىم. ئۇ ھەقتە ھەرخىل سوئاللارنى سورايتتىم.
« مەن ئاسۇق مەھەللىسىگە ئوينىغىلى بارغان. »
ئۇ شۇنداق دېگەندەك بىلىنگەن كۈنلىرى، قەدىمىي مەھەللىلىرى چېقىلىپ، ئوي – دۆڭلىرى تۈزلىنىپ، تۇنۇغۇسىز ھالغا كىرىپ قالغان ئاسمانپەلەك بىنالار ئارىسىدا كۈنبويى قېدىرىپ، تېمىسقىلاپ يۈرەتتىم.
« مەن بۆگۈن كېچە چۈشىڭىزگە كىرىمەن. »
بەزىدە، بالامنىڭ مۇشۇنداق دەيدىغانلىقىنىمۇ پەرەز قىلاتتىم. مۇشۇنداق ئۇزاق كېچىلەردە، كىرپىك قاقماي يېتىپ بالامنى _ يۈرەك پارەمنى چۈشەپ چىقاتتىم.....
« بالىلىق ئۆي بازار، بالىسىز ئۆي مازار » دېگەنلەر توغرا دەپتىكەن. مېنىڭ ئۆيۈم ھەقىقىي بىر مازارغا ئايلانغانىدى. بالىنىڭ دەرد – پىراقىدا ھۇشسىز ۋە مەجنۇن يۈرگەن مەن، ئەقلىدىن ئېزىپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان ئايالىم مۇشۇ مازاردىكى مۇردىلار ئىدۇق. جېنى بولمىسىمۇ جىسمى قىمىرلاپ تۇرىدىغان، روھى بولمىسىمۇ كۆزلىرى پىلدىرلاپ تۇرىدىغان مۇردىدىنمۇ قورقۇنچلۇق نەرسە يوقتۇر دۇنيادا. بىز ئەنە شۇنداق مۇردا. قىمىرلايمىز، بۇنى سەزمەيمىز. سۆزلەيمىز، بۇنىمۇ تۇيىمايمىز. نېمە دەيمىز، نېمە يەيمىز، بۇنى تېخىمۇ بىلمەيمىز. بالام ماڭغاندا ماڭىمىز، بالام تۇرغاندا تۇرىمىز، بالام دېگەننى دەيمىز، بالام يېگەننى يەيمىز. بىزنىڭ تۇرمۇش مىزانىمىز، ھايات يولىمىز مانا مۇشۇ. قولىمىزدىن كېلىدىغىنىمۇ پەقەت مۇشۇلا. قانداق قىلغۇلۇق، بالا دەردى مۇشۇنداق يامان ئىكەن. بۇ دەردتە كىملەر نېمىلەرگە ئايلىنىدۇ، بۇنىمۇ بىلىپ بولمايدىكەن. يەنە كېلىپ، غەلىتە ئىشلار تۈنۆگۈن تاغ چۆرۈلۈپ كەلسە، بۆگۈن باغ چۆرۈلۈپ كېلىدىكەن. تېخى تۈنۆگۈنلا ، بېشىغا مۇشۇنداق دەرد كەلگەن بىر دادىنىڭ قىلىقىغا كۈلگەنىدىم. مانا بۆگۈن مەن ئاشۇ دادىغا ئايلاندىم. ئەتە يەنە نېمە بولىدۇ، مېنىڭ ئورنۇمدا كىم بولىدۇ.... بۇنىمۇ بىر ياراتقۇچى ئېگەم بىلىدۇ. ئېگەم ئۆزى بىلىدۇ!....
شۇنچە يوغان قورو ماتەم كۈنىدەك سۈكۈتلۈك ئىدى.
ھەممە ئۇخلاپ كەتكەندەك قىلاتتى.
ھەممە بالا يوقاپ كەتكەندەكمۇ تۇيىلاتتى.
_ بالام، بالاملا دەيدۇ. مۇشۇ ئادەمنىڭ بالىسى بولغانلىقى راستمۇ زادى؟
_ بالىسى بولمىسا يوقاپ كېتەرمىدى؟
_ يوق بالىنىڭ يوقاپ كېتىدىغان چاغلىرىمۇ بولىدۇ.
.......................
ئاۋۇ يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقتا قاچاندۇر بىر ۋاقىتلاردا ئىككى مويسىپىت ئولتۇرغان، مۇشۇنداق دېيىشكەندەك قىلغانىدى. بەلكىم شۇنداق ئادەملەرنىڭ بىرەرىگە قارىتىپ دېگەن بولغىيتتى. بەلكىم شۇ چاغدىكى شۇنداق ئادەم مەن بولغىيتتىم. ئارىدىن تالاي يىللار ئۆتكەن مۇشۇ دەقىقىلەردە، خۇددى پۇتقا كىرگەن تىكەننى كۈن ئۆتكۈزۈپ سەزگەندەك، ئاغرىغاندا بىلگەندەك، ئاشۇ ۋاقىتتىكى تىكەنلىك گەپلەرنىڭ ماڭا قارىتىپ دىيىلگەنلىكىنى تۇيۇقسىزلا ھىس قىلىپ قالدىم. شۇ چاغدىلا بالام بار بولغىيمىدى ياكى بالام بولىدىغانلىقى، ھەم يوقاپمۇ كېتىدىغانلىقى پەرەز قىلىنغان بولغىيمىدى؟
مويسىپىتلارنىڭ خىزىرلىشىش دەۋرى يېتىپ كېلىۋاتقاندەك قىلاتتى.
خىزىرلارنىڭ ھەر كەلىمىسى سىرلىق مۇئەمماغا ئايلىنىپ كېتىۋاتاتتى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر