باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

تىركىشىش (ئابباس مۇنىياز تۈركىقان)(1)

2015.03.31 10:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇ يەنە ئۈستەلگە مۈكچەيدى. كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ كەتكەن قەلىمىنى، يۈرۈكىگە ئېكەك بولۇپ كەلگەن ئاشۇ جان خوراتقۇچ قەلىمىنى ئاستا قولىغا ئالدى. بايا ئۇ: ئەمدى قەلەمنى قولۇمغا ئالالماسمەن. بېرەر مۆجىزە كۆرۈلگەن تەقدىردىمۇ قولۇمغا زادىلا ئالماسمەن، دەپ ئويلىغانىدى. ئاجايىپكى، يەنە مۆجىزە يۈز بەردى. ياشاشقا، پىلدىرلاپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن يېقىنلاپ كېلىۋاتقان قەھرىمانىنى كۆرۈشكە نېسىپ بولدى. بارغانچە مۇكەممەللىشىۋاتقان سۆيۈملۈك قەھرىمانىنىڭ ئوتلۇق يۈرۈكىنى ئاخىرغىچە يېزىشقا: ھەممىگە ئەنداز خاراكتېر- خىسلەتلىرىنى قالدۇرماي قېزىشقا: ئۆڭمەس، نۇرانە ئوبرازىنى مەڭگۈلۈك ئابىدە قىلىپ سىزىشقا پۇرسەت بولدى! بۇ، قەلەمنىڭ خاسىيىتىمىدۇ، قەھرىماننىڭ مېھرىمىدۇ ياكى ئۇنى باغلاپ تۇرغان ئۇلۇغ ھاياتنىڭ سېھرىمىدۇ؟ ئۇ كىمگە تارتىشىپ ۋە نىمىنى ۋاستە قىلىپ ياشىدى؟ ئۇنىڭ ھاياتىغا مەنا ئاتا قىلغان نەرسە نىمە؟ زادى نىمە؟! ئۇ، پۇرلاشقان، يۇمۇلۇشقا تەييار تۇرغان قاپاقلىرىنى ئاستا كۆتۈردى. خىرەلەشكەن كۆزىگە قەلەمدىن باشقا ھېچنەرسە كۆرۈنمىدى. گويا ئۇنىڭ ئىككى ئالەملىك قەلب سىرى قەلەمگە ئامانەت قالغاندەك، ئۇنى قولىغا ئالسىلا كۆمۈلگەن ھېكمەت بۇلىقىنىڭ كۆزى ئېچىلىپ، تومۇر- تومۇرلىرى ئارقىلىق دەشت- باياۋانلارغا تارايدىغاندەك بىلىندى. ئاھ، قەلەم! تونۇش قەلەم، كونا قەلەم، قەدىناس قەلەم! مۇشۇ سىرداشتىن كەچكىلى بولسۇنمۇ. مۇشۇ سۆيۈملۈك قەدىناسنى تاشلاپ كەتكىلى بولسۇنمۇ؟!

  ئۇ، ئىلغىچى چۈشۈپ قالغان، قالپىقى چېقىق قەلىمىنى چىڭ تۇتتى. قاتتىق بولسىمۇ يۇمشاق بىلىنىدىغان، كونا كۆرۈنسىمۇ مەڭگۈ يېڭىدەك تۇيۇلۇدىغان بۇ باتۇر سۈپەت قەلەمنى مۇشۇنداق تۇتمىسا بولمايتتى. شۇندىلا دۇنياغا قۇچاق ئېچىپ كېلىۋاتقان قەھرىمانىنى مەنزىلگە تېزراق باشلاپ بارغىلى بولاتتى. شۇندىلا ئۇنىڭدىن گۈل تۆكۈلەتتى. دۇر قويۇلاتتى. ھاياتنىڭ ئەبەدىيلىك مۆھۈرى ئويۇلاتتى....

  لېكىن، قەلەم ھېرىپ قالغاندەك ئىدى. ئۇنىڭ يورغىلاپ، شىرىلداپ ماڭىدىغان قەدەملىرى تولىمۇ ئاستا ۋە تەستە يۆتكىلەتتى. قەلەمنىڭ بۇ ھالىتىمۇ ئېگىسىنىڭ تىترەپ بېسىلىدىغان زەئىپ قەدەملىرىگە ئوخشاپ كېتەتتى. بەكمۇ ئوخشاپ كېتەتتى! شۇنداقتىمۇ ماڭمىسا بولمايتى. خۇددى ئېگىسى پاچاقلىرى سىقىراپ ئاغرىپ كېتىۋاتسىمۇ ھاياتلىق ئۈچۈن مېڭىشقا مەجبۇر بولغاندەك، ئۇمۇ ھاياتلىقى ئۈچۈن----- قەلەملىك قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مېڭىشى كېرەك ئىدى. يورغىلاپ مېڭىشقا بولمىسا، تەمتىلەپ مېڭىشى، بەھۇزۇر مېڭىشقا ئىمكان بولمىسا، ئاۋايلاپ بولسىمۇ مېڭىشى لازىم ئىدى. شۇندىلا ئېگىسىنىڭ قىممىتى ئاشاتتى. ئېگىسىنىڭ قىممىتى ئۆزىنىڭمۇ قىممىتى ۋە ھاياتى ئىدى. ئېگىسى شۆھرەت تاپقانسېرى، ئۆزىنىڭمۇ قىممىتى شۇنچە ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى يېقىندىن بېرى بەك چوڭقۇر ھىس قىلىۋاتاتتى. دېمىسىمۇ، 40 نەچچە يىل ئېگىسى بىلەن بىرگە ياشاپ، قاچان بۆگۈنكىدەك ھۆرمەت تېپىپ باققان؟ ئۇ، باشقىلار تۇتۇپ بېقىشنى، بولسا، سوۋغات خاتىرىسى ئۈچۈن ئېلىۋېلىشنى، ھېچ بولمىسا، ئۇنىڭ بىلەن كىتاپلىرىنىڭ تىتوللىرىغا ئىمزا قويدۇرۇۋېلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان تەۋەررۈك قەلەمگە ئايلىنىپ قېلىشنى ئويلىغانمىدى؟ بىر چاغدا، 40 يىل مۇقەددەم باھاسى تەكرار چۈشۈرۈلسىمۇ ھېچكىشى قاراپ قويمىغان ،پۇكەينىڭ بىر بۈرجىكىدە، قېلىن توپا ئاستىدا بۇيۇن قىسىپ تۇرغان قەلەم مۇشۇ ئەمەسمىدى؟ كىشىلەر ناندىن باشقا ھېچنەرسىگە قىزىقمايدىغان ئاشۇ كۈنلەردە، ‹‹ قەلەم بولغىچە، نان بولۇپ قالسامچۇ›› دەپ يىللاپ- يىللاپ ياش تۆككەن، سانسىز كېچىلەرنى قەدىرسىزلىنىش ئازاۋى بىلەن ئۆتكۈزگەن دەرتمەن قەلەم مۇشۇ ئەمەسمىدى؟ كېيىنكى كۈنلەردە يەنە، باشقىلار‹‹ سەتكەن، قوپالكەن›› دەپ قولىغا ئېلىشتىنمۇ ھارسىنىدىغان، پەقەت ئېگىسىنىڭ قولى ۋە تۆش يانچۇقىنىڭلا دائىملىق ئەزاسى بولۇپ قالغان قەلەممۇ مۇشۇ ئەمەسمىدى؟ ئەمدى نېمە بولدى؟ ئېگىسىنىڭ ئابرويىغا شىرىك بولۇپ يەنە كىمگە ئايلاندى؟! قەلەمگە! ئىسمى- جىسمىغا لايىق يازغۇچى قەلىمىگە. ھەر تېمىم سىياھسىدىن مەڭگۈلۈك ئەشئار تامىدىغان تۇتىيا قەلەمگە!! ‹‹ سەت بولغىنى بىلەن، سىياھنى كۆپ ئىچىدۇ. ››، ‹‹ قوپال كۆرۈنگىنى بىلەن، ئۇچى يۇمشاق. قۇسمايدۇ. ›› بۇ، ئېگىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى جاۋابى ئىدى. ۋاقىت ئىسپاتلىدىكى، بۇ ئېگىسىنىڭ ھەم مەڭگۈلۈك جاۋابى ئىكەن. ئەمدىلىكتە قەلەممۇ ئېگىسىگە ئوخشاشلا قېرىدى. قالپىقى چېقىلىپ كەتتى. تۆش يانچۇقنىڭ ئېغىزىنى تولا قىسىپ، ھالىدىن كەتكەن ئىلغىچى ئۇنىڭ بىلەن ۋاقىتسىز خوشلاشتى. ئېگىسى ‹‹ يۇمشاق ›› دەپ ماختاپ تۇرۇدىغان ئۇچىمۇ ئۇپراپ، خەتلەر زىيادە توم چىقىدىغان بولۇپ قالدى. ئەينى چاغدىكىدەك تېز- تېز ماڭالمايدىغان، ئېگىسىنىڭ كۈچسىز قولىغا ئەگىشىپ، دۈگجۈنۈپ-- سەنتۈرۈلۈپ ماڭىدىغان بولدى. خۇددى ئەمدىلا ئايىقى چىققان بالىدەك. ۋە خۇددى باقىي ئالەمنىڭ بوۋىقىغا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرغان پانىي قېرىسىدەك....مەيلى نىمە بولسۇن، نىمىلا دېيىلسۇن، ماڭماي بولمايتتى. ئېگىسىنىڭ پىكىرلەر يۈدۈپ كېلىۋاتقان يۈرۈكى سېلىپلا تۇرۇدىكەن، قەلب قەدىمىنىڭ ئەلچىسى بولغان قولى مىدىرلاپلا تۇرۇدىكەن، ئۇ ماڭاتتى. توختىماي ماڭاتتى. ئېگىسى توختىمايدىغانلا ئىش بولسا، ئۇ مەڭگۈ توختىماسلىققا رازى ئىدى. لېكىن،...

  قەلەم بىردىنلا، يۈرەك- باغرى ئېزىلىپ، توختىماي ياش تۆكۈشكە باشلىغان مويسىپىتكە ئوخشاپ قالدى. ھە-ئە، ئۇ ياش تۆكۈشكە باشلىدى. بۇ ياشلار ئېگىسىنىڭ پىكىر باياۋانىدىن، مەنالار خەزىنىسىدىن، ۋەقەلەر دېڭىزىدىن سۈزگەن دۇر- جاۋاھىراتلىرى ئىدى. ئازاپلىق ئىزدىنىشلىرىنىڭ خاتىرىسى، يۈرەك قېنىنىڭ مېھنەت رەڭگىگە كىرىشى ئىدى. قەلەم ئىچ- باغرىنى تۆككەنىكەن، ئېگىسى ئىپادىسىز تۇرالىسۇنمۇ؟ قەلەم تەپەككۇر قەدەملىرىگە تەڭكەش بولغان يەردە، ئېگىسى ئۇنى تاشلاپ قويالىسۇنمۇ؟ مەن قەلەمنى ئەمەس، قەلەم مېنى باشلاپ ماڭدى، دەيدىغۇ يازغۇچى دېگەن! ئەمەلىيەتتە، 40 نەچچە يىل بىرگە ئۆتكەن، سان- ساناقسىز ئازاپلىق تەپەككۇر مۇساپىسىنى بىرگە باسقان بۇ قەدىناسلار ئۈچۈن قەلەم ئۇنى باشلىسىمۇ، ئۇ قەلەمنى باشقۇرسىمۇ ئوخشاش. ھەممىسى ئوخشاش!!....

  ئۇ، قەلەمنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئارزۇلاشلاردىن كېيىن قولغا چۈشۈرگەن ئادەمدەك، تەڭداشسىز قىزغىن مۇھەببەت، سۆيۈنۈش، ئىشەنچ ۋە مەسئۇلىيەت بىلەن تۇتۇشقا باشلىدى. تېخىمۇ چىڭ تۇتۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ھازىرقى بۇ قىزغىنلىقىدىن سەسكىنىش، بىزار بولۇش ئالامەتلىرىنى تاپقىلى بولمايتتى. خۇددى ئەزەلدىنلا سەسكىنىپ باقمىغاندەك، يارىلىشىدىنلا قەلەمگە مۇھەببەت قويۇپ چۈشكەندەك ۋە مەڭگۈ سەسكەنمەيدىغاندەك ئىدى. تېخى بايىلا سادىر بولغان سەسكىنىش ھىسلىرى ھەم قەلەمگە يېقىن يولۇماسلىق ھەققىدىكى ۋەدىلىرى ئەزەلدىن يۈز بېرىپ باقمىغان ئىشتەك قىلاتتى. يېزىش كېرەك. ئاساسىي گەۋدىسى ئايان بولۇپ بولغان قەھرىمانىنىڭ ئاخىرقى تېنىقلىرىغىچە قېزىش كېرەك! خەلق سۆيگەن بۇ قەھرىماننىڭ بەدىئىي ھەيكىلى مۇۋەپپەقەيەتلىك تۇرغۇزۇلسىلا، خەلق روھى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ. ئۆزىمۇ خەلق روھىي يۇغۇرۇلغان بۇ سۆيۈملۈك ئوبرازىغا قوشۇلۇپ مەڭگۈ ياشايدۇ. شۇڭا، قەھرىمانى تۇغۇلۇپ بولغۇچە، ئۆزى ھايات تۇرۇشى كېرەك. يۈرۈكى ھەرىكەتتىن توختاپ بولغىچە، ئاجىز تىنىقلىرى ئۇشتۇمتۇت ئۈزۈلۈپ قالغىچە، بىر ئاماللار بىلەن قەھرىمانىنى مۇكەممەل تۇغدۇرۇۋېلىش كېرەك! قەھرىمانى بار خەلق بويۇن قىسمايدۇ. قەھرىمانى بولغان خەلق مەڭگۈ يوقالمايدۇ!......

  ئۇ يەنە ھاياجانلاندى. گەرچە قەلەم ناھايىتى تەسلىكتە سۈرۈلۈپ بېرىۋاتسىمۇ، ئۇنىڭ ئۇچىدىن سىرغىۋاتقىنى سىياھ بولماي، ياشمۇ بولماي، ئۇنىڭ ئاجىز يۈرۈكىدىن ئېقىپ كېلىۋاتقان ئاخىرقى قان ئېقىنىدەك بىلىنىۋاتسىمۇ. كۈچسىز بارماقلىرىنىڭ سۆرەپ كېتىۋاتقىنى قەدىناس قەلىمى بولماي، تاشلىق يەرگە سېلىنغان تىرنىدەك، يۈرۈكىگە پاتۇرۇپ سالغان ئاسقاقتەك سېزىلىۋاتسىمۇ!...ھاياجان...ھاياجان!...بارلىق چوڭقۇرلاش ۋە پىكرىي چاقناشلار مۇشۇ ھاياجاندىن كېلەتتى. شۇنىڭدەك ئۇنى ئۆلۈمگە سۆرەيدىغان ئەجەل پۇتاقلىرىمۇ دەل مۇشۇ ھاياجانلىنىشتىن چىقاتتى. دوختۇرنىڭ بىرىنچى تەۋسىيىسىمۇ زادىلا ھاياجانلانماسلىق ئىدى. بىراق، ھاياجاننىڭ يازغۇچى ئۈچۈن پىكرىي پارلاش، بەدىئىي پارتلاش ئىكەنلىكىنى ئۇلار نەدىنمۇ بىلسۇن. ھاياجان ئاتلىق بۇ ئۇلۇق پەرىشتە ھەممىلا ئادەمنى يوقلاپ ئۆتۈدىغان ھارماس ساھىلمىدى؟ ھەممىگە قول بېرىدىغان تېنىمسىز ساخاۋەتچىمىدى؟ ئۇ دېگەن، يازغۇچى ئۆمرىدە بىرقانچە رەت كېلىپ- كېتىدىغان ئەتىۋار مېھمان. تۇتاي دەپمۇ تۇتۇپ قالغىلى بولمايدىغان مۆجىزىۋىي جەريان. تەلقىنىي سۇلتان! شۇنداق ئىكەن، قەلب كۈلبىسىگە مىڭ- مىڭ تەستە قەدەم باسقان بۇ پىكىر پەرىشتىسىنى قولدىن چىقىرىپ قۇيۇشقا بولسۇنمۇ. يوقلاپ كەلگەن ئىلھام گۈزىلىنى قىزغىن قۇچاقلاپ، سۆيمەي بولسۇنمۇ؟! شۇڭا، ئۇ ھاياجانلاندى. يېقىندىن بېرى توختىماي ھاياجانلىنىپ كەلدى. ھەرقېتىملىق ھاياجانلىنىشتا ھۇشىدن كەتتى. يىقىلىپ قالدى. باش كۆتۈرەلمەي ياتتى. قايسى كۈنى شۇنداق بولغان. بايىمۇ شۇنداق بولدى!...خۇدا ئۇنىڭ ساناقلىق كۈنى ئۈچۈن مەرھەمەت قىلىۋاتقانمىدۇ. ئۇ كېتىشتىن بۇرۇن ئىشلىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلاي دېگەنمىدۇ. يازغۇچىلىرىغا بېرىدىغان بارلىق ئىلھام- ھاياجانلىنىشلارنى ئاخىرقى قېتم ئۇنىڭغىلا بېرىۋېتەي دېگەنمىدۇ؟!...

  بىر قاراشتا شۇنداقتەكمۇ قىلىدۇ. راستتىنلا شۇنداق بولسا، تەڭرى ئۇنى قوللاۋېتىپتۇ. كونا قەلەم ۋە زەئىپ تەپەككۇرىدىن باشقا ھېچنىمىسى قالمىغان بىچارە بەندىسىنى قوللاۋېتىپتۇ! بىر يازغۇچى ئىلھاملار قېتىدا ئۆلۈپ كەتسە نە ئارمان؟ ئۆمۈر بويى ھاياجان ئىزدەپ ئۆتكەن بىر قەلەم ساھىبى يەنە شۇ ھاياجان بىلەن جان بەرسە ، نىمە ئۆكۈنۈش؟! شۇنداق ئىكەن، يازماسلىققا يەنە نىمە ھەددى؟ يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان ئىلھام پەرىشتىلىرىنى قىزغىن سۆيمەسلىككە، ئاخىرقى قۇۋۋىتى قالغانغا قەدەر قۇچاقلىماسلىققا نىمە ھەددى؟! كەل، سۈيۈملۈك پەرىشتە! كەل، ئۇنىڭغا شاتلىق، يۇرۇقلۇق ئاتا قىلىدىغان ئازاپ قىزى. شادىيانە مۇشەققەت يۈكلەيدىغان جاپا جانانى!!...

  قەلەم شىرىلداپ باراتتى. قەدەملەر ئاستا ۋە كالامپاي بولسىمۇ، لېكىن ۋەزنى ئېغىر ئىدى. ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى يۈرۈشلىرى قەھرىماننىڭ مەردانە ئاتلىنىشىغا ئوخشايتتى. راستتىنلا ئوخشاپ كېتەتتى! ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىرلا ئەمەس، ھەممىلا ھەرىكىتى؛ تارتىلىشى دۈشمەننى قېلىچ بىلەن كەسكەنگە، ھەر يۆگىلىشى رەقىپ قارنىنى نەيزە بىلەن ئەشكەنگە!....يەنە ئۇنىڭ تىكلىشىشى، تېزلىشىشى...

  .... قەھرىمان سەپ ئالدىدا ئات چاپتۇرۇپ كېلىۋاتاتتى. بۇ، ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ھەل قىلغۇچ جەڭ ئىدى. شۇنىڭدەك، ئۇنىڭ كۈرەش تارىخىدىكى پىتنە- پاساتنىڭ پىلتىسى بولۇپ قالغان ۋە تېخىچە يېشىلمەي كېلىۋاتقان سىر ئىدى. خەلق مۇشۇ سىرنىڭ تولۇق ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. قەھرىماننىڭ كۈرەش مۇساپىسى ئىشەنچلىك يەكۈن تېپىشنى ئىسىتەيتتى. بىراق، ئاۋام ئېغىزىدا ھەر خىل گەپلەر ئېقىپ يۈرۈشەتتى. مەتپۇئاتتىكى مۇلاھىزىلەرمۇ بىر- بىرىگە ئوخشىمايتتى. ئۇ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىدە نۇرغۇن قېرىنداشلىرىنىڭ ئەشەددىي قاتىلى بولغان، دەيتتى بەزىلەر. ئۇ، كۈرەشتە غەلىبىگە ئېرىشكەن. لېكىن، ئىنقىلاپ مېۋىسىنى قارا نىيەت كۈچلەر تارتىۋالغان، دەيتتى يەنە بەزىلەر. ئۇ، بىر ئۆمۈرئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنىڭ ئەكسىچە، كېيىنكى ۋاقىتلاردا، ئۇلۇغ ئىنقىلاپنىڭ خائىنى بولغان، دېگۈچىلەرمۇ بار ئىدى. خەلق مۇشۇ سىرنىڭ يىشىلىشىنى كۈتەتتى. ھەممە شۇنىڭغا تەشنا، چوڭ- كىچىك ھەممىلا ئادەم شۇنىڭغا ئىنتىزار ئىدى. بەختىگە، بۇ سىرنى ئۇ ئېنىقلاپ چىقتى. خەلقىگە ئەڭ لازىملىق تۈگۈن ئۇنىڭ يېشىشىگە نېسىپ بولدى. نەچچە ئون يىللاپ ئىزدىنىشتىن كېيىن، ھارماي كۆرۈش، زېرىكمەي سېلىشتۇرۇش ۋە دەلىللەشتىن كېيىن ئاخىر يېشىپ چىقتى. ئەمدى ئۇنى ئۇقۇرمەنلىرىگە، ئۆز قەھرىمانىنىڭ تارىخىنى ئەينەن بىلىشكە مۇيەسسەر بولالمىغان بىچارە خەلقىگە دەپ بېرىشى كېرەك. يۈزەكى، تومتاق يول بىلەن ئەمەس، مۇشۇ قەھرىمانىدەكلا مەردانە، چىن ۋە پەردازسىز يول بىلەن. گۈزەل،ئۇقۇملۇق، لېرىكىلىق ۋە تەسىرلىك ئۇسلۇپ بىلەن!...

  
【1】 【2】 【3】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر