باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

قىسقا كۆرۈنۈش، چوڭقۇر سېغىنىش(1)

ئابباس مۇنىياز

2015.03.31 10:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  « ئۇ، ئۈچ قىسىملىق تارىخىي رومانىنىڭ ئورىگىنالىنى بىزگە تاپشۇرۇپ بولۇپ، ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندە ۋاپات بولدى. رومانىنى يېزىۋاتقان مەزگىللەردە ئۇنىڭغا بىر قىسىم قەلەم ھەققىنى ئالدىن بەرگەنىدۇق.... »

  1998-يىلى كۈز ئايلىرىدا، جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە يەكەندە ئېچىلغان ھېكايە ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، شىنجاڭ ياش – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى باشلىقى، يازغۇچى ئابدۇراخمان ئەبەيدىن يىغىن ئەھلى قاتارىدا يۇقىرىقى ئۇچۇرنى ئاڭلىغان ۋە يەنە بىر قېتىم كۆز يېشى قىلغان ۋاقتىمدا ئاقسۇدا خىزمەت قىلىۋاتاتتىم. شۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى، يەنى 1998-يىلى 13- سېنتەبىر كۈنى، دەل ئاقسۇ شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسمىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە كەلكۈن بېسىپ كەتكەن كۈنى، ئاتاقلىق يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى بىر كۈن كېچىكىپ ئاڭلىغانىدىم. مەن، ئانام رەھمەتلىك ۋاپات بولغاندا يىغلىغاندەك ئۈن سېلىپ يىغلىغان شۇ ۋاقىتتىمۇ ئاقسۇدا ئىدىم.

  2007-يىلىنىڭ ئەتىياز ئايلىرىدا، قىزىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتاتتى.

  _ زوردۇن سابىرنىڭ ۋاپات بولغان ۋاقتىنى پەقەت تۇتىۋالالمىدىم ، دادا، _ دېدى ئۇ، ئەدەبىيات دەرسىنىڭ تەكرار ئەھۋالىنى ماڭا تونۇشتۇرۇۋېتىپ.

  _ سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز _ دەل زوردۇن سابىرنىڭ ۋاپات بولغان كۈنى، _ دېدىم ئۇنىڭغا ئېسىدە قالغۇدەك چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىپ.قىزىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى 12-سېنتەبىرنى ئىشارە قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭغا ئېسىدىن چىقمىغۇدەك ئۇچۇر بەرگەن شۇ كۈنى يەنىلا ئاقسۇدا ئىدىم.

  « ئۇلۇغ قەرزدار، ئۇلۇغ يازغۇچى _ زوردۇن سابىر »

  « تەڭرىتاغ » ژۇرنىلىدىن لىرىك شائىر ئابلەت ئابدۇللانىڭ يۇقىرىقى ماۋزۇ ئاستىدا يېزىلغا چوڭ ھەجىملىك ئەسلىمىسىنى يىغلاپ تۇرۇپ ئوقىغان ۋاقىتلىرىمدا يەنىلا ئاقسۇدا خىزمەت قىلىۋاتقانىدىم.

  مانا، كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە يىللار ئالماشتى، كۆپ يىللار ئۆتۈپمۇ كەتتى. تۇزۇم تارتىپ ۋە تەقدىرىي – قىسمەت بىلەن، ئەمدىلىكتە مەن ئۈرۈمچىدە، يەنە كېلىپ گېپى بولىۋاتقان ئاشۇ ئۇستاز يازغۇچى ھايات ۋاقتىدا خىزمەت قىلغان ئىدارىدە _ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىدە خىزمەت قىلماقتىمەن. تېخىمۇ ئۇدۇل كەلگىنى، خۇددى ئۇنىڭغا ئوخشاشلا كەسپىي يازغۇچى بولۇپ تۇرماقتىمەن. ئۇنىڭ سىيماسىنى ئەسلەپ، ئىزلىرىنى ئىزلاپ، ھىدلىرىنى ھىدلاپ يۈرمەكتىمەن. يەنە بىرمۇنچە بۈيۈك سىيمالارنىڭ مەرھۇم زوردۇن سابىر قاتارىدا دەل مۇشۇ ئىدارىدە شەرەپلىك خىزمەت تارىخى، قىسمەت – سەرگۈزەشتىلىرى بارلىقىنى ئويلىسام، خۇددى شۇلارغا ئەگىشىپ ماڭغان ئىزچىدەك بەختىيارلىق ھىسلىرىغا چۆمىمەن. بەزىدە، روھىي بېسىمغا ئوخشاپ كېتىدىغان مۇرەككەپ خىياللار قاينىمىغىمۇ كىرىپ قالىمەن.

  تۇرۇپلا ئۆزۈمدىن سوراپ قالىمەن:

  « زوردۇن سابىر ئىشلىگەن شۇ ئىدارىدە ئىشلەشكە لاياقىتىڭ بارمۇ؟ »

  راستىنى دېسەم، جاۋاب بېرىش ماڭىمۇ تەس. « لاياقىتىم بار » دەي دېسەم، مەرھۇم يازغۇچى قىلغان بەدىئىي ئەمگەكلەرنىڭ يۈزدىن بىر ئۆلۈشىنىمۇ قىلالمىدىم. « لاياقىتىم يوق » دەي دېسەم، بۇنىڭدىن كېيىن ئاز تولا بىر ئىشلارنى قىلىپ قالسام ئەجەپ ئەمەس دەپمۇ ئويلايمەن. يەنە ئويلايمەنكى: يازغۇچىلار جەمئىيىتىدە ئىشلىگەن ئۇ ئۇستازلارنىڭ ھەممىسى ئاۋۋال يازغۇچىلىق شەرتىنى ھازىرلاپ، ئاندىن ئۇ يەرگە خىزمەتكە چۈشمىگەن بولغىيتتى. ئاۋۋال خىزمەتكە چۈشۈپ، ئاندىن يازغۇچىلىق شەرتىگە ئۇيغۇنلاشقانلارمۇ بار بولغىيتتى. بىز ئۆز _ ئۆزىمىزگە تەسەللىي بېرىشكە مانا مۇشۇنداق ئامراق ھەم ئۇستا ئادەملەر. قاراڭ، « ئا Q» ھەققىدە تالاي قېتىملاپ دەرس ۋە لېكسىيەلەرنى سۆزلىگەن ئادەم تۇرۇپ، ئۆزۈم ئويلاپ تاپقان بۇ تەسەللىيگە ئۆزۈم ئىشىنىپ قالدىم. « ئا Q » غا ئايلىنىپ كەتتىم دېيەلمىسەممۇ، بۇ تەسەللىينىڭ كۆڭلۈمگە خېلى يېقىپ قالغىنىنىمۇ يوشۇرمايمەن.

  _ ئاكا، ئاڭلىسام، سىزنى زوردۇن سابىرنىڭ ئورنىغا كەسپىي يازغۇچىلىققا يۆتكەپ ئەكەپتۇ دەيدۇغۇ؟

  ئۆزۈم تاپقان تەسەللىيدىن ئۆزۈم ئارام تېپىپ يۈرىۋاتقان بىر كۈنى، ئەل سۆيگەن ياش ناخشىچى ئىنىمىز شىرئەلى ئەلتېكىن يولدا كۆرۈشۈپلا شۇنداق سوراپ قالدى.

  _ زوردۇنكامنىڭ ئورنىنى زادىلا باسالمايمەنغۇ. ئەمما ئىشەنگىنىڭىزگە رەھمەت. زوردۇن سابىرچە روھنى يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىمەن.

  مەن ھاپىلا – شاپىلا شۇنداق جاۋاب بەردىم - يۇ، نەچچە كۈنگىچە مۇشۇ سوئال ھەققىدە ئويلاندىم. قارىماققا چاقچاقتەك بىلىنىدىغان بۇ سوئالنىڭ ۋەزنى بەكلا ئېغىر ئىدى. جەزىم قىلاتتىمكى، زوردۇن سابىرنىڭ ئورنىغا كەلمىگەنلىكىمنى، ۋاپات بولغان تالانت ئېگىسىنىڭ ئورنىنى باشقا بىر ئادەم ئارقىلىق تولدۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۇ چوقۇم بىلەتتى. ئۇ دېمەكچى ئىدىكى: زوردۇن سابىر خىزمەت قىلغان ئىدارىگە كەسپىي يازغۇچى بولۇپ كەپسەن، سەنمۇ ئۇنىڭدەك بول!

  كىشىلىرىمىز كۆپۈنچە ھاللاردا سۈكۈتتە ياشاشقا كۆنۈپ كەتكەندەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ھالقىلىق پەيتلەردە نېمە قىلىشنى ۋە نېمە دېيىشنى بىلىدىكەن. كىم ئۈچۈن نېمە قىلىشنى ۋە كىمگە نېمە دېيىشنى تېخىمۇ ئوبدان بىلىدىكەن.

  مۇشۇنداق ھۇشيار، سەزگۈر كىشىلىرى كۆپ بولغان خەلقنىڭ ھەممە ئىشلىرىدا ئۈمىد بار. مۇشۇنداق بىر خەلق ئۈچۈن مېھنەت قىلىپ ئۆتۈش بەخت، ئۆلۈشمۇ شەرەپ.

  ئېھ، زوردۇن سابىر!....

  چوڭقۇر خىياللار ئارىسىدا تولغىنىپ يېتىپ، يەنە مەرھۇم زوردۇن سابىر ئاكا بىلەن كۆرۈشەلىگەن دەملەرنى ئېسىمگە ئالدىم.

  1

  1992-يىلى ئۆكتەبىردە، ياش ۋە جۇشقۇن نېفىت شەھىرى قارامايدا « 4- قېتىملىق < خانتەڭرى ئەدەبىياتى مۇكاپاتى > يىغىنى داغدۇغىلىق ئېچىلدى. بۇ، 80-يىللاردا باشلانغان ئەدەبىيات قىزغىنلىقىنىڭ ئوتى تېخى پەسەيمىگەن، تاللاش ۋە شاللاش ئۈستىدە قىزغىن مۇنازىرىلەر كېتىۋاتقان مەزگىل ئىدى. تالاي كىشىلەرنىڭ چەتئەل ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەر ھەققىدىكى تەسىراتلىرى ئېغىزاكىي ھەم مەتبۇئاتلاردا ئۈزۈلمەي ئېلان قىلىنىۋاتقان، جاھان كۆرۈش كىشىلەر ئۈچۈن ئاللىقاچان ئورتاق بىر تەلپۈنۈشكە ئايلىنىپ بولغان ۋاقىت بولىشىغا قارىماي، ئۈرۈمچى، قاراماي دېگەن شەھەرلەرنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتاتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن، يولدا كېلىۋېتىپمۇ، يىغىن جەريانىدىمۇ قەلەم تۇتۇشنىڭ راھىتىنى كۆرۈپ، ھوزۇرىنى سۈرۈۋاتقاندەك بىر ھېسسىياتتا بولىۋاتاتتىم. بولۇپمۇ، ھەممە چوڭ بىلىدىغان، مەن تېخىمۇ چوڭ بىلىدىغان داڭلىق ئەدىبلەر بىلەن بىرگە يىغىنغا قاتنىشىش شەرىپى مېنى بەكمۇ ھاياجانلاندۇرماقتا ئىدى. ئىجادىيەتلىرىگە ئەزەلدىن قىزىقىپ كېلىۋاتقىنىم ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلىرىنى دەرسخانىدا تالاي قېتىملاپ سۆزلىگىنىم ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى، يۇرتى، ئەسەرلىرى، خىزمەت ئورنى قاتارلىقلارنى ئىچىۋالغاندەك بىلەتتىم. مەمتىمىن ھوشۇر، ھاجى ئەھمەت كۆلتېگىن، روزى سايىت، مۇھەممەتجان راشىدىن، ئارسلان قاتارلىق بىرمۇنچە ئاتاقلىق ئەدىبلىرىمىز قاتارىدا زوردۇن سابىرنىڭمۇ بولغانلىقى مېنى تېخىمۇ سۆيۈندۈردى. چۈنكى، « ئىزدىنىش » رومانى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدىن باشلاپلا يۈرىكىمگە شۇنداق بىر ئوتنى _ كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇشۇ كاتتا ئەسەرنىڭ ئاپتورى بىلەن كۆرۈشۈش ئوتىنى يېقىۋەتكەنىدى.

  _ ياپىرىمەي!....ئىشىكتىن شۇنداق كىرىپلا، زوردۇن سابىرنى كۆرگەندەك بولۇپ قالدىما مەن. راستىنى دېسەم، قەلەم تۇتۇپ مۇشۇ ئولتۇرۇشۇڭ زوردۇن سابىرغا بەكلا ئوخشاپ كېتىپتۇ جۇمۇ ئاداش.

  شۇ ۋاقىتتىكى بىر سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ساۋاقدىشىم، بۆگۈنكى ئىجتىھاتلىق يازغۇچى داۋۇت مەتنىياز، بىر كەچلىكى مېنى سىنىپتا كۆرۈپلا شۇنداق ئوخشاتقانىدى.

  ئاقسۇ ئانام تۇغقان مېنىڭ،

  قەلبىمدە بار گۈلخان مېنىڭ.

  بولغۇم كېلۇر خەلقىم ئۈچۈن،

  پارتلايدىغان ۋولقان مېنىڭ.

  مەن ساۋاقداشلىرىم ئارىسىدا زوردۇن سابىرغا ئوخشىتىلىۋاتقان ۋە « ۋولقان » تەخەللۇسىغا ھەۋەس قىلىپ يۈرگەن شۇ كۈنلەردە، بىر سىنىپتىكى ساۋاقدىشىم، بۆگۈنكى جاپاكەش شائىر ۋە تەھرىر ئابلىمىت سەمەت ماڭا ئاتاپ مۇشۇ بىر كۇپلېت شېئىرنى يازغانىدى.

  تېخىمۇ ئەھمىيەتلىكى، دەۋرىمىزدىكى كۆپ قىرلىق ئەدىب، ئاتاقلىق شائىر ئابدۇللا سۇلايمان، درامماتورگ ۋە ئەدەبىي تەرجىمان، مەرھۇم ئىمىن راشىدىن، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، يېزىقچىلىق ئىلمى ئوقۇتقۇچىسى نۇرى كېرەم، ياشلىق باھارىنى ئالىي مائارىپ تەربىيەسى ئۈچۈن بېغىشلىغان تەلەپچان ئۇستاز، تونۇلغان پىسخىكا مەسلىھەتچىسى گۈلنار مەتنىياز خانىم قاتارلىقلار مەشق ھېكايىسى تەرىقىسىدە يازغان« ھەسرەت »، « رازى بولغىن، رازىيە » قاتارلىق يازمىلىرىمنى ئېرىنمەي كۆرۈپ، تۈزىتىپ بەرگەن ۋە ھەممىسى دېيىشىۋالغاندەكلا، شۇ چاغدىكى زوردۇن سابىر قىزغىنلىقىغا ماس ھالدا جاۋاب بېرىپ: ئەسەرلىرىڭىزدىكى لىرىك بايانلار « ئىزدىنىش » رومانىدىكى لىرىك بايانلاردەك چىرايلىق ھەم تەسىرلىك چىقىپتۇ. بوشاشماي تىرىشىپ، زوردۇن سابىردەك يازغۇچى بولۇڭ، دېگەنىدى. ئۇلارنىڭ تەسۋىرلىرىمنى زوردۇن سابىرنىڭ تەسۋىرلىرىگە ئوخشاتقىنى ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولسىمۇ، لېكىن مۇشۇ ئىلھامبەخش سۆزلەر ئىشەنچىمنى ئۇرغۇتقان، زوردۇن سابىرغا بولغان ھۆرمەت – ئىخلاسىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغانىدى. زوردۇن سابىر بولالمىساممۇ، ئۇنىڭ قىزغىن ئوقۇرمىنى، تونۇشىدىغان كىشىسى بولۇپ قېلىشنى ئارمان قىلاتتىم.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر