باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

تۈرلۈك بازار سۇبيېكتى 180 مىڭدىن ئېشىپ، جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانىدىن 10ى بارلىققا كەلدى

جياڭ يىن باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلدى (سەلتەنەتلىك 70 يىل، كۈرەشچان يېڭى دەۋر، بىرىنچى سەپتتىن كەلگەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى)

مۇخبىرىمىز شېن لىن، يىن شياۋيۈ

2019.06.24 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر كۆۋرۈك جەنۇب-شىمالنى تۇتاشتۇردى

  چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى جياڭيىن كۆۋرۈكىنىڭ جەنۇبى تەرىپى دەريادىن ئۆتۈش جېڭى خاتىرە سارىيى بولۇپ، «دەريادىن ئۆتكەن تۇنجى كېمە» ئارقىلىق 70 يىل ئىلگىرىكى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى مىليون كىشىلىك ھەيۋەتلىك قوشۇنىنىڭ دەريادىن ئۆتۈۋاتقان قاينام-تاشقىنلىق يىللىرى خاتىرىلەنگەن.

  جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ جياڭيىن شەھىرى شۇ يىلىدىكى چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش جېڭى شەرقىي لىنىيەسىنىڭ كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىدۇر، بۇ يەر 70 يىلدىن بۇيان باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ، جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانىدىن 10نى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۇدا 16 يىل مەملىكەت بويىچە ناھىيە ئىقتىسادى ۋە ناھىيەنىڭ ئۇنىۋېرسال تەرەققىياتىدا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى.

  يېڭىلىق يارىتىش كارخانىنى ئالغا سىلجىتتى

  فائېرشېڭ خۇڭشېڭ گۇرۇھى 55 يىلدىن بۇيان دىققىتىنى «ئارغامچا» ئىشلەشكە مەركەزلەشتۈرگەن كارخانا. فائېرشېڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى ناھايىتى كەڭ دېسەك، دۇنيادىكى %50 تىرانسپورتتا ئىشلىتىلىدىغان پولات ئارقان، دۆلەت ئىچىدىكى %90 كۆۋرۈككە ئىشلىتىلىدىغان ئارقاننىڭ ھەممىسى مۇشۇ كارخانىدا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، دۇنيا دەرىجىلىك 800دىن ئارتۇق بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىسىدە ئۇنىڭ ئىزى بار. فائېرشېڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى ناھايىتى كىچىك دېسەك، كەسمە يۈزى خۇددى قىلدەك ئوپتىك تالا، ھەم ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى ساھەسىدە ئىشلىتىلىدىغان مىكرو پولات ئارقان ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، ئارقاننىڭ دىيامېتىرى ئەڭ ئىنچىكە بولغىنى پەقەت 0.08 مىللىمېتىر كېلىدۇ.

  بېلىقچىلىق كېمىسىدىكى چىگە ئارغامچىدىن پولات ئارقان، پولات پەردە ئارقىنىغىچە، ھەتتا ئوپتىكىلىق ئالاقىدىكى ئوپتىك تالا، نۇر تاياقچىلىرىغىچە «ئارغامچا»نىڭ ئۆزگىرىشى ئۈستىدە توختالغاندا، فائېرشېڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى جوۋ جياڭ «يېڭىلىق يارىتىش- ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ سىرى» دېدى.

  شىنچياۋ بازىرىدىكى بىر يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىككى توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىنىڭ ماگناتى-قۇياش نۇرى گۇرۇھى بىلەن خەيلەن گۇرۇھى بار بولۇپ، بۇ ئىككى ئورۇن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ ئىش باشلىغان يېزا-بازار كارخانىلىرىدۇر، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ يىللىق تىجارەت كىرىمىنى قوشقاندا 200 مىليارد يۈەنگە يەتتى.

  ياڭ گۇاڭ گۇرۇھىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا بىر خىل 500 تال دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى شاخلىق نەپىس توقۇلغان رەخت بار بولۇپ، بىر گىرام قوي يۇڭىدىن 500 مېتىر ئېگىرىپ چىققىلى بولاتتى، تەخمىنەن چاچنىڭ ئوندىن بىرىچىلىك ئىنچىكلىكتە ئىدى. ياڭ گۇاڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى چېن لىفېن مۇنداق دېدى: بىزنىڭ نەزىرىمىز ئىزچىل خەلقئارادىكى ئالدىنقى قاتارنى مۆلچەرلەپ كەلمەكتە، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش، يادرولۇق ھالقىلىق تېخنىكىلارنى ئىگىلەش ئارقىلىق، كەينىدە قېلىپ قوغلاشتىن ئەڭ ئاخىرىدىكى ھالقىپ ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.

  يېڭىلىق يارىتىش گېنى جياڭيىن كارخانىچىلىرىنىڭ قېنىغا سىڭىپ كەتكەن. 2007-يىلى، 31 ياشلىق جاڭ لېي ئەنگلىيەدىن ئوقۇش پۈتكۈزۈپ قايتىپ كېلىپ، يۈەنجىڭ ئېنېرگىيە پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، قىسقىغىنە 10 يىلدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك گىگانت ھۆكۈمران كارخانىنى بارلىققا كەلتۈردى.

  ئالدى بىلەن تۆۋەن سۈرئەتلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق شامالدۇرغۇچنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى، ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، دۇنيادىكى تۇنجى 87 مېتىرلىق چوڭ قاناتلىق چاقلىق 1.5 مېگاۋاتلىق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى يۈەنجىڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھىدا بۆسۈش ھاسىل قىلدى، يەر شارى بويىچە تۇنجى 93 مېتىرلىق چوڭ قاناتلىق چاقلىق تۆۋەن شامال تېزلىكىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق شامالدۇرغۇچ ئىشلىنىپ چىقىپ ھەمدە توك تارقىتىپ، شۇ يىلىدىكى سېتىش سوممىسى 1 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. ئارقىدىن جاڭ لېي نەزىرىنى ئېنېرگىيە باشقۇرۇشقا قارىتىپ، گرېنۋىچ بۇلۇت سۇپىسىنى ئاچتى.

  بۇلۇت سۇپىسىدا، خىزمەتچى خادىملار خالىغانچە يەر شارىنىڭ خالىغان بىر ئورنىنى تاللىيالايدۇ، پەقەت بىر نەچچە سېكۇنت ۋاقىتتىلا، سىستېما چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە ھېسابلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق قانچىلىك شامالدۇرغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇش، قانچىلىك يىراق ئارىلىقنى ساقلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش، شامالدۇرغۇچ قۇۋۋىتىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى قاتارلىق كونكرېت پارامېتىرلارنى تىزىپ چىقىپ، خېرىدارلارنى بىر پۈتۈن ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.

  2018-يىلى جياڭيىن رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 380 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يەتتى، 10 كارخانا «جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا» قاتارىغا كىردى. پايچېكى بازارغا سېلىنغان كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي سانى ۋە ئومۇمىي مەبلەغ مىقدارى مەملىكەت بويىچە ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلەر بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. جياڭيىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن جىنخۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «جياڭيىن ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز ھاياتىي كۈچ قوشقىنى باشتىن ـ ئاخىر ئەمەلىي ئىقتىسادتۇر ».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر