مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىلمىي نەقىل كەلتۈرۈش ئىندېكسىنىڭ تەسىر فاكتورى 10 نومۇردىن ئاشتى

«مولېكۇلىلىق ئۆسۈملۈكلەر» ئۆسۈملۈك ئىلمى ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ

2019.06.24 15:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، 2018- يىللىق «ژۇرنالدىن نەقىل كەلتۈرۈش دوكلاتى» ئېلان قىلىندى. مەزكۇر دوكلاتتىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى مولېكۇلىلىق ئۆسۈملۈكلەر پېنى بويىچە ئاجايىپ يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ جۇڭگو ئۆسۈملۈك فىزىئولوگىيىسى ۋە ئۆسۈملۈك بىئولوگىيىسى ئىلمىي جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان خەلقئارا ئىلىم ژۇرنىلى «مولېكۇلىلىق ئۆسۈملۈكلەر» ئىلمىي ماقالىسىدىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن ماقالە (SCI)نىڭ تەسىر فاكتورى 10.812 گە يېتىپ، ئۆسۈملۈك ئىلمى ساھەسىدىكى 228 خىل ژۇرنال شۇ SCI ئىچىدە تۆتىنچى ئورۇندا تۇردى، بۇ ساھەدىكى تەتقىقات تۈرى SCI ژۇرنال ئىچىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇپ، ئۇدا سەككىز يىل ئاسىيادىكى ئوخشاش ساھەدىكى ژۇرنال ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2008- يىلى نەشر قىلىنىشقا باشلىغاندىن باشلاپ، «مولېكۇلىلىق ئۆسۈملۈكلەر» ئۆسۈملۈك ئىلمى ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرگە ئىگە مۇھىم نەتىجىلەر ئېلان قىلىنىشقا كۈچ چىقىرىلىپ، 100دىن ئارتۇق ئالىمدىن تەركىب تاپقان خەلقئارالىشىش تەھرىر ھەيئىتى قۇرۇلغان، نەتىجىدە، ئۇ ھازىر دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئالىملارنىڭ مۇنەۋۋەر پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىش، ئىلىم ئالماشتۇرۇش ۋە سۆزلىشىشتىكى بىر يۇقىرى سۇپا بولۇپ قالغان. «مولېكۇلىلىق ئۆسۈملۈكلەر»نى تەھرىرلەپ نەشر قىلغۇچى تەرەپ ئۇنىڭ ئاچا-سىڭىل ژۇرنىلى بولغان «ئۆسۈملۈك خەۋەرلىرى»نى چىقىرىدىغانلىقىنى، 2020- يىلى 1- ئايدا ئۇنىڭ 1- سانىنى نەشردىن چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ