خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 23-كۈنى خەلقئارا ئولىمپىك كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى بېيجىڭ شەھەرلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانى (قۇش چاڭگىسى)، دۆلەت سۇ ئۈزۈش مەركىزى (سۇ كۈپى) قاتارلىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى يەتتە مەيدان- سارايلىرى ۋە يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىگە ئالدى بىلەن يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىشلىتىلىدىكەن. ئەمدى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ سىناق مۇسابىقىسى، رەسمىي مۇسابىقە مەزگىلىدە مەيدان- سارايلاردا توك ئىشلىتىشتە %100 يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىشلىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بارلىق مەيدان-سارايلىرىنىڭ يېشىل توك بىلەن تولۇق قاپلىنىشى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدا تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىكەن. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى پىلانلاش قۇرۇلۇشى بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ دېيىشىچە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدان-سارايلىرىدا يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئىشلىتىش ھەم «يېشىل ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش» ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋەدىنى نەقلەشتۈرۈشتىكى كۈچلۈك تەدبىر ھەم ئېلىمىزنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى كونكرېت ئەمەلىيەت ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ