مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جايلار «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

2019.06.24 15:12 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، جايلار «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قەتئىيلىكى ۋە ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

  شەنشى ئۆلكىسى «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىسىدىكى تەربىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتىن دوكلات بېرىش يىغىنى ئېچىپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى مەركىزىي خىزمەت بىلەن بىرلەشتۈردى. شەنشى ئۆلكىلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لۇ جيەنجۈن مۇنداق دېدى: شەنشى ھازىر ئۈچ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئامىلى، يېڭىلىق يارىتىش ئامىلى، مەبلەغ ئامىلىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك ئامىللارنىڭ يۆتكىلىشىنى تېزلىتىپ، تەقسىملەشنى سەرخىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى.

  جۇڭگو ئىنقىلابى قىزىل كېمىسى يولغا چىققان جاي جېجياڭ ئۆلكىسى بايلىقنى قېزىپ، باش تېما تەربىيەسىنى ئۆزگىچە، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. جېجياڭ ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئىقتىسادىي رازۋېدكا باش ئەترىتىنىڭ باشلىقى جاڭ شېنسەي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆگىنىش-تەربىيە نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي خىزمەتنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە كۈچلۈك تىرىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ھەقىقىي ياخشى قانات يايدۇرۇپ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك. جىلىن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە رەقەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۇڭ گاڭ مۇنداق دەپ قارىدى: باش تېما تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ يېڭى دەۋردە زىممىسىگە ئالغان مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چوقۇم يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن بۇ باش تېما تەربىيە پائالىيىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سەنشى ئۆلكىسىنىڭ لۈلياڭ شەھىرى«تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئارزۇنى نىشانلاپ ئالغا ئىلگىرىلەش ـــ لۈ لياڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىكى ئىلغار ئىش-ئىزلارنى كۆرسىتىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتكە قاتناشقان لۈلياڭ شەھىرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش كادىرى شۆ چاۋچى مۇنداق دېدى: 2020-يىلى نامراتلىقنى تۈگىتىش باش شۇجىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى. لۈلياڭ كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ خىزمەتنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ غۇلجا شەھىرى تيەنما مەھەللىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۈلشەن تۇرسۇن مۇنداق دېدى: باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئاھالىلەرنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا پائال ياردەم بېرىش كېرەك. ئۇ مۇنداق دېدى: مەھەللىدىكى پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىستىلنى ياخشىلاپ، خىزمەت ئۇسۇلىنى تۈزىتىپ، ئاھالىلەرگە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك.

  مۇشۇ ئايدا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، يايلاقتا يىلتىز تارتىش –ئاپتونوم رايون بويىچە ئۇلانمۇچىر ئالماشتۇرۇش ئويۇن قويۇش ئېيى» ئۆتكۈزدى. 30 ئۇلانمۇچىر بىرگە-بىر بىرلەشمە ئويۇن قويۇش مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى دېھقان-چارۋىچىلارغا داۋالاش، پەن-تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلدى. سۇنىت ئوڭ خوشۇنى ئۇلانمۇچىر ئەترىتىنىڭ باشلىقى مېڭ كې مۇنداق دېدى: ئۇلانمۇچىرنىڭ « بوران چاپقۇن، قەھرىتان سوغۇق ۋە تومۇز ئىسسىقتىن قورقماسلىق» روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۇرمۇشنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، ئەڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا گۈزەل مەنىۋى ئوزۇق يەتكۈزۈپ بېرىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ