مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ۋە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېتەكچى پىكىر» بېسىپ تارقاتتى

يېزا-كەنتلەرنى تۈزەشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك

2019.06.24 15:05 مەنبە: خەلق تورى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ۋە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «يېزا-كەنتلەرنى تۈزەشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار ۋە تارماقلاردىن ئۇ «پىكىر»نىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «يېزا-كەنتلەرنى تۈزەشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  يېزا-كەنتلەرنى ئۈنۈملۈك تۈزەش بولسا، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنىدۇر. پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى»دىكى ئورۇنلاشتۇرمىلار ۋە تەلەپلەرنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ـ كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئاساسىنى پۇختىلاش ئۈچۈن، يېزا ـ كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  1.ئومۇمىي تەلەپ

  (1) يېتەكچى ئىدىيە . شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2ـ، 3ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش»تەك ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، پارتىيەنىڭ يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشقا بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاشنى ئاساسنى مۇستەھكەملەش تەدبىرى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزىلارنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش، يېزىلارنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تۈپ مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇن ئىدارە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان، پەن-تېخنىكا تىرەك بولىدىغان زامانىۋى يېزا-كەنتنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ھاياتىي كۈچنى ئاشۇرىدىغان، قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق كاپالەتنى كۈچەيتىدىغان، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىدىغان، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىك قىلىدىغان ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ۋە ئەخلاق بىلەن ئىدارە قىلىشتەك ئۈچ خىل ئۇسۇل بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدىكى يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش ۋە ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا-كەنتلەرنى ياخشى ئىدارە قىلىش يولىدا مېڭىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئىناق ۋە تەرتىپلىك بولغان يېزا-كەنت جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ