مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋۇخەن ساقچىلىرى پەۋقۇلئاددە زور چېگرا ھالقىغان زەھەر ئەتكەسچىلىك تورىنى ۋەيران قىلىپ 101 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈردى

2019.06.24 16:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىچە، بىر يىلدىن ئارتۇق جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق، بۇ ئىدارە پەۋقۇلئاددە زور چېگرا ھالقىغان زەھەر توشۇش تورىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىتچىت قىلغان، بىرمىدىن زەھەر مەنبەسىنى تەشكىللەپ، يۈننەننى سەكرەش تاختىسى قىلىپ، خۇنەننى يول قىلىپ، ۋۇخەنگە زەھەر توشۇش زەنجىرى كېسىپ تاشلانغان. بەش قاتلامدىكى 101 جىنايەت گۇماندارى ئارقا- ئارقىدىن تورغا چۈشكەن، ۋۇخەن ساقچىلىرى 267 كىلوگرام زەھەرنى قولغا چۈشۈرگەن، 1 مىليون 793 مىڭ يۈەن زەھەر مەبلىغى يىغىۋېلىنغان، دېلوغا چېتىشلىق 10 ئاپتوموبىل تۇتۇپ قېلىنغان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ 100 دىن ئارتۇق ئادەمدىن تەشكىللەنگەن پەۋقۇلئاددە زور زەھەر سېتىش تورى بىتچىت قىلىنىپ، توشۇش زەنجىرى كېسىلگەندىن كېيىن، ۋۇخەندىكى زەھەر مەنبەسى كەمچىل بولۇپ، زەھەر دېلولىرى ئازايغان. نۆۋەتتە، ۋۇخەن ساقچىلىرى بۇ دېلونى داۋاملىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، يامانلىقنى تۈگىتىشكە تىرىشماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ