مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جايلار تۇنجى تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردى

شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئېلىپ بېرىلماقتا (ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، پەرقنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش ___ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش)

2019.06.24 16:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك»، «باش تېما تەربىيەسى ئارقىلىق سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي پەزىلەتنى تاۋلاپ، مەركىزىي خىزمەتنى زىچ چۆرىدەپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىش لازىم»... تۇنجى تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، جايلار مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، شەكىل ۋە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە روھىي ھالەت بىلەن باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە تىرىشىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، قويۇق ئۆگىنىش كەيپىياتى ياراتتى.

  يۇقىرى ئۆلچەمدە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى

  جايلار باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ئەتراپلىق يولغا قويۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ تولۇق ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈلدى، خەينەن ئۆلكىلىك پارتكوم تۈزگەن باش تېما تەربىيەسىنى يولغا قويۇش لايىھەسى يەرلىك ئالاھىدىلىكنى تولۇق نامايان قىلدى. لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيە بازىسىغا بېرىپ، پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۆلكە دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئالاقە نۇقتىسى خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ بازار، كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ، ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ تۇرمۇش ئۆگىنىپ، ھەر بىر ئادەم بىر پارچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى يازىدۇ... 6-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، خەينەن ئۆلكىسىدىكى تۇنجى تۈركۈمدە ئاساسىي تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان 96 ئورۇننىڭ ھەممىسىدە سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، خەينەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆلكە 10 سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ 96 ئورۇنغا بېرىپ، ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلدى. (بۇ يەرنى بېسىپ تولۇق مەزمۇننى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ