باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

«قوش سەككىز ئستراتېگىيەسى»نىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق ئاچايلى

2018.07.18 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىدىيە كەسىپ ئەندىزىسىنى بەلگىلەيدۇ، ئىستراتېگىيە تەرەققىيات كەلگۈسىگە باشلايدۇ

  15 يىل بۇرۇن، ئەينى چاغدىكى جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان يولداش شى جىنپىڭ «ئارتۇقچىلىقنى قانداق جارى قىلدۇرۇش، كەمچىلىكنى قانداق تولۇقلاش كېرەك» دېگەن ئىككى مۇھىم مەسىلىنى چۆرىدەپ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ سەككىز ئەۋزەللىكىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق شەرھلەپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتتىكى سەككىز تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئورۇنلاشتۇرما ۋە مەسىلىنى يېشىشتىكى چوڭ تەدبىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، «قوش سەككىز ئىستراتېگىيەسى» جېجياڭنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئومۇمىي پىروگرامما، جېجياڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئومۇمىي تاكتىكىسى بولۇپ، جېجياڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىلمىي يول كۆرسەتكۈچ بولدى، ئۇنىڭ روھىي ماھىيىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتىدىمۇ زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «قوش سەككىز ئستراتېگىيەسى»نىڭ غەلىبىلىك يولغا قويۇلۇشى ئىلمىي ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىك كۈچىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى. 15 يىل ئىلگىرى، بايلىق سەرپىياتى يۇقىرى، كەسىپ «تۆۋەن، تارقاق، قالايمىقان»، تۈزۈلمە خاراكتېرلىك، سۈپەت خاراكتېرلىك «بوغما» ھالەت شەكىللەنگەن بۇ «ئۆسۈپ يېتىلىشتىكى غەم» جېجياڭنىڭ تەرەققىياتىنى تارىخىي ئۆتكەلگە يۈزلەندۈردى. تۈزۈلمە مېخانىزمى، بۆلەكسىمان ئۆزگىچە كەسىپ، شەھەر-يېزىلارنى ماس قەدەمدە راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق سەككىز ئەۋزەللىكنى ئىگىلەش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېڭىچە سانائەتلىشىش يولىغا مېڭىش، «يېشىل جېجياڭ» بەرپا قىلىش قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇش «قوش سەككىز ئىستراتېگىيەسى» خۇددى بىر «ئالتۇن ئاچقۇچ»قا ئوخشاش، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شەھەر-يېزا، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش تەرەققىيات مۇھىتىنى ياخشىلاش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت يوللىرىنى ئەلالاشتۇرۇشنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى. بۈگۈنكى جېجياڭ تۈزۈلمە مېخانىزمىنىڭ ھاياتىي كۈچى، ئېچىۋېتىش دەرىجىسى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۆلكىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. جېجياڭنىڭ قىيىن مەسىلىسى بولسا جۇڭگونىڭمۇ قىيىن مەسىلىسى، جېجياڭنىڭ بۆسۈش ھاسىل قىلىشى بولسا شۇنداقلا جۇڭگونىڭمۇ بۆسۈش ھاسىل قىلىشىدۇر. «قوش سەككىز ئىستراتېگىيەسى» مۇنۇلارنى تولۇق ئىسپاتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇر نەزەرىيە ئاساسى، ئەمەلىيەت ئاساسى، ئاممىۋى ئۇلى بار بولۇپ، ئۇ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورالى ۋە ھەرىكەت قىبلىنامەسىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر