باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلدى

چەتئەلدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى تېلېگراف ئالدامچىلىقىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك

2018.07.18 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلار تاپشۇرۇۋالغان ئىنكاسلىرىدا ئېيتىلىشىچە، بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئۆزلىرىنى دۆلىتىمىزنىڭ شۇ جايدىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانا قاتارلىق ئاپپاراتلىرىنىڭ خادىمى قىلىپ كۆرسىتىپ، چەتئەلدە سودا قىلىۋاتقان ۋە چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگو پۇقرالىرىغا قارىتا تېلېگراف ئالدامچىلىقىنى قىلىدىكەن.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى چەتئەلدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىغا بىخەتەرلىك ئەسكەرتىشى چىقىرىپ، ئۇ خىل قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى، ئالدىنىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشى، ئەگەر ئالدىنىپ قالغانلىقىنى بايقىسا، شۇ ھامان ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ ساقچىلىرىغا دەرھال دېلو مەلۇم قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئەسكەرتىش قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، تەپتىش ئورگانلىرى ۋە سوت مەھكىمىلىرى، ھەمدە ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى ھىچقاچان ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق دېلو بېجىرمەيدۇ، ھەمدە ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىپ ۋە تېلېفون ئارقىلىق مەخپىي دېلولارنى تەھقىقلەپ بېجىرمەيدۇ، شۇڭا، پۇقرالار ئېھتىياتچان بولۇپ، ئۆزىنى چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانا، ياكى قانۇن ئىجرا قىلىش تارمىقىنىڭ خادىمى، دەپ ئاتىۋالغانلاردىن تېلېفون ۋە يوللانمىلارنى تاپشۇرۇۋالغاندا، چوقۇم ھوشيارلىقنى ساقلاپ، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەر قانداق نام بىلەن ئىسىم ۋە فامىلە، ئائىلە ئەھۋالى ۋە بانكا كارتىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى سوراپ ئېلىش ۋە ھېسابات يۆتكەش، پۇل پېرېۋوت قىلىش تەلەپلىرىگە ئاسانلا ئىشىنىپ كەتمەسلىك كېرەك، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر