باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئامېرىكىنىڭ سودا ئۇرۇشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى زومىگەرلىكنىڭ دۇنياغا جەڭ ئېلان قىلىشى ھېسابلىنىدۇ

2018.07.13 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئاق ساراينىڭ سودا سىياسىتى ئەقلىدىن پۈتۈنلەي ئېزىپ، ئۇلارنىڭ زومىگەرلىكى كىشىنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىگە يەتتى. ئامېرىكا شۇ جاي ۋاقتى 10-ئىيۇل جۇڭگوغا قارىتىلغان 200 مىليارد دوللارلىق ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلاردىن تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.

  بۇنى قوبۇل قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ، بۇنىڭغا قاتتىق قارشى تۇرىمىز. بىر كىشىنىڭ قىلغان ئىشىغا جاۋاب قايتۇرماسلىق-ئەدەپسىزلىكتۇر. دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە خەلقىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، جۇڭگو ئامېرىكا قوزغىغان سودا ئۇرۇشىغا كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىپ، زۆرۈر تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ.

  تارىخ شۇنى قايتا-قايتا ئىسپاتلىدىكى، قالايمىقان سودا ئۇرۇشى قوزغىغانلىق ئوت بىلەن ئويناشقانلىق بولۇپ، ئاخىرىدا ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ. ئاق ساراينىڭ زور سوممىلىق تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش تىزىملىكى ئېلان قىلىنىشى بىلەن، ئامېرىكا سودىگەرلەر جەمئىيىتى دەرھال قاتتىق تەنقىدلەپ، بۇ ئامېرىكا ئائىلىلىرى، دېھقانلار، دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە ئىش ئورنى ياراتقۇچىلارنىڭ كۈندىلىك تاۋار تەننەرخىنى ئۆستۈرۈپ، ئامېرىكا ئىشچىلىرىنى يەنىمۇ زەخىملەندۈرىدۇ، دەپ قارىدى.

  لېكىن چىنلىقىنى يوقاتقان ئاق ساراينىڭ قۇلىقىغا بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلار كىرمىدى. بىر قىسىم كىشىلەر بىر تەرەپ قورۇقچىلىق ئىدىيەسىگە چوڭقۇر پېتىپ، ھەتتا قارىغۇلارچە «سودا ئۇرۇشى قىلىش ياخشى ئىش، شۇنداقلا ئاسانلا يەڭگىلى بولىدۇ» دەپ قاراپ، زور دەرىجىدە بېسىم قىلىش ئارقىلىقلا جۇڭگونى يادرولۇق مەنپەئەتىدىن ۋاز كەچتۈرۈپ، پىرىنسىپسىز يول قويۇشقا مەجبۇرلىغىلى بولىدۇ، دەپ خام خىيال سۈردى.

  ئامېرىكىنىڭ ئۆكتەملىك بىلەن سودا ئۇرۇشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ. «تۈزەشتىن ئارتۇق ئامەت، مالىمانچىلىقتىنمۇ ئارتۇق ئاپەت يوق». تەرتىپلىك خەلقئارا سودا سىستېمىسى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەلىپى، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم ئۇل تاش. ئامېرىكىنىڭ سودا قائىدىسىنى ئارقا-ئارقىدىن بۇزۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشى، يولسىز جېدەل قىلىشتۇر. ئامېرىكىنىڭ سودىدا زومىگەرلىك قىلىشى ئىقتىسادقا زىيان سېلىپلا قالماي، يەنە ئوبرازىنى بۇزۇپ، ئاخىرىدا پەقەت ئۆزىنى مۈشكۈل، ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.

  ئامېرىكىنىڭ تارىخقا پىسەنت قىلماي، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن سودا ئۇرۇشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى چەكسىز ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ھەر قايسى دۆلەت ئىقتىسادى دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، قىممەت زەنجىرىگە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە سىڭىپ كىرىپ، بىر-بىرىگە تايىنىپ، گۈللىنىش-خارابلىشىشتا بىرگە بولىدۇ. ئۆزى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىن ئىلگىرى باشقىلارنىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇرۇش ئەڭ توغرا تاللاشتۇر. «نۆل يىغىندىلىق رىقابەت»تىن ئىبارەت كونا تەپەككۇردا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئىختىيارىچە سودا ئۇرۇشى قوزغاش ئالاقىدار ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە دۇنيا كەسىپ زەنجىرىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. ئامېرىكا تارىختا كۆپ قېتىم باشقا دۆلەتلەرنى تاموژنا بېجى بىلەن قىستىغاندا، نەتىجىدە يا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەسىر كۆرسەتكەن، يا زاكاز زور دەرىجىدە كېمىيىپ، ئامېرىكا ھەتتا دۇنيا ئىقتىسادى ئۇزاق مۇددەت ئارقىغا چېكىنگەن. ئامېرىكىنىڭ ھازىرقىدەك ئاخىرقى نەتىجە بىلەن ھېسابلاشمايدىغان بىر تەرەپ قورۇقچىلىق ئىدىيەسى ئۇسۇلى جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگىمۇ، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيانىڭ مەنپەئەتىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر