باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

«جىنجياڭ تەجرىبىسى» تەرەققىيات مۆجىزىسىنى ياراتتى

2018.07.09 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىنجياڭ باشتىن-ئاخىر فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئەڭ تېز، ئەمەلىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك ناھىيە-شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى، كۆپ يىللاردىن بۇيان مەملىكەت بويىچە 100 كۈچلۈك ناھىيە-شەھەرلەرنىڭ ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدە تۇردى. جىنجياڭ بۇنداق تەرەققىيات مۆجىزىنى قانداق ياراتتى؟ بۇ ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالقىشىغا نېمە تۈرتكە بولدى؟ مەيلى جىنجياڭلىقلارنى زىيارەت قىلىڭ ياكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار بىلەن جىنجياڭنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىڭ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېيىشىۋالغاندەك بىر خىل جاۋاب بەردى، ئۇ بولسىمۇ «جىنجياڭ تەجرىبىسى»، ئۇلار ئۇنى نەزەرىيە ئارقىلىق ئىسلاھات، تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ ئۈلگىسى قىلدى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش باھار شامىلىنىڭ تۈرتكىسىدە، جىنجياڭلىقلار تىركىشىپ يېڭىشقا جۈرئەت قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىكار تۇرغان ئۆي، بىكار تۇرغان بايلىق، بىكار ئەمگەك كۈچىدىن ئىبارەت «ئۈچ بىكار»دىن باشلاپ ئىگىلىك تىكلەپ، ناھىيەنىڭ ئۆزگىچە تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدەندى. شى جىنپىڭ 2002-يىلى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى بولغاندا، ئۇنى «جىنجياڭ تەجرىبىسى»دەپ خۇلاسىلىدى، يەنى باشتىن-ئاخىر ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، بازارنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ غەلىبە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، سەمىمىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئۆز يېرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى مەۋقە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكلىشى ۋە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش؛ شەكىللىك يول بىلەن شەكىلسىز يول، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار بىلەن چوڭ كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر بىلەن ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سانائەتلەشتۈرۈش بىلەن شەھەرلەشتۈرۈش، بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن يېڭىچە مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇش ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت. 16 يىلدىن بۇيان «ئالتىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش» بىلەن «بەش چوڭ مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش»نىڭ تەلىپى جىنجياڭ، چۈەنجۇ ھەتتا پۈتكۈل فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشىگە، ھالقىما تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر