- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى كەڭ ساياھەتچىلەرگە ئەسكەرتىش قىلدى - -
چەت ئەلدە ساياھەت قىلغاندا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش كېرەك
2018.07.10 14:20 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يازلىق تەتىللىك ساياھەتنىڭ جانلىنىش مەزگىلى يېتىپ كەلدى، جۇڭگو پۇقرالىرى ئىچىدە، چەتئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىدىغانلارنىڭ سانى تېز ئاشماقتا، بۇ يىل يازدا ئاراللارنى ساياھەت قىلىش داۋاملىق جانلىنىپ، ئەركىن ساياھەت قىلىش قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. كەڭ ساياھەتچىلەرنىڭ خاتىرجەم، خۇشال ۋە راھەت تەتىل ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇل ساياھەتچىلەرگە، ساياھەت ۋە دىپلوماتىيە قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ئېلان قىلغان سەپەرگە چىقىش ئەسكەرتىشىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، مەنزىل جايلارنىڭ ھاۋاسى، سەھىيە، قاتناش ۋە جەمئىيەت ئامانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ، ساياھەتنىڭ خەۋپ-خەتەرنى ئالدىن باھالاپ، تېررورلۇق ھۇجۇمى كۆپ يۈز بېرىدىغان، سىياسىي ۋەزىيىتى تۇراقسىز بولغان ياكى ئېغىر يۇقۇم يۈز بەرگەن دۆلەت ۋە رايونلارغا بارغاندا ئېھتىياتچان بولۇش ياكى ۋاقتىنچە بارماسلىقنى ئەسكەرتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر