باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى، جىددىي تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى نۆۋەتتىكى خەتەردىن ساقلىنىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى

2018.07.10 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تايلاندنىڭ پۇگيى ئارىلىغا يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىدە ساياھەت پاراخوتى كۆمتۈرۈلۈپ، ئېلىمىز ساياھەتچىلىرىنىڭ زور تالاپەتكە ئۇچرىغانلىق ھادىسىسىگە قارىتا، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى، جىددىي تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى 6-ئىيۇل ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلاردىن مەسئۇلىيەت ۋە تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەۋقۇلئاددە ئېغىر ھادىسىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە توسۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ھازىر دەل ئاساسلىق تاشقىن ۋە يازلىق تەتىل، شۇنداقلا ساياھەتچىلىكنىڭ جانلانغان مەزگىلى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشى كۆپىيىپ، بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرى ئاشتى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. مېتېئورولوگىيە، دېڭىز-ئوكيان، يەر تەۋرەش، گىدرولوگىيە، گېئولوگىيەلىك ئاپەت قاتارلىق تارماقلارنىڭ ئالدىن مەلۇمات بېرىش نەتىجىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئىلمىي، مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم قىلىش؛ رادىيو، تېلېۋىزىيە، مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار، يان تېلېفون ئۇچۇر سۇپىسى قاتارلىق يوللاردىن پايدىلىنىپ، ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى ۋە خەۋپ-خەتەر ئەسكەرتىشىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىش، تەكرار ئاڭلىتىش؛ ساياھەت تارماقلىرى ساياھەتچىلەرنى ساياھەت مەنزىلىنىڭ ھاۋا، تازىلىق، قاتناش، تاسادىپىي ۋەقە، جەمئىيەت ئامانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئەسكەرتىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك ساياھەت ۋە مائارىپ تارماقلىرى مەزكۇر سىستېما، مەزكۇر ساھەنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ساياھەت تارماقلىرى «قارا ۋاسىتىچى»، «قارا كۆتۈرە ئاپتوموبىل»، «قارا ساياھەت يېتەكچىسى» قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىشى؛ دېڭىز ئۈستى، سۇ ئۈستى، تاغ ۋە دالا ساياھىتى قاتارلىقلارنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇنلار خادىملارنىڭ كۆلىمىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىپ، ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن مۇساپىنى ۋاقتىدا تەڭشىشى؛ ئېغىر ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋا رايى ياكى زور يوشۇرۇن خەۋپ ساقلانغان شۇنداقلا ۋاقتىدا تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى كەسكىن تاقاش ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىش؛ مائارىپ تارماقلىرى ھادىسە دېلو مىسالىغا بىرلەشتۈرۈپ خەتەردىن ساقلىنىش ساۋاتى ۋە ماھارىتىنى سۆزلىشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر