باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ سابىق ئەزاسى رېيىس جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسىغا قېتىلدى

2018.07.10 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ سابىق ئەزاسى رېيىس 8-ئىيۇل چۈشتە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى. شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق چەت ئەللىك ئەزا ھېسابلىنىدىغان رېيىس بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدىكى يەنە قېپقالغان 17 مەيدان مۇسابىقىنى كوماندا بىلەن بىرلىكتە تاماملايدۇ.ھازىر 35 ياشقا كىرگەن رېيىس ياش ۋاقتىدىلا نام چىقارغان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئارسېنال، خان جەمەتى مادرىد قاتارلىق ياۋروپادىكى داڭلىق كۇلۇبلاردا توپ ئوينىغان ۋە ئىلگىرى سېۋىللا كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە ئۈچ قېتىم ياۋروپا بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. يان ھۇجۇمدا ئوينايدىغان رېيىسنىڭ ياخشى بولغان پۇت تېخنىكىسى ۋە ئىچىگە بۆسۈپ كىرىش تېخنىكىسى بار بولۇپ، ھەر دائىم كوماندىغا ياردەم قىلىپ، مۇھىم پەيتلەردە ئوتتۇرىغا چىقىپ، قاتمال ھالەتنى بۇزۇپ تاشلىيالايدۇ. رېيىس ئالدىنقى مۇسابىقە پەسىلىدە ئىسپانىيە ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ كوردوۋا كوماندىسىدا توپ تەپكەن ۋە كوماندىنىڭ دەرىجە ساقلىشىدا چوڭ تۆھپە كۆرسەتكەن. مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەقسىز ئەزا ھالىتىدە شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسىغا قوشۇلغان.

  «ئەينى يىللىرى ئارسېنالدا توپ تەپكەندە ھېنرى ماڭا نۇرغۇن ياردەم قىلغان، ھازىر مەنمۇ كونا سەركەردە بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭدىكى ياش پۇتبولچىلارغا تېگىشلىك ياردىمىمنى سۇنىمەن.»بۇ پەسىللىك ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى ھازىرغا قەدەر بىر مەيدانمۇ يەڭمىدى. ھازىر دەرىجە ساقلاپ قېلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر مەسىلە بولۇپ قالماقتا. بۇنىڭدا چەت ئەللىك ئەزالارنىڭ ئىپادىسىنىڭ نورمالسىز بولۇشى مۇھىم بىر سەۋەب، كوماندا ھازىر تەجرىبىسى مول بولغان رېيىسنى كىرگۈزدى، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئوتتۇرا ۋە ئالدى مەيداننى كۈچەيتىش.

  14-چېسلا، شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا خېيلۇڭجياڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ، رېيىسنىڭ بۇ مەيداندا ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى ئويناش مۇمكىنچىلىكى بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر