باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى

(2018-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى)

2018.07.10 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە كاپىتالى دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىز ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ماددىي ئاساسى ۋە سىياسىي ئاساسى. دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىدىغان، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان-كونترول قىلىدىغان، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان مۇھىم تۈۋرۈك، ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلىنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشى، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم كۈچ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنىڭ كۆلىمى مۇقىم ئېشىپ، ئەمەلىي كۈچى كۈنسېرى زورىيىپ، باشقۇرۇش تۈزۈلمە-مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يۈرۈشۈش ئۈنۈمى كۈنسېرى ئېشىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى. لېكىن شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، ھازىر، دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنى باشقۇرۇشتا يەنىلا مەسئۇلىيەت تارقاق بولۇش، ھوقۇق-مەسئۇلىيەت ئېنىق بولماسلىق، ھوقۇق بېرىش ئېنىق بولماسلىق، ئورۇنلاشتۇرۇش مۇۋاپىق بولماسلىق ھەم سەپلەش ئۈنۈمىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش زۆرۈرىيىتى بولۇش، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ئەمەلىيلەشمەسلىك قاتارلىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر ساقلانماقتا، دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە كاپىتالى تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. كەلگۈسىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنىڭ مۇھىم رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنى باشقۇرۇش، ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى ئىشلىتىش، كۈچەيتىش، ياخشىلاش، زورايتىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ھاياتىي كۈچى، كونترول قىلىش كۈچى، تەسىر كۈچى ۋە خەۋپ-خەتەرگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ

  (1) يېتەكچى ئىدىيە. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر خىل مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداشنى ئالدىنقى شەرت، دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنىڭ ئۈنۈمى ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى، رىقابەتلىشىش كۈچى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز، بازار ئىگىلىكىنىڭ قانۇنىيىتى ۋە كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشنى پىرىنسىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تىجارىتىگە تۈرتكە بولۇپ، پۇل مۇئامىلىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ پۇل-مۇئامىلە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر